3D تېخنىكىسى

3D تېخنىكىسى

three-dimensional) 3D) دېگىنىمىز، «ئۈچ ئۆلچەملىك گىرافىك» ئارقىلىق، ئوخشاش بىر تەكشىلىك ئىچىدە ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرىي سۈرەتنى ئىپادىلەش (كۆرسىتىش) نى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى 3D تېخنىكىسى
چەتئەلچە نامى three-dimensional
خەنزۇچە نامى 3D技术
ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى كىنوخانا قاتارلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

3D تېخنىكىسىthree-dimensional) 3D) دېگىنىمىز، «ئۈچ ئۆلچەملىك گىرافىك» ئارقىلىق، ئوخشاش بىر تەكشىلىك ئىچىدە ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرىي سۈرەتنى ئىپادىلەش (كۆرسىتىش) نى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ھەقىقىي بوشلۇقتا «ئۈچ ئۆلچەملىك گىرافىك» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئادەمنىڭ كۆز ئالدى (رېيال دۇنيا) دا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنى، خۇددى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇۋاتقاندەك تەسۋىرلەپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزىنىڭ كۆرۈش سېزىمى بىرلىك ۋاقىت، بىرلىك ئارىلىق ۋە بىرلىك كۆرۈش مەنزىرىسى ئىچىدە مەلۇم دەرىجىدە پەرققە ئىگە. يەنى، ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش ئارىلىقتا، ئوخشاش بىر مەنزىرىنى كۆرۈش سېزىمى ئوخشاش بولمايدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ تەسۋىر (سۈرەت) ئىشلەش ئۇسۇلى 3D تېخنىكىسى دېيىلىدۇ. دېمەك،3D  ھاسىل قىلغان تەسۋىر (سۈرەت) ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزىنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ پەرقىدىن ھاسىل قىلىنغان تەسۋىر (سۈرەت) دىن ئىبارەت. ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە 8cm ئەتراپىدا كېلىدۇ، شۇڭا، ئادەم 3D لىق مەنزىرىنى كۆرگەندە، ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە تەسۋىرىنى كۆرۈپ، 3D لىق ئىستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

«كۆك نۇر» تېخنىكىسى نۆۋەتتىكى زامانىۋى ئىلغار ئۈن-سىن تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرنىڭ سىنغا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش تۇيغۇسى ۋە تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن بولسا، 3D تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى ماس كەلگەن ھالدا، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن «كۆك نۇر» تېخنىكىسى بىلەن 3D تېخنىكىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش كىشىلەرنىڭ جىددىي ئىنتىلىشى بولۇپ قالدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#