سىرەك توپا

سىرەك توپا
سىرەك توپا: خىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى لانتان سىستېمىسىدىكى ئېلېمېنت ــــ لانتان  (La)، سېرىي  (Ce)، پرازېئودىمىي (Pr)، نېئودىمىي  (Nd)، پرومىتىي  (Pm)، سامارىي  (Sm)، ئېۋروپىي (Eu)، گادولىنىي(Gd)، تېربىي  (Tb)، دىسپروزىي... قاتارلىق 17 خىل ئېلېمېنتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سىرەك توپا ئېلېمېنتى (Rare Earth) دەپ ئاتىلىدۇ. سىرەك توپا ئېلېكتىرون، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق، ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت، مۇھىت ئاسراش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سىرەك توپا
ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Rare Earth
خەنزۇچە ئاتىلىشى 稀土
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، ھىندىستان، ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 سىرەك توپا: خىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى لانتان سىستېمىسىدىكى ئېلېمېنت ــــ لانتان  (La)، سېرىي  (Ce)، پرازېئودىمىي (Pr)، نېئودىمىي  (Nd)، پرومىتىي  (Pm)، سامارىي  (Sm)، ئېۋروپىي (Eu)، گادولىنىي  (Gd)، تېربىي  (Tb)، دىسپروزىي (Dy) ، گولمىي  (Ho)، ئېربىي (Er)، تۇلىي (Tm) ، ئىتتېربىي  (Yb)، لۇتېتسىي  (Lu)، شۇنداقلا لانتان سىستېمىسىدىكى بۇ 15 ئېلېمېنت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ئېلېمېنت ـــــ سكاندىي (Sc) ۋە ئىتترىي (Y) دىن ئىبارەت 17 خىل ئېلېمېنتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سىرەك توپا ئېلېمېنتى (Rare Earth) دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ سىرەك توپا (RE ياكى R)دېيىلىدۇ.

 سىرەك توپا ئېلېكتىرون، نېفىت–خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، ماشىنىسازلىق، ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت، مۇھىت ئاسراش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

 سىرەك توپا ئىلىكتىر، ماگنىت، نۇر ھەمدە بىئو-خىمىيە قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر گۇرۇپپا يېڭى تىپتىكى فۇنكىسىيەلىك ماتېرىيال، شۇنداقلا ئۇچۇر تېخنىكىسى، بىئو تېخنىكىسى، ئىنىرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى ۋە دۆلەت مۇداپىيە قۇرۇلىشىدىكى مۇھىم ئۇللۇق ماتېرىيال ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يېزا ئىگىلىكى، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى قاتارلىق بىر قىسىم ئەنئەنىۋى كەسپلەرنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. سىرەك توپىنىڭ ئىشىلتىلىش ئورنى كەڭ بۇلۇپ، كۆلىمى زور بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپ توپىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇ كەڭ بازار ئىستىقبالى ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

سىرەك توپا  زور قورال–ياراغ سىستېمىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ماتىرىيالى بۇلۇپ، ئامېرىكا سىرەك توپىنى ئاساسەن دېگۈدەك جوڭگۇدىن ئىمپورت قىلىدۇ. ياپونىيەمۇ سىرەك توپىنى ئاساسلىق ئىشلەتكۈچى دۆلەت بۇلۇپ، نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىكىسپورت قىلغان سىرەك توپىنىڭ مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

     سىرەك توپا ئىلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىراتىگىيىلىك بايلىق بۇلۇپ. ئۇ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئۆتكۈر كەسىپلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان خام ماتىرىيالى. ئىلىمىزدە تۆمۈر كېنى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىستىراتىگىيىلىك بايلىقلار كەمچىل. ئەمما سىرەك توپا بايلىقى ئىنتايىن مول.

     نۆۋەتتە بايلىق مەنبەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇق–مەنپەتىنى قوغداپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىشىدىكى مۇھىم قورالى ھىسابلىنىدۇ. ئېلىمىز ئىسلاھات–ئېچىۋىتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى يولداش دېڭ شياۋپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بولسا، بىزدە سىرەك توپا بار دېگەن.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#