ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئۇزۇن نو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نو ياتقۇزۇش-رىم دەۋرىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدى بىرى. ئۇ چاغدا شەھەرنىڭ جامائەت قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئائىلىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سۇ مەنبەلىرىدىن شەھەرگە تۇتىشىدىغان نو ياتقۇزۇلغان. شۇنىڭ شەھەرگە تەبئىي ھالدا ئېقىپ بېرىشى ئۈچۈن نو مەلۇم دەرىجىدە قىيپاشراق ياتقۇزۇلغان. جىلغا ياكى دەريالار توغرا كەلگەندە نو جازا ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. خاتىرلەرگە قارىغاندا، ئەينى زاماندا رىمدا جەمئىي توققۇز نو ياتقۇزۇلغان بولۇپ، كۈنىگە 350 مىليون سۇ نو ئارقىلىق شەھەرگە ئېقىپ كىرگەن.

ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ بۇرۇنقى نو مىلادىدىن ئىلگىرى 19-يىلى ياسالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋە ياخشى ساقلانغان قىسمى فرانسىيىدىكى نىم ئەتراپىدا بولۇپ، گاردون دەرياسى ئۈستىدىن جازا ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گار نوسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 275 مېتىر، ئېگىزلىكى 49 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئۈچ قەۋەت بولۇپ، تاش بىلەن ئېگىپ قوپۇرۇپ چىقىرىلغان(ئاستىنقى قەۋىتى 6 ئەگمە، ئوتتۇرا قەۋىتى 11 ئەگمە، ئۈستۈنكى قەۋىتى 35 ئەگمە) ئاستىنقى قەۋىتى پىيادىلەر كۆۋرۈكى بولۇپ، ئۈستىنكى قەۋىتىدىن سۇ ئاقىدۇ.

قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ ئۇزۇن نو تۇنىتىكى كارفاگېن نوسى بولۇپ، ئۇنى رىملىقلار ھادرىئان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغلاردا(مىلادى 117-138-يىللىرى) ياسىغان. ئۇ چاگۇئان بۇلىقىدىن يوبېدوگاغىچە ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ 1895-يىلىغىچە 344 ئەگمىسى ساقىلىنىپ كەلگەن. ئەينى زاماندا سۇ ئېقىش مىقدارى كۈنىگە 840 گاللونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. (دىڭ يىجۇ )

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#