ئاندېس تاغلىرى

ئاندېس تاغلىرى

ئاندېس تاغلىرى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كوردىلېر تاغ سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق تاغ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاندېس تاغلىرى
چەتئەلچە نامى Andes Mountains
جۇغراپىيىلىك ئورنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىرغىقى
خەنزۇچە نامى 安第斯山脉
قاراشلىق تاغ سىستېمىسى كوردىلېر تاغ سىستېمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاندېس تاغلىرىجەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كوردىلېر تاغ سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق تاغ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاغلار ئۆزئارا تەكشى ھەم دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئوخشاش يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقىي شىمالدىكى تىرىنىراد ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ جەنۇبىي ئوتلۇق يەر ئارىلىغا قەدەر 8900 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەڭ كەڭ جاي 640 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتردىن ئاشىدۇ. خېلى بىر قىسىم تاغ چوققىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 6000 مېتردىن ئاشىدۇ. تاغ چوققىلىرى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئاكونگاگۇئا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 6964 مېتر بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. 

ئاندېس تاغلىرىتاغنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك ھەم تار بولۇپ، مۇزلۇقلار، مۇزلۇق كۆللەر تەرەققىي قىلغان تاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئەڭ ئېگىز، تاغ ئارىسى ئېگىزلىكلەر بىلەن تاغ جىلغىلىرى ھىنگا مەدەنىيىتىنىڭ ماكانى ھېسابلىنىدۇ. شىمالدا تارماق تاغلار كۆپ، تاغ ئارىلىرىغا كەڭ ۋادىلار بىلەن پەس جايلار جايلاشقان. بۇ جايلاردا يانار تاغلار كۆپ بولۇپ، يەر تەۋرەش بولۇپ تۇرىدۇ. ئاندېس تېغىدىكى تۇپۇنگاتۇ يانار تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6800 مېتر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تىرىك(ھەرىكەتتىكى) يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. 

ئاندېس تاغلىرى رەسىملىرىئاندېس تاغلىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ، زىچ ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. نېفىت، مىس، قەلەي، ئالتۇن، كۈمۈش، پلاتىنا، ۋىموت، ۋانادىي، گۈڭگۈرت، سېلىترا قاتارلىق كان بايلىقلقىرى مول. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/53342.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#