پېڭ لىيۈەن

پېڭ لىيۈەن

پېڭ لىيۈەن، 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې شەھىرى يۈنچېڭ ناھىيەسىدىن، جۇڭگونىڭ داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى، جۇڭگونىڭ تۇنجى مىللەت ناخشا مۇزىكا ماگىستىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس. باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭ ئايالى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېڭ لىيۈەن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې شەھىرى يۈنچېڭ ناھىيەسى
كەسپى ناخشىچى، ئوپېرا ئارتىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 彭丽媛
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېڭ لىيۈەن1978-يىلى، 16 ياشلىق پېڭ لىيۈەن چېن چېڭدىن  جىنەنگە كېلىپ، شەندۇڭ 7-سەنئەت مەكتىپى (1978-يىلنىڭ ئاخىرىدا شەندۇڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن) ئوتتۇرا تېخنىكوم شەندۇڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 

1980-يىلى پېڭ لىيۈەن ۋەكىللەر شەندۇڭ جىنىڭ سەنئەت مەكتەپ ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان، بېيجىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ئىپادىسىگە تايىنىپ، ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتكە زىيارەتكە چىققان. شۇ يىلى پېڭ لىيۈەن جىنەن ھەربىي رايونى تەرىپىدىن مودا ناخشا، ئارمىيە ئەدەبىيات-سەنئەت جەڭچىسى، مەخسۇس كۇرس جۇڭگو مۇزىكا ئىنستىتۇتى ناخشا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسىي كۇرسى ۋە ئاسپىرانتلىق بويىچە ئوقۇغان. 

1981-پېڭ لىيۈەن ناخشىلىق مۇزىكا مائارىپچىسى جىن تېلىن پروفېسسورنى ئۇستاز تۇتقان.

1990-يىلى 5-ئايدا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ئۆتۈپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

1981-يىلى، پېڭ لىيۈەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇنجى نۆۋەتلىك «چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە ئويۇن قويغان، «ئۈمىد ئېتىزلىرىدا» دىگەن ناخشىنى ئېيتقان. 

1984-يىلى پېڭ لىيۈەن ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى رەسمىي ئالدىنقى سەپ باش سىياسىي بۆلۈم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن. 

1985–يىلى پېڭ لىيۈەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك نيې ئېر، شىڭخەي مۇزىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى»دە «مىللىي ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش گۇرۇپپىسى» بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. كېيىن يەنە جۇڭگو چوڭ تىپتىكى ئوپېرا «ئاق چاچلىق قىز» فىلىمىدە 3-نۆۋەتلىك «مېيخۇا گۈلى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ؛ شۇ يىلى 7-ئايدا، پارتىيىگە كىرگەن ھەمدە جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، كېيىن جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 

1986-يىلى پېڭ لىيۈەن شى جىنپىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تونۇشقان. 

1987-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى پېڭ لىيۈەن بىلەن شى جىنپىڭ ئەر-خوتۇن بولۇشقان. 

1990-يىلى پېڭ لىيۈەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، سىنگاپور قاتارلىق رايونلاردا چوڭ تىپتىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كونسېرتى ئۆتكۈزگەن، دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن كۆپ قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زىيارەتلىك ئويۇن قويغان. 

1992–يىلى، پېڭ لىيۈەن قىزى شى مىڭزېنى يەڭگىگەن. 

2005-يىلى 9-ئايدا پېڭ لىيۈەن «بىرلەشمە دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى»نى تەشكىللەش ھەيئىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك لىنكولىن سەنئەت مەركىزىدە تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئوپېراسى «مۇلەن داستانى»نى ئوينىغان ھەمدە «لىنكولىن سەنئەت مەركىزى» سەنئەت كومىتېتى ئېلان قىلغان «مەشھۇر سەنئەتكارلار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2007-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى پېڭ لىيۈەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ پىلاستىنكىسى «مېنىڭ ئەسكەر ئاكا-ئىنىلىرىم»نى بازارغا سالغان. 

2008-يىلى، پېڭ لىيۈەن ئاۋسترىيە فېدېراتىپى ۋىنا دۆلەتلىك ئوپېرا تىياتىرخانىسى تەكلىپىگە بىنائەن ئوپېرا «مۇلەن داستانى»دا باش رول ئالغان، ئاۋسترىيە فېدېراتىپ تىياتىرخانا كومىتېتى بىلەن ۋىيېننا دۆلەت تىياتىرخانىسى بىرلىشىپ ئۇنى «سەنئەتتە ئالاھىدە تۆھپىكار مۇكاپاتى» بىلەن تەقدىرلىگەن.

2012-يىلى پېڭ لىيۈەن ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 

پېڭ لىيۈەن1985–يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك نيې ئېر، شىڭخەي مۇزىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى»دە مىللىي ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش گۇرۇپپىسى» تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «مېيخۇا گۈلى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 

1986-يىلى CCTV ياش ناخشىچىلار تېلېۋىزىيىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ كەسپىي گۇرۇپپىسى بويىچە چىمپيۇنلۇققا ئېرىشكەن. 

2005-يىلى 9-ئايدا شەرەپ بىلەن لىنكولىن سەنئەت مەركىزى سەنئەت كومىتېتى ئېلان قىلغان «مەشھۇر سەنئەتكار» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. 

2011-يىلى 12-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، «دەۋر» ژۇرنىلىدا 100 چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخس قاتارىغا كىرگەن. 

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىدىكى «فوربېس» ژۇرنىلى 2013-يىلى «يەر شارى بويىچە ئەڭ ھوقۇقلۇق ئاياللار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.

پېڭ لىيۈەنكۈچىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتچىسى» بولغان. 2012-يىلى 12-ئايدا 2012-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشقان.

پېڭ لىيۈەن نەچچە يۈز قېتىملاپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئامما ھال سوراش ئويۇنى قويغان. 2003-يىلى بېيجىڭنىڭ شياۋتاڭشەندىكى «سارس»، 2008-يىلى ۋېنچۈەن پەۋقۇلئاددە قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى، 2010-يىلى جياڭشىنىڭ جيۇجياڭدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ ئويۇن قويغان ۋە سېماسى قالدۇرغان. 

2004-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى، ئۇ بېنىن، ۋاڭ شىياۋيا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى تۈركۈمدە «ئەتە ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەلچىسى» بولۇپ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. 

2007-يىلى، پېڭ لىيۈەن مەملىكەت بويىچە تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئوبراز ئەلچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، پېڭ لىيۈەن جۇڭگو تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تاماكا كونترول قىلىش ئوبراز ئەلچىسى»لىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. 

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «سىل كېسىلى ۋە ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش دوستلۇق ئەلچىسى»لىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. 

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، پېڭ لىيۈەن «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دوستلۇق باش ئەلچىسى» سالاھىيىتى بىلەن «مۇھەببەت قۇياش نۇرى ئاستىدا-ئەيدىز سەۋەبىدىن يېتىم قالغان بالىلارنى يازلىق لاگىر پائالىيىتى»نى باشلىغان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#