لېسلى مىلېي

لېسلى مىلېي (Leslie Miley): «ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش» (Venture for America)نىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ لېدىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېسلى مىلېي (Leslie Miley): «ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش» (Venture for America)نىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ لېدىرى

كىرىمنىي جىلغىسى ئىنتايىن زور بايلىق ياراتتى. لېكىن پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئولجىلىرى يىراقتىكى سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونى سىرتىدىكى باشقا رايونلارغا ھېچقانچە نەپ يەتكۈزمىگەندەك قىلىدۇ، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭغۇ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. لېسلى مىلېي بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ Slackتىكى قۇرۇلۇشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئەمەلدار بولۇشتەك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، «ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش» بەرپا قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار كىرىپ ئورۇنلاشقان تۈرگە ئورۇنلاشتى. بۇ تۈردە دېترويت، بالتىمور قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردا پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار كىرىپ ئورۇنلاشقان تۈر كىرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تۈر ئىچىدىكى بىر قىسىم يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرى (جەمئىي 18 مەركەز)گە نەچچە يىل ۋاقىت كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ يەردە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ھەر قايسى رايونلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرىگە تەكلىپ بېرىدۇ. بۇ پىلاننىڭ ئىدىيەسى شۇكى، ئۇ بۇ جايلارغا كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى كەڭ كەسىپ باشلامچىلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەرلىك ئىختىساسلىقلار بىلەن كىرىمنىي جىلغىسىنى ئالاقە ئورناتقۇزۇپ، ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرىنىڭ ئاشۇ شەھەرلەرگە ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مىلېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۈرنىڭ  قۇرۇلۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى چوڭ سايلىمىدىن كېيىنكى كەسپىي ساھەدە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى مەنبە قىلغان ئىكەن. مىلېي مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللايدىغان رايونلاردا توختاپ قالىدۇ. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن قىسمەن جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. پەقەت سىغدۇرۇشچان سۇپا بەرپا قىلىش ئارقىلىق مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ يىراقتىكى كەڭ زېمىنلىرىغا كۆز تىكىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىشىمىز كېرەك».


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#