ئپۇتوكارپىنۇس دەرىخى

«دېڭىزدىكى بۇددا دۆلىتى» دېگەن نامى بولغان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇتو ئارىلىدا مەشھۇر بىر فودىڭشەن تېغى خۇي جى ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدە بىر تۈپ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان تەۋەررۈك دەرەخ- پۇتوكارپىنۇس دەرىخى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. بۇ دەرەخ پۈتۈن دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان ئاران بىرلا تۈپ پۇتوكارپىنۇس دەرىخى بولغاچقا، دۇنيادىكى ئەڭ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئپۇتوكارپىنۇس دەرىخى
ئائىلىسى قېيىن ئائىلىسى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
ئۇرۇقداشلىرى كارپىنۇس ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋايى ئۆسكەن بۇ بىر تۈپ پۇتوكارپىنۇس دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 14 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 60 سانتىمېتىر، دەرەخ باراقسىنىنىڭ قاپلاش كەڭلىكى تەخمىنەن 12 مېتىر، دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ، كىچىك شاخلىرىدا تۈكچىلىرى بولۇپ، كېيىن ئاستا-ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق، ئۇزۇنلۇقى 5.4 ~7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3 ~5 سانتىمېتىر، گىرۋىكى ھەرە چىشلىق، تۈكلىرى بار، يوپۇرماق سېپىدا قويۇق تىۋىت تۈكلىرى بولىدۇ. مېۋە باشىقىنىڭ ئوقىدا تۈك بار، مېۋە ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئېللىپس ياكى تۇخۇم شەكىللىك، سەل ئېگىلىپ ئورغاقسىمان ھالەتكە كەلگەن. تۇخۇم شەكىللىك كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەيدۇ. مېۋىسىنىڭ ئالدى ئۇچى تۈكلۈك.

پۇتوكارپىنۇس دەرىخى قېيىن ئائىلىسى، كارپىنۇس ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. ئۇنى مەملىكىتىمىزنىڭ بوتانىكا ئالىمى جۇڭ گۇەنگۇاڭ

1930-يىلى تاپقان، 1932-يىلى ئورمانشۇناس پروفېسسور جېڭ ۋەنجۈن رەسمىي نام بەرگەن. ھازىر دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#