پېتىر مانتا

پېتىر مانتا
پېتىر مانتا بولسا  ئاق ئۇن، قارىمۇچ، لوق قوي گۆشى ، ئىلمان سۇ، پىياز ، تۇز قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىىغان بۇلۇپ تەمى ئۆزگىچە .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام، ئىلمان سۇ 250 گرام، پىياز بىر كىلوگرام، تۇز(سۇيۇق) مۇۋاپىق مىقداردا. 

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ، سۇيۇلدۇرۇپ(سۇنىڭ نىسبىتى 1/3 بولسا مۇۋاپىق) ، ئاندىن نېپىز يالپاقلاپ، پىياز، تۇز، سوقۇلغان قارىمۇچنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 

2. چىڭ، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، 40 دانە زوۋۇلىنى ئۈزۈپ، چۆرىسى بەك نېپىز، ئوتتۇرىسى سەل قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، قىيما سېلىپ تۈگۈپ، جىمبىلنى ياغلاپ، مانتىنى تىزىپ قاسقانغا قويۇپ، تېز ئوتتا پىشۇرۇلىدۇ. پاقلان گۆشى بولسا 15 مىنۇتتا، چوڭراق قوينىڭ گۆشى بولسا 20-15 مىنۇتتا پىشىدۇ. ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازان (گاۋياگو) غا سېلىنسا، 5-6 مىنۇتتا پىشىدۇ. مانتىنى قاسقاندا ئۇزاق تۇرغۇزسا بولمايدۇ.

پىشقان مانتا لېگەن ياكى نانغا ئېلىنىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە تەخسە بېرىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#