داخىيەنزە بازىرى

داخىيەنزە بازىرى

داخىيەنزە بازىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغنىڭ تارماق تىزمىسى بولخىنۇر تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربى، « 312 » دۆلەت يولىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، جەنۇبتا قەدىمىي چالغۇ تېغى بىلەن ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شىمالىي تەرىپى بورتالا دەرياسى بىلەن بورتالا شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى داخىيەنزە بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون بورتالا شەھىرى جىڭ ناھىيەسى
نوپۇسى 32 مىڭ 500
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大河沿子镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 1435.45 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داخىيەنزە بازىرىداخىيەنزە بازىرى جىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، يەر كۆلىمى 1435.45 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 116 مىڭ 300 مو، 790.6 گېكتار يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىشقا بولىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 6110.33 گېكتار. نوپۇس 32 مىڭ 500 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 260 مىڭ. ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، موڭغۇل، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 16 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %45 نى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن بازار تەۋەلىكتىكى 15 مەمۇرىي كەنتلەر ( بۇنىڭ ئىچىدە يېزا–بازار ئۈچ چارۋىچىلىق كەنتى، جەمئىي 60 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى ) ۋە بىر يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات شىركىتى بار. بازار يىرىك پىلانى ئومۇمىي كۆلىمى 1.8 كۋادرات كىلومېتىر، ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە 500 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بازار، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرىنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار تەنتەربىيە يېزا-بازارلىرىنىڭ بىرى. 

داخىيەنزە بازىرىچىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 36-يىلى ( 1771 )، غەربىي قەبىلە چارۋىچىلىقنى بەلگىلەشكە باشلاپ ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەن تۇرغۇتلار جىڭ، داخىيەنزە رايونىدا تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 14-يىلى (1888-يىلى) جىڭ نازارىتى تەسىس قىلغاندىن كېيىن ، داخىيەنزى ئۇرۇقدىشى جىڭ ۋازارىتى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا مىنگو دەۋرى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى رايونغا ئۆزگەرتىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن 2-رايون بولۇپ، 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى ، 1984-يىلى داخىيەنزى بازىرىغا ئۆزگەرتىلگەن.

داخىيەنزە بازىرىقاراشلىق ئىككى مەھەللە، 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى : تاڭنۇرى مەھەللىسى، مەدەنىيەت مەھەللىسى، كۆكقاشا كەنتى، جەنۇبىي كۆكقاشا كەنتى، ئۇتبۇلاق كەنتى، ئورتا بۇلاق كەنتى، ئېلىسېن تولغاي كەنتى، غاشۇنبۇلاق كەنتى، بۆسۈن كەنتى، بېرگىسىن كەنتى، سارتۆرە كەنتى، قۇسايىن تېرېك كەنتى، بوران كەنتى، قوستوغان كەنتى، خۇسۇمچى كەنتى، ئۇشبۇلاق كەنتى، قاراساقال كەنتى قاتارلىقلار. 

داخىيەنزە بازىرىپۈتۈن بازارنىڭ يەر شەكلى شەرقىي جەنۇبى ئېگىز، غەربىي شىمالى پەس. جەنۇبىي قىسمى تاغلىق بولۇپ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، نەم كىلىمات، سۇ ئوتلىرى مول، ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونى؛ ئوتتۇرا قىسىمى، شىمالى تۈزلەڭلىك، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، تۇپرىقى مۇنبەت، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، كىلىمات خۇددى جىڭ بازىرى بىلەن ئوخشاش، لېكىن قۇم-بوران بىر قەدەر كىچىك. تەۋەسەدە ياۋايى ھايۋانلاردىن بۇغا، ياۋا توڭگۇز، ئارقار ( چىشىسى )، تۈلكە، تىيىن، كەكلىك، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار؛ جۇڭيى دورا ماتېرىيالىدىن تەڭرىتاغ قار لەيلىسى، بىيىش، ئەڭلىكئوت، جۇڭگو داڭگۇنى كىرەش، سوغىگۈل، سۇغۇر سېسىقئوتى، پاقا يوپۇرمىقى قاتارلىقلار؛ كان بايلىقلىرىدىن مىس، ئۇششاق تاش، تاش مۇم، تاشپاختا، گرافىت، شور قاتارلىقلار بار. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#