تۈگمەگۈل

تۈگمە گۈلى

تۈگمە گۈلى، ئانادولۇدا ياپراقلىرى ۋە يېڭى تاللىرىدىن سالاتا ئېتىلىدىغان، بولۇپمۇ ياپراقلىرىدىن سارما ئېتىلىدىغان بىر ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى تۈگمەگۈل
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈگمە گۈلىتۈگمە گۈلى، ئانادولۇدا ياپراقلىرى ۋە يېڭى تاللىرىدىن سالاتا ئېتىلىدىغان، بولۇپمۇ ياپراقلىرىدىن سارما ئېتىلىدىغان بىر ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ كۆپ ئاق دېڭىز رايونىدا ياشايدىغانلار، چۈچۈمەل تەملىك تۈگمە گۈلىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئىستېمال قىلىدۇ. چۇكۇرئوۋادا تۈگمە گۈلىدىن ھەتتا تۇرشۇمۇ قىلىنىدۇ. ئانادولۇ خەلقى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بۇلگۇردىن ئېتىلىدىغان قىسىرنى تۈگمە گۈلىنىڭ ياپراقلىرىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ يېيىش ئادەتتۇر. تۈگمە گۈلى ئانادولۇدا، ئەبەگۈمەجى، دەۋەلانگىر، دەۋەلىك، دەۋەتابانى، ئەبەكۆمەچ، گابا، ئەلىگۈمەچ، پاچىق، كازان كاراسى ۋە ئىلمىك دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.

كىچىك ياپراقلىق تۈگمە گۈلى، كىشىلەر ياشايدىغان جايلارنىڭ ئەتراپلىرىدا، چىتلار، يوللار، كونا تاملىقلاردا ۋە خارابىلىقلاردا ئۆزلىكىدىن ئۆسىدۇ. چوڭ ياپراقلىق تۈگمە گۈلى ۋە باشقا تۈرلىرى، چېچەك ۋە كۆكتات باغچىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئانادولۇدا سەككىز خىل تۈگمە گۈلى يېتىشىدۇ. 

تۈگمە گۈلى قۇرۇتۇلغاندا بەزى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا ئەڭ يېڭىسى ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ قۇرۇتۇلغىنىنىمۇ قوللانغىلى بولىدۇ. تۈگمە گۈلىنى ھوسۇل پەسلىدە بازاردا ناھايىتى ئاسان تاپالايمىز. يازدا ئالغان بىر قانچە باغلام تۈگمە گۈلىنى ئوچۇق ھاۋادا ياكى سايە چۈشۈپ تۇرىدىغان جايلاردا قۇرۇتقىلى بولىدۇ، سوغۇق پەسىلدە قۇرۇتۇلغان تۈگمە گۈلىنىڭ ياپراقلىرىنى، چېچەكلىرىنى ۋە تاللىرىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. قۇرۇتۇلغان تۈگمە گۈلى ياپراقلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن نەم جايلاردا ساقلىماسلىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

تۈگمە گۈلىنىڭ چېچەكلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى، بىنەپشە رەڭ، كۆك ۋە كۈلرەڭ قاتارلىق ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ. تۈگمە گۈلىنىڭ چېچەكلىرىنى، ياپراق ۋە تاللىرىنى ئىيۇن ئېيىدىن سېنتەبىر ئېيىغىچە توپلىغىلى بولىدۇ. 

تۈگمە گۈلى جەۋھىرىتۈگمە گۈلىنىڭ قۇرۇق ياپراقلىرى ۋە چېچەكلىرىنى چاي قىلىپ ئىچكىلى بولىدۇ. دەملەنگەن تۈگمە گۈلىنىڭ سۈيى بىلەن قول ۋە پۇتنى يۇغاندا ھاردۇقنى چىقىرىدۇ، كۆزگە سۈركۈگەندە كۆزنى ئارام ئالغۇزىدۇ. تۈگمە گۈلى مەلھىمىنى جاراھەت ئاغزىغا ۋە قىچىشقان يەرلەرگە سۈركەشكە بولىدۇ. تۈگمە گۈلى چېيى تەييارلانغاندا، نىپىز كېسىلىپ، قۇرۇتۇلغان ئۆسۈملۈكنى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى ئىستاكانغا تولدۇرۇلغان سۇغا چىلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. كەچتە چىلاپ قويۇلغان تۈگمە گۈلى ئەتىسى ئەتىگەندە سۈزۈلىدۇ ۋە ئىسسىتقاندىن كېيىن ئىچكىلى بولىدۇ. تۈگمە گۈلىنى تەييارلىغاندا سوغۇق سۇ ئورنىغا قاينىتىلغان سۇنى ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدىغانلارمۇ بار، ئەمما مەيلى سوغۇق سۇ بولسۇن ياكى قايناق سۇ بولسۇن تۈگمە گۈلى چېيىنى ئوتتا قايناتسماستىن تەييارلاش كېرەك. تۈگمە گۈلى چېيى زۇكام ۋە كانايچە ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ، ھۆتەلنى توختىتىدۇ، ئاۋاز بوغۇلۇپ قېلىشنى تۈگىتىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى راھەتلىتىدۇ. تۈگمە گۈلى چېيىنى كۈندە ئىككى–ئۈچ ئىستاكان ئىچىشكە بولىدۇ.

تۈگمە گۈلى، ئۆسۈملۈك ئورنىدا كېسەل داۋالاش ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاقتىدا، باشقا ئۆسۈملۈكلەردە بولمىغان بىر ئالاھىدىلىكى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. تۈگمە گۈلى، توغرا بولغان ئۆسۈملۈك ئارىلاشمىسىغا قوشۇلغاندا، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. خاتا قىلىنغان ئۆسۈملۈك ئارىلاشمىغا قېتىلغاندا، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك، تۈگمە گۈلى قوشۇلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئارىلاشما نىسبەتلىرى ناھايىتى ياخشى تەڭشىلىشى لازىم. يەنى ھەر قاچان ئەسكەرتكىنىمىزدەك، ئۆسۈملۈك مەلھىمى ياساشنى بىر مۇتەخەسسىسكە تاپشۇرۇش ئەڭ توغرا ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. شىپالىق ئۆسۈملۈكلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرگە قۇلاق سېلىش ۋە تەۋسىيەلىرىگە بويسۇنۇش ئەڭ ياخشى ئەھۋالدۇر. تۈگمە گۈلىنى ئىستېمال قىلغىنىمىزدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار؛ ئانا بولۇشنى خالايدىغان ئاياللار تۈگمە گۈلى قوشۇلغان يېمەكلىكلەر، سالاتا ۋە تۈگمە گۈلى چېيىدىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىم. چۈنكى، تۈگمە گۈلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھامىلە قېلىشنى قىيىنلاشتۇرۋېتىدۇ. بۇ تەرىپى بولسىمۇ، تۈگمە گۈلىنىڭ بوغۇز ئۈچۈن چەكسىز بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى، تۈگمە گۈلىنى ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئۆسۈملۈككە ئايلاندۇرىدۇ.

تۈگمە گۈلى چېيىقول–پۇتىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۈگمە گۈلى سۈيىنى تەييارلىغاندا، ئىككى سىقىم يېڭى تۈگمە گۈلىنى 4–5 لىتىر سوغۇق سۇغا ئاخشامدىن باشلاپ چىلايمىز. ئەتىسى كۈنى ئىسسىتىپ، قول–پۇتىمىزنى يۇيىمىز. قول–پۇتىمىزنى يۇغان ۋاقتىمىزدا تۈگمە گۈلى سۈيىنىڭ ئادەم بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك ئىسسىق بولۇشقا دىققەت قىلىشمىز لازىم. بۇنداق بولغاندا پايدىلىق تەرەپلىرى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بىرىنچى قېتىم ئىشلەتكەن سۇنى قايتا ئىسسىتىپ، ئىككىنچى قېتىم قوللىنالايمىز. سۆڭەكتە سۇنۇق بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىششىقنى، تۈگمە گۈل سۈيىنىڭ ناھايىتى راھەتلىتىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئەگەر تۈگمە گۈل مەلھىمى ياسىماقچى بولساق، تۈگمە گۈلى چېيى سۈزۈلگەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان شامىلىرىنى ئىشلىتەلەيمىز. ئازىراق سۇدا ئىسسىتىلغان شامىلار، ئارپا ئۇنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر داكىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، ئىسسىق ھالدا قوللىنىلىدۇ. خۇددىي قول–پۇتىمىزنى يۇغىنىمىزغا ئوخشاش، يارا ئاغزىنى تاڭغان ۋاقتىمىزدا سۇنىڭ ئىسسىقلىقى ئىنتايىن مۇھىم. تۈگمە گۈلىنىڭ تېرىنى يۇمشىتىش، قوغداش ۋە نەملىكىنى ئاشۇرۇش رولى بار. كۆپىنچە ئادەملەر تۈگمە گۈلى مەلھىمىنىڭ كۆز ئاستى ئىششىقلىرىنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ۋە كۆز ئەتراپىغا قورۇق چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تۈگمە گۈلىنىڭ ئاقسىل ۋە ۋىتامىن س ئامبىرى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ، تەركىۋىدە كالېتسىي ۋە فوسفور بار. شۇڭا، ئېغىز ۋە چىش تازىلاش ئۈچۈن تۈگمە گۈلى سۈيىدىن غەر–غەر قىلىش ناھايىتى مۇۋاپىق. تەركىۋىدىكى بەزى ماددىلار چىش مىلىكلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئېغىزدىكى باكتىرىيەلەرنى يوقىتىشقىمۇ پايدىلىق. بىر قانچە ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ قىلغان تۈگمە گۈلى غەر-غەرغىرى، بادام بېزى، يۈرەك سانجىقى ۋە ساغلام بولمىغان چىش مىلىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بولۇپمۇ بادام بېزى ئاغرىقىقا قارشى تۈگمە گۈلى چېيى ۋە ئادا چېيىدىن غەر–غەر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئادا چېيىدىن ۋە تۈگمە گۈلى چېيىدىن قىش ئايلىرىدا پات–پات غەر–غەر قىلىپ بەرگىنىمىزدە، بوغۇز كېسەللىكلىرىگە بولغان پايدىسىنى ھېس قىلالايمىز. ئاستا خاراكتېرلىك بادام بېزى كېسەللىكى ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرىگە ئادا چېيىنىڭ پايدا قىلىدىغان شىپالىق كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقارغىنى تۈگمە گۈلىدۇر.

ھەممە شىپالىق ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش، تۈگمە گۈلىمۇ ئازىيىشقا باشلىدى. يېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدا ئۆسىدىغان تۈگمە گۈلىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغان ئامىل، ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىغا سېمونت تۆكۈلىشىدۇر. ئۆيلەرنى لاي–لاتقىلاردىن ۋە زەيلىكتىن قوغداش، ئۆيلەرگە چىرايلىق مەنزىرە پەيدا قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىشلار، تۈگمە گۈلىنىڭ تەبىئىي يېتىشىش ساھەلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. تەبىئەتكە قىلىنغان ھەر بىر مۇداخىلە، بىزگە ئازايغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى بولۇپ قايتماقتا. سالامەتلىكىمىزگە بولغان پايدىلىرى سەۋەبلىك پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدىغانغا ئوخشاش، تۈگمە گۈلىنى قوغداشنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى، دەپ بىلىشىمىز لازىم.

قەدىمكى رىم يازغۇچىسى ۋە پەيلاسوپ پىلىنىيۇس: «كۈندە بىر قوشۇق تۈگمە گۈلى يېگەن كىشى ئۆمۈر بويى كېسەللىكتىن ئۇزاق تۇرار» دەيدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە ئىنتايىن ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بىر يېمەكلىكنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى تۈگمە گۈلىدۇر. ئەرەبلەر سالاتالىرىدا، ئۇماچ ۋە باشقا يېمەكلىكلىرىدە تۈگمە گۈلىگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۈركلەر تۈگمە گۈلىنى گۈرۈچ يېمەكلىكلىرىگە قوشىدۇ. ئۇندىن باشقا قاتلىما ۋە قورومىلارغا سالىدۇ. ئانار تەمىدىكى چۈچۈمەل تۈگمە گۈلى سالاتاسى ئادانادا كۆپ ئېتىلىدۇ. ئىچكى ئانادولۇ رايونلىرىدا تۈگمە گۈلى سېلىنغان گۆشلۈك يېمەكلىكلەر ۋە كۆكتات يېمەكلىكلىرى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈلىدۇ. سالاتا ئەتكەندە، تۈگمە گۈلىگە ئازىراق تۇز سەپكەندىن كېيىن، سالاتاغا سالساق بولىدۇ. تۈگمە گۈلىنىڭ يېڭى تاللىرىنى سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، قېتىق سېلىپ سالاتا ئەتكىلى بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5892

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#