سۇڭ چىڭلىڭ

سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۇڭ چىڭلىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خەينەننىڭ ۋېنچاڭ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1981-يىل
تۇغۇلغان جايى شاڭخەي
خەنزۇچە ئىسمى 宋庆龄
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1893-يىل
كەسپى رەھبەر، سىياسىئون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇڭ چىڭلىڭ (1893-1981-يىللار) ، ئەسلىي خەينەننىڭ ۋېنچاڭ ناھىيەسىدىن، شاڭخەيدە تۇغۇلغان. دادىسى سۈن جۇڭشەن نىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىنلا سۈن جۇڭشەن نىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 17 يېشىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1912-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1913-يىلى ياپونىيە گە بېرىپ، سۈن جۇڭشەن گە كاتىپ بولغان. 1915-يىلى 10-ئايدا، توكيو دا سۈن جۇڭشەن بىلەن توي قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ سۈن جۇڭشەن گە ھەمراھ بولۇپ ئىنقىلاب ئۈچۈن دۆلەت ئىچى-سىرتىغا قاتراپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

1921-يىلى 5-ئايدا، سۇڭ چىڭلىڭ سۈن جۇڭشەن بىلەن بىللە گۇاڭجۇغا قايتىپ كەلگەن، سۈن جۇڭشەن زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە ئولتۇرغان. كېيىنكى يىلى 6-ئايدا، چېن تۇڭمىڭ ئاسىيلىق قىلىپ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى بومباردىمان قىلغان. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، سۇڭ چىڭلىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى قات ئىكەنلىكىگە قارىماي، سۈن جۇڭشەن نىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، سۈن جۇڭشەن نى ئاۋۋال ماڭدۇرۇۋېتىپ، ئۆزى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قوغدىشىدا ئۇنىڭ كەينىدىن گۇاڭجۇدىن ئايرىلغان. ئاندىن كېيىن، سۈن جۇڭشەن نىڭ گومىنداڭنى قايتىدىن تەشكىللىشىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى-دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان. 1925-يىلى سۈن جۇڭشەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، گومىنداڭ ئوڭچىلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان ھەمدە شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئاتلانغان. 

1927-يىلى جياڭ جيېشى بىلەن ۋاڭ جىڭۋېي ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن ھەرگىز بىر يولدا ماڭمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ھەمدە ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق 22 ئادەم بىلەن بىللە گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، جياڭ جيېشى بىلەن ۋاڭ جىڭۋېينىڭ ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە فرانسىيە گە بېرىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە 1929-يىلى دۇنيا 2-قېتىملىق جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاق يىغىنىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلانغان، كېيىن يەنە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

 1931-يىلى سۇڭ چىڭلىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدە ھەرقانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان. «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسەچىلىك، تەسلىمچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. 1932-يىلى 12-ئايدا، لۇشۈن، سەي يۈەنپېي، ياڭ شىڭفو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە «جۇڭگو مىللىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىتتىپاقى» قۇرۇپ، نۇرغۇن كوممۇنىست ۋە ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زاتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ۋە قوغداپ قېلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىغا ئۆزگىچە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، سۇڭ چىڭلىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇاڭجۇ بىلەن شياڭگاڭدا «جۇڭگونى قوغداش بۈيۈك ئىتتىپاقى» قۇرۇپ، چەت ئەللىك زاتلارغا ۋە چېگرا سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلاردىن ئىئانە توپلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. چۇڭچىڭدا تۇرغان مەزگىلىدە، ئۇ يەنە ما خەيدې، سموتوي، سىنو قاتارلىق خەلقئارالىق دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇ شاڭخەيدە جۇڭگو پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىغا نۇرغۇن ماددىي ياردەم بەرگەن. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇڭ چىڭلىڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1981-يىلى ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن نام بېرىلگەن. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ جۇڭگونى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى نىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇزاق مۇددەت رەھبەرلىك قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىگە ۋە ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «دۆلەتنىڭ تەۋەررۈكى» دەپ تەرىپلىگەن.

سۇڭ چىڭلىڭ خەلقئارادىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇي قازانغان بولۇپ، دۇنيا تىنچلىق مۇدىرىيىتىنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى بويىچە ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1771.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#