ئېگەر
ئېگەر، ئېگەر ئۇيغۇر سەرراپلىق ى ۋە ياغاچ قىرمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئات ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ئەڭ ئەقىللىق ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزگىچە ئات مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئۇيغۇرلاردىكى ئات مەدەنىيىتى ئاتقا مىنىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئېگەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن روشەن پەرىققە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئات مىنىشتە ئىشلىتىدىغان ئېگەر باشقا مىللەت كىشىلىرى ئىشلىتىدىغان ئېگەرگە ئوخشىمايدۇ. مەيلى ياسىلىش تەرتىپى، شەكلى ياكى ماتېرىيالى جەھەتتىن بولسۇن روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئېگەر ئۇيغۇر سەرراپلىق ى ۋە ياغاچ قىرمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئېگەرنى سەرراپلىق ۋە قىرمىچىلىق سەنئىتىنىڭ مۇرەككەپ تۈرلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن مەخسۇس ئۇستىلار ياسايدۇ. ئالدى بىلەن ياغاچنى نېپىز، پارچە-پارچە تىلىپ ئاندىن ئۇنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ توقۇلما شەكلىگە كەلتۈرۈپ، يەر يىلىمى بىلەن بىر-بىرىگە يەملەپ جىپىسلاشتۇرۇپ شەكىل چىقىرىلىدۇ. ئېگەرنىڭ ئالدى تەرىپى، ئىككى يان تەرىپى، كەينى يۆلەنچۈك تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي پارچە تاختايلارنى يەر يىلىمى ئارقىلىق چاپلاپ قاتۇرۇپ ياسىلىدۇ. ئېگەر مۇقىم شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ھۆل توپىغا كۆمۈپ تازا يۇمشىغاندىن كېيىن، تۈكلىرىنى پاكىز قىرىۋىتىپ ھۆل تېرە بىلەن ئېگەر قاپلىنىدۇ. ئاندىن بىر نەچچە كۈن ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇغاندىن كېيىن، ئىشلەتسە ناھايىتى مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇنداق قاتۇرۇپ ياسالغان ئېگەرنى نەچچە ئون يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئېگەرگە تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە توغرا كەلسە مەخسۇس توقۇلغان خوتەن گېلىمى بىلەن قاپلىسا تېخىمۇ كۆركەم، ھەيۋەتلىك، چىداملىق بولىدۇ. ئېگەرنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە مەخسۇس تۇچ ياكى مىستىن ئىشلەنگەن ئىزەنگۈ ئورنىتىلىدۇ. ئىزەنگۈنىڭ رولى ئاتقا مىنىش ھەم ئات ئۈستىدە مەھكەم ئولتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم. ئېگەرگە يەنە مەخسۇس تەييارلانغان خرۇمدىن ئىشلەنگەن تۆش تارتقۇ ئورنىتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ياسىغان ئېگەرنىڭ شەكلى ئۆزگىچە، كۆركەم، چىرايلىق، چىداملىق، نەپىس بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پىشقان ھۆنەر- سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلار ياسىغان ئېگەرگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. شۇ دەۋرلەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئېگەرنى خوتەن گىلىمى بىلەن نەپىس، چىرايلىق قاپلاپ تۇچ ياكى مىستىن ياسالغان ئىزەنگۈ ئورنىتىپ ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېگەر ياساش ماھارىتى ئاتنىڭ شەكلىگە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئات ئاسان يېغىر بولۇپ قالمايدۇ. ئاتقا مىنگەن كىشىگىمۇ ئالاھىدە سۆلەت، قامەت بېغىشلايدۇ، ئېغىرلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىمۇ ئات ۋە ئېگەر مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئېگەر ھازىرقى دەۋىردىمۇ ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.