تۇتۇپ تەكشۈرۈش

تۇتۇپ تەكشۈرۈش

تۇتۇپ تەكشۈرۈش   بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى كېسەللىكلەرگە تەشخىس قىلىپ باھا بېرىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇلدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇتۇپ تەكشۈرۈشتۇتۇپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىلىرى تۇتۇپ تەكشۈرۈش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى كېسەللىكلەرگە تەشخىس قىلىپ باھا بېرىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇلدۇر. دوختۇرنىڭ قول سېزىمى ئارقىلىق قولغا ئۇرۇنغان ئەزا ياكى بەدەن قىسىملىرىنىڭ ئورنى، دائىرىسى، چوڭ–كىچىكلىكى، سىرتقى يۈزى، خاراكتېرى، ھەرىكەت دەرىجىسى، تېمپېراتۇرىسى، مىلىقلاش، تەۋرىنىش، قۇرۇق– نەملىك دەرىجىسى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئېلاستىكىلىقى، باسقاندا ئاغرىشنىڭ بار –يوقلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى ئۇسۇلدىن ئىبارەت 

تۇتۇپ تەكشۈرۈش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى كېسەللىكلەرگە تەشخىس قىلىپ باھا بېرىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇلدۇر. دوختۇرنىڭ قول سېزىمى ئارقىلىق قولغا ئۇرۇنغان ئەزا ياكى بەدەن قىسىملىرىنىڭ ئورنى، دائىرىسى، چوڭ–كىچىكلىكى، سىرتقى يۈزى، خاراكتېرى، ھەرىكەت دەرىجىسى، تېمپېراتۇرىسى، مىلىقلاش، تەۋرىنىش، قۇرۇق– نەملىك دەرىجىسى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئېلاستىكىلىقى، باسقاندا ئاغرىشنىڭ بار –يوقلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى ئۇسۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قاراپ تەكشۈرۈشتە بايقىيالمىغان ئالامەتلەرنى بايقىغىلى، قاراپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان ئالامەتلەرنى بېكىتكىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈشتە بارماق ئۇچى ۋە ئالىقان بارماق بوغۇملىرى قىسمىنىڭ سېزىملىرى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، بۇ ئىككى ئورۇن تەكشۈرۈشتىكى ئاساسىي قىسىم قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېرە، تېرە ئاستى توقۇلمىلار، مۇسكۇل، سۆڭەك، لىمفا تۈگۈنلىرى، يۈرەك قان تومۇرى، ئۆپكە، قورساق قىسمىدىكى ئەزالاردىن جىگەر، تال قاتارلىقلار تۇتۇپ تەكشۈرۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا مەقئەت، تۈز ئۈچەي، جىنسىي يول قاتارلىقلارنىمۇ تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تەكشۈرۈش مەقسىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يۈزە قىسمىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ۋە چوڭقۇر قىسمىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

 يۈزە قىسمىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش

ئوڭ قولنى يەڭگىل ھالدا تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇنغا تەكشى قويۇپ، ئالىقان بارماق بوغۇم ۋە بىلەيزۈك بوغۇمنىڭ ماسلىشىش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، باسماستىن تېيىلدۈرۈش شەكلى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى قارشىلىق سېزىمى، ئاغرىش ياكى لوقۇلداش، مونەكچە، چوڭايغان ئەزا قاتارلىقلارنىڭ بار – يوقلىقىنى ئېنىقلاشتىكى ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇل بەدەن يۈزىدىكى يۈزە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى، تېرە، كۆكرەك قىسىم، بوغۇم، يۇمشاق توقۇلما، ئارتېرىيە، ۋېنا، نېرۋا، ئۇرۇقدان خالتىسى، ئۇرۇقدان بېغىشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 چوڭقۇر قىسمىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش

بارماق ياكى ئالىقان بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بېسىش ئارقىلىق، چوڭقۇر قىسمىدىكى ئەزالاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلاشتىكى ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسەن قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنى تەكشۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە قورساق قىسمىدىكى غەيرىي مونەكچە قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. چوڭقۇر قىسىمنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: تەكشۈرۈش مەقسىتى ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ:

  چوڭقۇر قىسمىنى تېيىلدۇرۇپ تۇتۇپ تەكشۈرۈش

تۇتۇپ تەكشۈرۈش تەكشۈرگەندە بىمارنى گەپ قىلدۇرۇش ياكى ئېغىزىنى ئېچىپ، تىنچ نەپەسلىنىشكە بۇيرۇپ، بىمارنىڭ دىققىتى باشقا ياققا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە قورساق مۇسكۇللىرى بوشىتىلىدۇ. دوختۇر ئۈچ بارمىقىنى ( كۆرسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماق) جۈپلەپ تۇرۇپ، بارماق ئۇچىنى تەكشۈرمەكچى بولغان ئورۇن ياكى ئەزاغا قويۇپ ئوڭ – سول، يۇقىرى – تۆۋەن تېيىلدۇرۇپ تۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شۇ ئەزا ياكى مونەكچىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، شەكلى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، سىرتقى يۈزىنىڭ ئەھۋالى، ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى، باسقاندا ئاغرىشنىڭ بار – يوقلۇقى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە قورساق بوشلۇقى چوڭقۇر قىسمىنى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى تەكشۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ.

 چوڭقۇر پاتۇرۇپ تۇتۇپ تەكشۈرۈش 

بىر ياكى ئىككى بارماقنى قورساق دىۋارىغا تىك قويۇپ كۈچەپ چوڭقۇر پاتۇرۇپ، (مەلۇم ئورۇننى تۇتۇش ئارقىلىق) قورساق بوشلۇقىدىكى چوڭقۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئورۇن تەكشۈرۈلۈپ، قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزا ياكى توقۇلمىنى باسقان ۋاقىتتىكى ئاغرىش نۇقتىسى ئېنىقلىنىدۇ. مەسىلەن: سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ئاغرىش نۇقتىسى، ئۆت خالتا ئاغرىش نۇقتىسى قاتارلىقلار. بېسىپ قويۇپ بېرىپ، ئاغرىشنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا يەنە چوڭقۇر بېسىش ئارقىلىق بارماقنى دەرھال كۆتۈرۈپ، بىماردىن ئاغرىش كۈچىيىپ كېتىش سېزىمىنىڭ بار – يوقلىقىنى سوراش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارنىڭ چىرايىدا ئازابلىنىش ئىپادىسى پەيدا بولدىمۇ– يوق تەپسىلىي كۈزىتىلىدۇ.

 داۋالغۇتۇپ تۇتۇپ تەكشۈرۈش

بۇ ئۇسۇل لەيلىتىپ چۆكتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەكشۈرگەندە ئۈچ بارماقنى جۈپلەپ، مۇۋاپىق گىرادۇستا قورساق دىۋارىدىكى مۇناسىپ ئورۇنغا تىك قويۇپ، تېز سۈرئەتتە بەلگىلىك كۈچ بىلەن بىر نەچچە قېتىم زەربە بىلەن داۋالغۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. داۋالغۇتقاندا قورساق بوشلۇقىدىكى چوڭايغان ئەزا ياكى مونەكچىنىڭ بارماق ئۇچىغا لەيلەپ چۆكۈپ ئۇرۇلغانلىق سېزىمى بىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئادەتتە قورساق بوشلۇقىغا زور مىقداردا سۇيۇقلۇق يىغىپ، جىگەر، تالنى تۇتۇپ تەكشۈرۈشكە قىيىن بولغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىمارنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا مەشغۇلات ۋاقتىدا كۈچ ئىشلىتىش ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىككى قول بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرۈش

تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ياكى ئەزا سول قول بىلەن تۇتۇپ ئوڭ قول تەرەپكە ئىتتىرىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىككى قول ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلىدۇ، يەنى سول قولنى تەكشۈرىدىغان ئەزا ياكى مونەكچىنىڭ ئارقا تەرىپىگە قويۇپ، ئوڭ قول تەرەپكە ئىتتىرىلىدۇ. مۇنداق قىلغاندا مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە، يەنە تەكشۈرۈلىدىغان ئەزا ياكى مونەكچىنى ئوڭ قولغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، تۇتۇپ تەكشۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل جىگەر، تال، بۆرەك، بالىياتقۇ ۋە قورساق بوشلۇقىدىكى مونەكچىنى تەكشۈرۈشتە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: تالنى تەكشۈرگەندە سول قولنى سول بېقىنغا قويۇپ تۇرۇپ، ئوڭ قولنى سول تەرەپ قوۋۇرغا ئاستى قىرىغا قويۇپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ چوڭقۇر قىسمىنى تېيىلدۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل قوش بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۇتۇپ تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم:

1) تەكشۈرۈشتىن ئاۋۋال تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتىنى بىمارغا ئېنىق ئېيتىپ، بىمارنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىغا تېگىشلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم، تەكشۈرگۈچىنىڭ قولى ئىسسىق، يۇمشاق، سېزىمى ياخشى بولۇشى لازىم.

 2) تەكشۈرگەندە ئالدى بىلەن ئاغرىق جاينىڭ سىرتىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ئاغرىق ئورۇنغا، يۈزەلىكتىن چوڭقۇرلۇققا يەنى يۈزە قىسمىنى تەكشۈرۈشتىن چوڭقۇر قىسمىنى تەكشۈرۈشكە ئۆتۈش لازىم.

3) تەكشۈرۈلىدىغان ئەزانى ئاسان تۇتۇش ئۈچۈن، بىمارنى مۇۋاپىق بەدەن ھالىتىدە تۇرغۇزۇش لازىم. مەسىلەن: قورساق قىسمىنى تەكشۈرگەندە بىمار ئوڭدا يېتىپ، پۇتلىرىنى(تىزى) يېرىم يىغىپ، قورساق مۇسكۇللىرىنى بوش قويغان ھالەتتە يېتىش لازىم. جىگەر، تال، بۆرەكنى تەكشۈرگەندە ئوڭ ياكى سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش لازىم.

 4) تۇتۇپ تەكشۈرش جەريانىدا بىر تەرەپتىن تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بىمارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بەدەننى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسسىق –سوغۇقلىقى تەكشۈرىلىدۇ. بەدەن ئادەتتە تۆت خىل مىزاجنىڭ كەيپىياتىغا ئاساسەن قۇرۇق ئىسسىق ،ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق ،ھۆل سوغۇق دەپ تۆتكە بۆلىنىدۇ. بىز تەكشۈرگەندە تۇغما مىزاجىنى ( ئەسلى مىزاجىنى)، ھازىرقى مىزاجىنى ئاساس قىلىپ نورمال ھالەتنى بىلىشىمىز كېرەك. ئۇندىن كېيىن ئۆزگەرگەن مىزاجىغا باھا بېرىمىز. مەسىلەن : كۆز قارىچۈغىغا قارىسا قارا ، چىرايىغا قارىسا قىزىل، بەدىنىنى تۇتسا يۇمشاق ئىسسىق بولسا بۇ ئەسلى مىزاجى سەۋدا، ھازىرقى مىزاجى قان بولغانلىقى ئۈچۈن، بەدىنى بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس بەك سوغۇقمۇ ئەمەس بولىدۇ. بەدەننى تۇتقاندا ئادەتتىكىدىن ئىسسىق، تېرىسى قۇرۇق بىلىنسە سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەردىن بەلگە بېرىدۇ. بەدەن ئادەتتىكىدىن ئىسسىق، تېرىسى يۇمشاق بىلىنسە قاندىن بولغان كىسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەن ئادەتتىكىدىن سوغۇق، نەم بىلىنسە بەلغەمدىن بولغان كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەن ئادەتتىكىدىن سوغۇق، يىرىك بىلىنسە سەۋدادىن بولغان كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەن قىززىق بولۇپ قولىمىزغا نەم بىلىنسە سەپرادىن بولغان ئۆپكە ،ئۈچەي ياكى بۆرەك سىلى كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەن سوغۇق بولۇپ نەم، شىرلاش تەر باردەك بىلىنسە بەلغەمدىن بولغان ئۆپكە سىلى ياكى زىققا، نىقرەس، مۇپاسىل كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەن تېرىسىنىڭ قۇرغاق، سوغۇق، قاتتىق بىلىنىشى مالىخۇلىيا، جۇنۇن كېسەللىكىنىڭ بارلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. بەدەننىڭ يۇمشاق، سوغۇق بىلىنىشى ئىستىرخا، پالەچ، تەشەننۇچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەننى سىلاپ تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قىزىتمىنىڭ يۇقىرى بولىشى سەرسام كېسەللىكىگە، كۆكرەك ساھەسىدە قىزىقلىقنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۆپكە ئىششىقى( زاتىل رىييە )، قورساق ساھەسىدە قىزىقلىق يۇقۇرى بولىشى كېزىك كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. ئىككى جەينەك، ئىككى پۇت ئاستىنىڭ ئىسسىماسلىقى، تېلىپ ئاغرىشى يۈرەك زەئىپلىكىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەننى تۇتقاندا بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىنىڭ ئىسسىق، تېگىنىڭ سوغۇق بولىشى سوغۇقتىن بولغان زۇكام كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەننىڭ سىرتقى قىسمى سوغۇق بولۇپ، ئىچكى قىسمىنىڭ ئىسسىق بولىشى ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدىن بەلگە بېرىدۇ. بەدەننى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە بەدەننىڭ يۇمشاق، ھۆل ياكى تەرلەپ بولۇپمۇ ئالقاننىڭ تەرلەپ تۇرىشى مىزاجنىڭ ھۆل سوغۇقلىقى، ھەم بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئىششىقى ياكى نىقرەس، مۇپاسىل كېسىلى، زىققا كېسىلىدىن بەلگە بېرىدۇ. بەدەننى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە بەدەننىڭ قۇرۇق يىرىك بولىشى مالىخولىيائى مىراقى، سەرئى، جۇنۇن، دىئابىت ھار، كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەردىن بەلگە بېرىدۇ. بەدەننى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە بوش، سوغۇق بىلىنىشى دەۋۋار، سەرئى ( تۇتقاقلىق )، ئىستىرخا، پالەچ كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەن يۇمشاق بولۇپ تېرىلىرىنى تارتىپ كۆرگەندە ئەسلىگە كەلمەسلىك ئىسھال ( ئىچى سۈرۈش ) كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. بەدەننى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە تېرىلىرى سوغۇق، چىڭ بولىشى سوزۇلما ئۆت ياللۇغى، قولىنجى كېسەللىكىگە، يۈرەك، بۆرەك كېسەللىكىگە، ھەمدە پۇتتا ،قورساقتا ئىششىقنىڭ بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. سۆڭەك كۈمۈرچەكلىشىش بولسا بۇ نىقرەس، مۇپاسىللارنىڭ ئالامىتى. قىزىتما بولمىسا ياخشى سۈپەتلىك ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر قىزىتما بولۇپ قالسا بۇ سىل ياكى سۆڭەك راكىغا بەلگە بېرىدۇ. بەزلەرنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە يۇمشاق بەز ئۆسمىلەر بىلىنىپ بىر يەردە بولسا ياخشى سۈپەتلىك ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر قاتتىق بولۇپ بىر قانچە جايدا بولسا بۇ يامان سۈپەتلىك، يەنى راك قاتارىغا كىرىدۇ. ئۆسمىلەرنىڭ ئىسسىق بولىشى جاراھەتلىنىش، يەنى ئېغىرلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا، سوغۇق، قاتتىق بولىشى سوزۇلما خاراكتىرلىك ئىكەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1038

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#