قەلەي دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قەلەي (دورا )
  2. قەلەي (مېتال)
دورا
قەلەي

قەلەي كۆمۈش رەڭلىك، يۇمشاق، پارقىراق مېتال بولۇپ، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىششىق تارقىتىش، قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قورۇش، ئورۇقلىتىش رولى بار.

دورا نامى قەلەي
خەنزۇچە ئاتىلىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەلەي كۆمۈش رەڭلىك، يۇمشاق، پارقىراق مېتال بولۇپ، ئادەتتە قوغۇشۇندىن سەل قاتتىقراق، كېڭىيىشچانلىقى بىر ئاز يۇقىرى، ئاسان ئېگىلىپ، ئاسان سۇنىدۇ، سۇندۇرۇلغان يۈزى ھەرە چىشىسىمان كېلىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇسۇق سوغۇق.

جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىششىق تارقىتىش، قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قورۇش، ئورۇقلىتىش.

بويۇن بەز سىلى، تەمرەتكە، سەرتان، ئەمچەك جاراھىتى، كۆز قىزىرىش، بالىياتقۇ جاراھىتى، ئەرلەر جىنسى ئەزا جاراھىتى، سىفلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

1. كۈشتە قىلىنغان قەلەينى گۈل يېغى ۋە ياكى زەيتۇن يېغى ياكى قەلەمپۇر يېغى بىلەن بىرگە مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا خانازىر، تەمرەتكە، سەرتان ۋە ئەمچەك جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قەلەينى قەغەزدەك نېپىز قىلىپ سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا ياكى ياپىلاقلاپ سىركە بىلەن كۈشتە قىلىپ چاپسا، ھەر خىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. كۈشتە قىلىنغان قەلەي تالقىنى 12 گىرام، شاھتەررە 10 گىرام، بۇلارنى سىركە بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سىرتتىن چاپسا، قىچىشقاق، تەمرەتكە، قوتۇر، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. قەلەي تالقىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قۇلاققا قۇيسا، قۇلاققا كىرىپ كەتكەن سىمابنى ئۆزىگە تارتىپ چىقىرىدۇ.

250 ~ 125 مىللىگىرام.

زەھەرلىك مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە ئادەم ئۆلتۈرىدۇ.

ھەسەل، سۈت.

سۈرمە.

ئېلىمىزنىڭ خۇنەن، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

قەلەي مەلھىمى.

1. قەلەيدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى: تىلغا ئاق گەز باغلاش، تامغان ۋە تىل قۇرۇش، قېلىنلىشىش، يۈتىلىش، ھېق تۇتۇش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا ھەسەل ۋە ئەنجۈر سۈيى بېرىپ قۇستۇرلىدۇ، سۈرگە دورىسى سۈپىتىدە سوقمونىيا كۈندە بىر قېتىم ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچۈرلىدۇ. ئەفسەنتىن شەربىتى ئىچكۈزۈپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. سۈت ۋە قايماق، ياغلىق تائاملار كۆپرەك بېرىلىدۇ، ئۇيقۇ مۇمكىن قەدەر چەكلىنىدۇ.

 2. قەلەينى كۈشتە قىلىش ئۇسۇلى:

1-خىل ئۇسۇل؛ قەلەينى يەتتە قېتىم قېزدۇرۇپ ئېرىتىپ قايماققا تاشلاپ داغلىغاندىن كېيىن قايماق يۇقۇندىلىرىنى تازىلىۋىتىپ، تاۋىغا سېلىپ ئوچاققا قۇيۇپ ئاستىدىن ئوت يېقىلىدۇ.. قەلەي ئېرىگەندە شور قەلىمىدىن ئاز - ئازدىن سېپىپ بەرگەچ، يەڭگىل قوچۇپ بېرىلىدۇ. مەشغۇلات داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقاندا ئوت تۇتۇشۇشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا قەلەينى ئوچاقتىن ئېلىپ سوۋۇتۇپ ۋە يۇيۇۋېتىپ يۇمشاق سالاي قىلىپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر خام قالغان بولسا بۇ مەشغۇلات تەكرار ئىشلىنىدۇ.

2-خىل ئۇسۇل: قەلەينى يەتتە قېتىم قىزدۇرۇپ ئېرىتىپ قايماققا تاشلاپ داغلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى قايماق يۇقۇندىلىرىنى تازىلىۋىتىپ چۆمۈچكە سېلىپ، ئوتتا قۇيۇپ ئېرىگەندە ھۆل، يېڭى ماندا يىلتىزى بىلەن قوچىلىدۇ، مەشغۇلات داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە قەلەي سېرىق رەڭگە كىرگەندە ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

3. قەلەينىڭ كۈشتە بولغانلىقىنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى: كۇشتە قىلىنغان قەلەيدىن ئازراق ئېلىپ تازا يالقۇنجاپ تۇرغان چوغ ئۈستىگە تاشلىساق، ئۇ سېرىق رەڭگە مايىل بولسا، كۈشتە بولغان بولىدۇ، ئەگەر باشقا رەڭگە كىرىپ قالسا خام قالغان بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#