جان نەش

ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى جان نەش

ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى جان نەش، 1928-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى غەربىي ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان.

ئىسمى جان نەش
ئىنگىلىسچە ئىسمى John Forbes Nash, Jr.
دۆلەت تەۋەلىكى ئامرىكا
كەسپى خىمىيە ۋە ئېلېكتىر سانائىتى ۋە ماتىماتىكا
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·纳什
تۇغۇلغان ۋاقتى 1928-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى
تۇغۇلغان جايى ئامرىكا غەربىي ۋىرجىنىيە شتاتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2015-يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى جان نەشجان نەش، 1928-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى غەربىي ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىنژېنېر، ئاپىسى تىل ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرمەي، ئۆزى مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆزىنىڭ ئويلىغان ئۇسۇللىرى بويىچە بېجىرىدىغان جاسارەتلىك ياش ئىدى.

 جان 12 ياش ۋاقتىدىلا ئۆز ئۆيىدە پەننىي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغان. مۇشۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى، ئۇنى ناھايىتى ئەقىللىق كاللىغا ئىگە دەپ تەرىپلىگەن بولسىمۇ، بىلىملىك دوستلىرى ئۇنى ئىنكار قىلغان. ھەمدە ئۇ دوستلىرى ياخشى كۆرىدىغان تانسا ۋە تەنتەربىيىنى ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۆگىنىشىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ دەپ  قارىغان. 

جان نەشنىڭ ياش ۋاقتىجان نەش ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىدا، «E.T. Bell» يازغان «ماتېماتىكىنى بەرپا قىلغان كىشىلەر» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ كېيىنكى كەسپى بولغان ماتېماتىكىغا قىزىققان بولسىمۇ، ئىنژېنېر دادىسىنىڭ تەسىرىدە خىمىيە ۋە ئېلېكتىر سانائەتنى كەسىپ قىلغان. 

جان نەش ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنى 17 ياشقا كىرگىنىدە كارنېگى مېلون سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋەستىنخاوس ئېلېكچېرىك ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىدۇ.

 ئوقۇشقا يېڭى كىرگەندە ئۇنىڭ كەسپى خىمىيە بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ماتېماتىكا كەسپىگە ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ ئىختىيارى تاللاش دەرسىدە خەلقئارا ئىقتىساد ئىلمىنى تاللاپ ئۆگىنىپ، ئىقتىساد ئىلمىگە قىزىقىپ قالىدۇ. مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋاننى ئالغاندىن كېيىن 1948-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

ئىلمى مۇھاكىمە ئەسەرلىرىجان نەشنىڭ ئويۇن نەزەرىيىسىدىكى نەتىجىلىرى، ئۇنىڭ داڭلىق ماتېماتىك بولۇشىغا ئاساس بولالمايدۇ.

ئۇنىڭ داڭلىق ماتېماتىك بولۇپ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن 1950-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ماتېماتىكا ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلغان رىمان گېئومېتىرىيىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىككە قارىتىلغان تولدۇرما مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئېرىشكەن تۆۋەندىكى مۇھىم ئىلمىي ماقاللىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.ھەقىقىي ئالگېبرالىق كۆپ تەرەپلىمىلىكلەر (Real algebraic manifols) C1- تەڭ مىقدارلىق تولدۇرما (C1-isometric imbeddings) رىمان كۆپ تەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن تولۇقلىما مەسىلىسى (The imbedding problem for Riemannian manifolds) ئانالىتىك ئۇچۇر بىلەن يوشۇرۇن فۇنكسىيە مەسىلىلەر يېشىملىرىنىڭ ئانالىزى (Analyticity of the solutions of implicit function problem with analytic data)

جان نەش مۇنبەردە

ئۇ پرىنسىتېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقىنىدا ئويۇن نەزەرىيىسى (Game Theory) نى تەتقىق قىلىپ، 1950-يىلى «ھەمكارسىز ئويۇن(Non-cooperative Games) » دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىپ دوكتورلۇق ئۇنۋاننى ئالىدۇ.

جان نەش مۇشۇ يىللىرى يەنى 1950-يىللىرى ئويۇن نەزەرىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى 3 ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ماقالىلەر نەتىجىسى ئاساسىدا 1994-يىلى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى ئالىدۇ.

N  نەپەر ئادەم ئويۇنىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىلىرى(Equilibrium Poins in N-person Games)

سودىلىشىش مەسىلىسى  (The Bargaining Problem)

ئىككى ئادەمنىڭ ھەمكارلىشىش ئويۇنى  (Two-person Cooperative Games)

جان نەش نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشتىن سەل بۇرۇن ئۇنى خىزمەتكە ئالىدىغانلار بولمىغاچقا، ئۇ تۇرمۇشتا كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تارتىدۇ. بىراق نوبېل مۇكاپاتى ئالغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىكى بۇ قىيىنچىلىقلار تۈپتىن ئۆزگەرتىلىدۇ.

1999-يىلى باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان ئانا مەكتىپى ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىدۇ. ئۇ بۇنداق پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋاننى بۇنىڭدىن باشقا 4 ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالىدۇ. 2012-يىلى ئامېرىكا ماتېماتىكا جەمئىيىتى ئۇنىڭغا مۇشۇ جەمئىيەتكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئەزا دەپ نام بېرىدۇ. ئۇ 2015-يىلى داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى ئابېلنىڭ نامىدا بېرىلىدىغان ماتېماتىكىدىكى ئابېل مۇكاپاتىنى  ئالىدۇ. ئۇ بۇ ماتېماتىكىدىكى داڭلىق مۇكاپاتنى، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن ئابېل مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئالىدۇ.

جان نەش دوكتورلۇقنى داڭلىق پرىنسىتېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ كارنېگى مېلون سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى پرىنسىتېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا تونۇشتۇرۇپ يازغان خېتىدە پەقەتلا بىر جۈملە خەت يېزىپ تونۇشتۇرىدۇ، ئۇ خەتتە «بۇ يىگىت تالانتلىق» دەپلا يېزىلغان ئىكەن.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى نورۋېگىيەدىن قايتىش سەپىرىدە ئامېرىكىنىڭ غەرب ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئايالى بىلەن ئولتۇرغان تاكسىدا ماشىنا ئۇرۇلۇش ۋەقەسى بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككىسى ماشىنىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىپ، بەختكە قارشى بۇ ئالەمدىن ئايرىلىدۇ.

گۈزەل ئارزۇ2001- يىلى جان نەشنىڭ ھاياتى توغرىلىق يېزىلغان رومانغا ئاساسەن «گۈزەل ئارزۇ» (美丽心灵) دېگەن كىنو ئىشلىنىدۇ. ئۇ توغرىلىق يېزىلغان رومان ئەڭ كۆپ سېتىلغان بولۇپ، بۇ رومان ئەدەبىياتتىكى داڭلىق مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ كىنو جان نەشنىڭ پرىسىنتېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىن ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. «گۈزەل ئارزۇ» دېگەن كىنو 2001- يىلى ھوللىۋودنىڭ ئەڭ داڭلىق ئاكادېمىيە مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. بۇ كىنو قويۇلۇپلا 313 مىليون قىممەت يارىتىدۇ. 

جان نەش مۇشۇ رومان ۋە ئىشلەنگەن كىنونىڭ تەسىرىدە دۇنيادا ئۆز كەسپىدىن باشقا ساھەگە تونۇلغان ئاز ئۇچرايدىغان ماتېماتىكا ئالىمى. ئۇ ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىشلەنگەن بولۇپ، كۆرگەن ئادەمگە ئاجايىپ كۈچ قۇۋۋەتلەرنى بېرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#