كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

1998-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى
خەنزۇچە نامى 村民委员会组织法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى(1998-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-ماددا بۇ قانۇن يېزىلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا، كەنت ئاھالىلىرى ئاممىسىنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كەنت ئاساسى قاتلام دېموكراتىيسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى. 

2-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلەيدىغان ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەتچىلىك قىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بولۇپ، دېموكراتىك سايلانم ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك قارار چىقىرىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يۈرگۈزىدۇ. 

كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز كەنتىنىڭ جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ. خەلق ھۆكۈمىتىگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ. 

3-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسەن خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. رەھبەرلىك قىلىش يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدار قىلىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دېموكراتىك ھوقۇقىنى بىۋاستە يۈرگۈزىدۇ. 

4-ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەدەت ۋە ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، قانۇن بويىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش دائىرىسىدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ. 

5-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكى ۋە باشقا ئىگىلىكىنى قانۇن بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىشى ۋە يېتەكلىشى، ئۆز كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. 

كەنت ئاھالە كومىتېتى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاھالىلەرگە ھۆددە بېرىپ ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوغدىشى، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە كەنت ئاھالىلىرى، ھۆددىگەر تىجارەتچى ئاھالىلەر، بىرلەشمە ئاھالە ياكى شىرىكلەرنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

كەنت ئائىلە كومىتېتى قانۇندىكى بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز كەنتىدىكى دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى باشقۇرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىگە تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە تەربىيە بېرىدۇ. 

6-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى، قانۇنلارنى، قائىدە-نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئومۇمنىڭ مال-مۈلىكىنى ئاسىرىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىشى، مەدەنىيەت-مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كەنت بىلەن كەنتلەر ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ خىل شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈشى لازىم. 

7-ماددا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشكە تەربىيلىشى ۋە يېتەكلىشى لازىم. 

8-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا، نوپۇسنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن، ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنىدۇ. 

كەنت ئاھالە كومىتېتى تەسىس قىلىش، بىكار قىلىش، دائىرسىنى تەڭشەشنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. 

9-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالار بولۇپ جەمئىي ئۈچتىن يەتتىگىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ.

كەنىت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرى ئىچىدە، ئاياللار مۇۋاپىق ساننى ئىگىلىگەن بولۇشى، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە، ئادەم سانى ئاز بولغان مىللەتلەردىنمۇ ئەزا بولۇشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلمايدۇ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىلسە بولىدۇ.

10-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر نەچچە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنسە بولىدۇ. گۇرۇپپا باشلىقىنى كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپا يىغىنى كۆرسىتىپ سايلايدۇ.

11-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە سايلىنىپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىگە، ئەۋەتىشىگە ياكى كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەتلىك مۇددىتى ئۈچ يول بولىدۇ. مۇددەت توشقاندا ۋاقتىدا نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۇدا سايلىنىپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. 

12-ماددا يېشى 18 گە تولغان كەنت ئاھالىلىرى، مىللىتى، ئىرقى، جىنشى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، مەلۇماتى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى، ئولتۇراقلىشىش مۇددىتىگە قارىماي، سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن، قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىسملىكى سايلام كۈنىدىن 20 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى لازىم.

13-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا كەنت ئاھالىلىرى سايلام ھەيئىتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، كەنت سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالە يىغىنى ۋە ھەر قايسى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىلىرىدا كۆرسىتىپ سايلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. 

14-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتىنى سايلاشتا، شۇ كەنىتتىن سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كەنت ئاھالىلىرى سايلام نامزاتىنى بىۋاستە كۆرسىتىدۇ. سايلام نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغان نامزاتتىن كۆپ بولۇشى كېرەك. 

كەنت ئاھالە كومىتېتىنى سايلاشتا، سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىلىرىدىن يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ بېلەت تاشلىشىدىن ئۆتسە، سايلام ئىناۋەتلىك بولىدۇ. سايلام نامزاتى سايلام بېلىتى تاشلاشقا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشكەن بولسا، سايلانغان ھېسابلىنىدۇ. 

سايلامدا نامسىز بېلەت تاشلاش، ئۇچۇق ئاشكارا بېلەت ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. سايلام نەتىجىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىنىدۇ. سايلام ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا مەخپى سايلام بېلىتى يېزىش ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ. 

كونكرېت سايلام ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

15-ماددا تەھدىت سېلىش، پارا بېرىش، ساختا سايلام بېلىتى ياساش قاتارلىق ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقى، سايلىنىش ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىنسا، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنسا، كەنت ئاھالىلىرى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورگانلار تەكشۈرۈشكە ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 

16-ماددا ئۆز كەنتىدىكى بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەك سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىشىپ، كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشتا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق. ئاھالە كومىتېتى ۋاقتىدا كەنت ئاھالىلار يىغىنى چاقىرىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. 

17-ماددا كەنت ئاھالىلەر يىغىنى شۇ كەنتتىكى يېشى 18 دىن ئاشقان كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. 

كەنت ئاھالىلار يىغىنىنى چاقىرىشتا، شۇ كەنىتتىكى 18 ياشتىن ئاشقان كەنت ئاھالىلىرىدىن يېرىمىدىن ئارتۇقى قاتنىشىشى ياكى شۇ كەنىتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئارتۇق ئائىلە ۋەكىللىرى قاتنىشىشى، قارار چىقىرىشتا يىغىنغا قاتناشقان خادىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ كەنىتتىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىنغا ۋەكىل قاتناشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ. 

18-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ھەر يىلى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ھەمدە كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى باھالايدۇ. 

كەنت ئاھالىلار يىغىنىنى كەنىتتىكى ئاھالە كومىتېتى چاقىرىدۇ. ئوندىن بىر قىسمىدىن كۆپرەك كەنت ئاھالىلىرى تەكلىپ بەرسە، كەنت ئاھالىلار يىغىنىنى ئېچىش كېرەك. 

19-ماددا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلەر يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى، شۇنىڭدىن كېيىن بېجىرىشى لازىم:

(1) يېزىنىڭ بىر تۇتاش كىرىم يىغىش چارىسى، كەنىتتە قالدۇرغان كىرىمنى يىغىش ۋە ئىشلىتىش؛

(2) ئۆز كەنتىدە ئىشتىن قېلىش قوشۇمچە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى؛ 

(3) كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تاپاۋەت كىرىمىنى ئىشلىتىش؛

(4) كەنت قۇرغان مەكتەپ، كەنت ياسايدىغان يول قاتارلىق كەنىتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ راسخوتىنى يىغىش لايىھسىنى تۈزۈش؛

(5) كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش، ھۆددىگە ئېلىش لايىھسى ھەمدە كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ھۆددىگەرلىك لايىھىسى؛ 

(6) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك تىجارەت لايىھىسى؛

(7) ئۆي ئورنى يېرىنى ئىشلىتىش لايىھىسى؛ 

(8) كەنت ئاھالىلەر يىغىنى كەنت ئاھالىلەر يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان باشقا ئىشلار. 

20-ماددا كەنت ئاھالىلەر يىغىنى كەنتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش نىزامى، كەنىتنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى تۈزۈپ چىقسا ۋە تۈزىتىش كىرگۈزسە بولىدۇ. ئەمما، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. sfsef 

كەنتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش نىزامنامىسى، كەنت قائىدە يوسۇنى شۇنداقلا كەنت ئاھالىلار يىغىنى ياكى كەنت ۋەكىللىرى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغان ئىشلار ئاساسى قانۇن، قانۇن، قائىدە-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە زىت كەلمەسلىكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانى ھوقۇقى، دېموكراتسىيە ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك. 

21-ماددا ئادەم سانى كۆپرەك ياكى ئولتۇراقلىشىشى چېچىلاڭغۇ بولغان كەنتلەر كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىپ سايلاپ چىقسا بولىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ھوقۇق بېرىدىغان ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرىنى ھەر بەشتىن ئونغىچە ئائىلىدىن بىردىن كىشىنى كۆرسىتىدۇ ياكى ھەر قايسى كەنت ئاھالىلار گۇرۇپپىلىرى بىر نەچچە كىشىنى سايلاپ چىقىدۇ. 

22-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

كەنت ئاھالە كومىتېتى تۆۋەندىكى ئىش تۈرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى، بۇنىڭ ئىچىدە مالىيىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئاز دېگەندە ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم:

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كەنت ئاھالىلەر يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغان ئىشلار شۇنداقلا ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى؛ 

(2) دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لايىھىسى؛ 

(3) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى؛

(4) سۇ، توك پۇلىنى يىغىش شۇنداقلا ئۆز كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، كەنت ئاھالىلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بولىدىغان باشقا ئىشلار.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئېلان قىلغان مەزمۇنلارنىڭ راستچىلىققىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ سورىشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 

كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىسا ياكى ئېلان قىلغان ئىش تۈرلىرى يالغان بولسا، كەنت ئاھالىلىرى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا، ئېلان قىلىشقا بويرۇشقا مەسئۇل بولۇشى لازىم. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىقى سېزىلسە، ئالاقىدار خادىملار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

23-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ھەمدە ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن، قانۇن، قائىدە-نىزام ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە رىئايە قىلىشى، ئىش بېجىرىشتە ئادىل، پاك دىيانەتلىك بولۇشى، قىزغىنلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى لازىم. 

24-ماددا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مەسىلىلەرنى قارار قىلغاندا ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. 

كەنت ئاھالە كومىتېتى خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەندە، ئاممىۋى لۇشىيەندە چىڭ تۇرۇشى، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، تەربىيە بىلەن قايىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى لازىم. بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرلاشقا، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشقا بولمايدۇ. 

25-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئېھتىياجىغا قاراپ خەلق مۇرەسسەسى، ئامانلىق ساقلاش، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئەتلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كومىتېت قارمىقىدىكى ھەيئەتلەرنىڭ ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. نوپۇسى ئاز كەنتلەردىكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆز قارمىقىدا ھەيئەت تەسىس قىلماي، خەلق مۇرەسسەسى، ئامانلىق ساقلاش، ئاممىۋى تازىلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تەقسىم قىلىۋېلىپ ئىشلىسە بولىدۇ. 

26-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ھەمكارلىشىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان كەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيلىشى، ياردەم بېرىشى ۋە نازارەت قىلىشى لازىم.

27-ماددا يېزىلاردا تۇرۇشلۇق ئىدارە، تەشكىلات، قىسىم، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلاتىغا قاتناشمايدۇ. كەنت باشقۇرمايدىغان كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىگە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار كەنت ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۇلار تۇرۇشلۇق كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ياكى كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى مۇشۇ ئورۇنلار بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا ۋە بىر تەرەپ قىلىغاندا ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشى لازىم. 

28-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەت بېرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

29-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 

30-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى(سىناق نۇسخىسى) » بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#