كاپۇر

بۇ كامپورا ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 2 ~ 3 مېتىر ئۆسىدىغان، دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان كامپورا دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان كىرىستال شەكىللىك جەۋھەر.

ئۇيغۇرچە نامى كاپۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 樟脑

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كامپورا ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 2 ~ 3 مېتىر ئۆسىدىغان، دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان كامپورا دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان كىرىستال شەكىللىك جەۋھەردىن ئىبارەت (Cinnamonum Camphora L.pres) بولۇپ، پۇرىقى ئۆتكۈر، بۇ دەرەخنىڭ مۇشۇ جەۋھىرى «كاپۇر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. يەرلىك ئورۇنغا بولغان تەسىرى: كاپۇرنى تېرىگە سۈركىسە غىدىقلايدۇ ھەم چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە سۈركىسە مېتالغا ئوخشاش سالقىن سېزىم بولىدۇ. ئۇ يەرلىك ئۇرۇننى يەڭگىل سەزمەس قىلىش رولىغا ئىگە.

2. مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كاپۇرنىڭ پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەسىرى ئاساسلىق مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي نېرۋا مەركىزىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوزغايدۇ.

3. قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كاپۇر ياسالمىسى يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

4. بەدەن ئىچىدىكى جەريانى كاپۇر شىللىق پەردە، تېرە ئاستى مۇسكۇلىدىن ئۆتۈپ ئاسان شۈمۈرلىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ياللۇغ قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، ئارام بېرىش، تارتىشىشنى بوشىتىش، قوزغىتىش، تەرلىتىش، يەرلىك ئۇرۇننى مەست قىلىش ۋە يەڭگىل دەرىجىدىكى چىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئىچىنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش.

ئىچى سۈرۈش، قۇرساق ئېسىلىش، بەل ئاغرىش، ئۆپكە جاراھىتى، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۇيقۇسىزلىق، بۇرۇن قاناش، يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. 125 ~ 500 مىللىي گىرام كاپۇرنى سۈتتە ئېرىتىپ ئىستېمال قىلسا، سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، بۇرۇن قاناش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.

2. 120 مىللىگىرام كاپۇرنى 30 مىللىگىرام ئەپىيۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۇمىلاچ قىلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەپ ياتسا ئېھتىلام بولمايدۇ.

3. كاپۇرنى گۇلاب، ئاق سەندەل قاتارلىقلار بىلەن باشقا چاپسا ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ ۋە سەزگۈر نېرىپلارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

4. كاپۇرنى قائىدە بويىچە گۈل يېغى ۋە سىركە بىلەن قوشۇپ پېشانىگە چاپسا، سەپرا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. قىزىق تەپلەرگە ئوبدان تەسىر قىلىدۇ.

5. كاپۇرنى يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيى ۋە پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا (باشنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر جايغا قويسا)، بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.

6. كاپۇردىن ئارپا مىقدارى ئېلىپ بادروج، سىركە، غورا سۈيى قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تېمىتسا، ئىسسىق مىزاجلىقلارنىڭ ئۇيقۇسى ۋە مېڭە ئاجىزلىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.

7. كاپۇرنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن ئېرىتىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقى ۋە مېڭە مەنبەلىك بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.

8. كاپۇرنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ، سۇپوپ تەييارلاپ چىشقا باسسا قۇرۇت يېگەن چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

9. كاپۇرنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سەپسە، يىرىڭلىق جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

125 ~ 500 مىللىگىرام.

سوغۇق مىزاجلىقلارغا زىيان قىلىدۇ، ھەزىمنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، چاچلارنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ، بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش پەيدا قىلىدۇ.

ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇزقەھرى، گۈلقەنت، بىنەپشە.

تاباشىر، ئاق سەندەل.

ئېلىمىزنىڭ شەرقىي، جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ۋە ھىندىستاندىن چىقىدۇ.

قۇرسى كاپۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#