ئاقسۇ ۋىلايىتى

ئاقسۇ ۋىلايىتى

 ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (ئاقسۇ شەھىرى، ئۇنسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى) قارايدۇ.

نامى ئاقسۇ ۋىلايىتى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت
خەنزۇچە نامى 阿克苏地区
تەۋە رايون جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
نوپۇسى 2 مىليۇن 289 مىڭ 700(2010-يىلى)
چەت ئەلچە نامى Aksu Prefecture

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقسۇ ۋىلايىتىئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان، قىرغىزستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر) . شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (ئاقسۇ شەھىرى، ئۇنسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى) قارايدۇ.ۋىلايەت تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1-شىسىنىڭ شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 17 تۇەن-مەيدان بار. ۋىلايەت مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1008 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 857 مىڭ 100. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %76.65 نى، خەنزۇلار %22.07 نى، باشقا مىللەتلەر %1.28 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن، قۇم، ئۇنسۇ، سەپىرباي، دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان، غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەلاۋدىدىن بولغان خان چاغاتاينىڭ سۇيۇغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24-يىلى (1759-يىلى) ئاقسۇ خان ئامبىلى قويۇلغان. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4-مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان. 

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي قىسمى تاغلىق رايون(بىرقەدەر داڭلىق چوققىلاردىن تەڭرىتاغنىڭ ئاساسلىق چوققىسى تۆمۈر چوققىسى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ) . ئوتتۇرا قىسمى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا، جەنۇبىي قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى %22.63 نى، تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا %48.72. قۇملۇق % 28.65 نى ئىگىلەيدۇ.

 ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئاقسۇ دەرياسى، ئۈگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار بار.

ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، غول لىنىيە دۆلەت يولى 314–لىنيىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋىلايەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، دۆلەت يولى 217–لىنيىسى تەڭرىتاغنى ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدۇ. 

تەۋەلىكىدە ئاقسۇ، كۇچا ئايرودروملىرى بار بولۇپ، ئۈرۈمچى، كورلا، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بىۋاسىتە ئۇچقىلى بولىدۇ. تاشيول، تۆمۈر يول ئاۋىئاتسىيە، تۇرۇبىلىق گاز يەتكۈزۈش بىرلىشىپ ستېرېئولۇق ترانسپورت تورىنى شەكىللەندۈرگەن.

 يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 6 مىليارد 382 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى مىقدارى 7 مىليارد 885 مىليون كۇب مېتىر.

ياۋا ھايۋانات بايلىقى

 ياۋا تۆگە، موڭغۇل قۇلىنى، يىلپىز، ئاق تۇرنا، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار قاتارلىقلار بار.

 ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى

 ئاساسلىقى شىنجاڭ ئارچىسى، داغال قارىغاي، توغراق، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى ۋە چاكاندا قاتارلىقلار بار.

 ھازىرغىچە بايقالغان

قېزىلما بايلىقى

بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن 53 خىلى بار بولۇپ، ئېنېرگىيە، مېتال، مېتاللوئىد، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، ياقۇت ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قېزىلما بايلىقىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، ھاك تاش، گەج، فوسفور، مانگان، تۆمۈر، گرانت تاش، فلوگوپىت، مولىبدېن، ئاليۇمىن، ۋانادىي، ئۇران، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىقلار بار. 

 بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى گاز مەنبەسىنىڭ %80 ى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. [2]

ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ) يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4 9.8(باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 9.1 7.1) . ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-32.0. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2600 - 3000 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4400 - 3300. قىروسىز مەزگىلى 190-250 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ 200-300 مىللىمېتىر. تۈرلەرنىڭ 40-70 مىللىمېتىر(باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 90 مىللىمېتىر ئەتراپىدا) .

ئاقسۇ ۋىلايىتىئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314-لىنىيىسى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ 217-لىنىيىسى جەنۇبتا كۇچادا ئاخىرلىشىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۇتاشقان ھەم كېسىشكەن قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاقسۇ، كۇچا بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ. 44000 پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە تېلېفون ئارقا-ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 

ئاقسۇ قەدىمكى «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم ئۆتەيول بولۇپ، ۋىلايەت تەۋەسىدە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئورنىدىن 59 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، كۇسەن قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار. 

ئاقسۇ ۋىلايىتىئاقسۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ۋىلايەت. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 326 مىڭ 400 گېكتار(4 مىليون 896 مىڭ مو) ، ئوتلاق كۆلىمى 2 مىليون 221 مىڭ گېكتار(33 مىليون 332 مىڭ 500 مو) ، ئورمان كۆلىمى 314 مىڭ گېكتار (4 مىليون 710 مىڭ مو) . يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان 1 مىليون 699 مىڭ گېكتار (25 مىليون 485 مىڭ مو) قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال پاختا، قىزىلچا، قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار.

 بۇنىڭ ئىچىدە شالنىڭ قەدىمدىن «تارتۇق گۈرۈچى» دېگەن نامى بار، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېشىل يېمەكلىك ىلىپ بېكىتلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. 

ئاقسۇ نېمىشقا غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتالغان؟ خەلق رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدا، قەدىمدىن ھەر خىل جەڭلەردە شېھىتلىك مەقامىغا يەتكەن ئاتاقلىق شەخىسلەر كەم، تولاراق ئۇلار جەڭلەردە غەلبە قىلغان، شۇڭا، " غازىيانە ئاقسۇ" دەپ ئاتالغان. بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759-يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بېرىلدى، دېگۈچىلەر بار.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
2.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556389.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#