جۇۋىنە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇۋىنەجۇۋىنە بولسا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق جۇۋىنىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 ~ 0.5 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپ شاخلىق، سىرتىدا تېيىز، ئۇزۇنغا كەتكەن ئېرىقچىلىرى بار؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، تۈۋى غىلاپسىمان بولۇپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۈچ – تۆت قايتىلانغان پەيسىمان يېرىلغان، يېرىقچە ياپراقلىرى يىپسىمان بولىدۇ؛ مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، ئاق مېۋىسى ئۇرۇق مېۋە بولۇپ، شەكلىك ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، رەڭگى قارامتۇل سېرىق كېلىدۇ.قولدا ئەزگەندىن كېيىن، ئۆتكۈر پۇراق كېلىدۇ.كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم مىسىر، ئەرەبىستان، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
ئاشقازان، ئۈچەي، باھ ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سېزىمگە ياردەم بېرىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، پارقىرىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، قورساقتىكى قۇرۇتنى ئۆلتۈرۈش، تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىشتىھاسىزلىق، سۈت كاناللىرىنى ئېچىش، ئىشىشق قايتۇرۇش، تەرلىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتى بار.
ئۇرۇقى تەركىبىدە %4 ~ 3 كىچە ئۇچۇچان ماي بار، ئۇچۇچان مېيىدا ئاساسلىقى تېمول (Thymol) بولۇپ، بۇ %40 ~ 30 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە %30 كىچە ماي، %16 ئەتراپىدا ئاقسىل بار.
تېمول ئېغىز بوشلۇقى، كاناي شىللىق پەردىلىرىگە نىسبەتەن باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە، قۇرت يېگەن چىشلاردا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ناركوز قىلىش تەسىرى بار. يەنە تەېرىدىكى يىرىڭلىق يۇقۇملىنىش، زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارغا ئشلىتىلىدۇ. يەنە ئىلمەك باشلىق قۇرتنى چۈشۈرۈش رولى بار. مىقدارى كۆپ بولسا قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن يەنە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى قوزغىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. لېكىن تارتىشىش ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدۇ، جۇۋىنە ئۇرۇقىنىڭ مېيىدا %30 تېمول بار بولۇپ، سازاڭ قۇرتىنى زەھەرلەيدۇ. ئىسپىرتلىق ئېرىتمىسى (10.1 نىسبەتتىكى) ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىلىرىنى تورمۇزلايدۇ. سۇيۇقلاندۇرۇلمىسى بەلغەم بوشاتقۇچى قىلىپ ئشلىتىلىدۇ.
1. 10 گرام جۇۋىنىنى قورۇپ، بەدىيان، پىننىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ كۈندە ئىككى ۋاق ئىچسە، ھەزىم ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىسھالغا شىپا بولىدۇ.
2. جۇۋىنىلەر، ئارپىبەدىيان، رۇم بەدىياندىن 10 گرامدىن ئېلىپ ئارلاشتۇرۇپ سوقۇپ، چايلىق قىلىپ ئىچسە، يەل تارقىتىدۇ.
3. جۇۋىنە ، خولىنجان، 5 گرامدىن سوقۇپ تاماققا سېلىپ ياكى كاۋابقا سېپىپ يېسە، تولا كېكىرىشكە شىپا بولىدۇ.
4. 10 گرام جۇۋىنىنى يۇمشاق سوقۇپ 30 گرام ئەينۇلا مۇرابباسىغا ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ
مەجۇنى نانىخۇا، سۇپۇپى ھازىمە
ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش، قورساق كۆپۈش، پالەچ، رەئىشە، پەي ۋە باھ ئاجىزلىقى، كۆكرەك ئاغرىقى، ھېق تۇتۇش، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، بەھەق، بەرەس، سۈيدۈكنىڭ تەستە كېلىشى، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، تولا كېكىرىش، يەلدىن بولغان قورساق ئاغرىقى، ئۈچەي ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، ھەيز توسۇلۇش، سۈت كەملىك، قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.