بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى (تارىختىن بۇيانقى باش كاتىپلار)
  2. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ()
تارىختىن بۇيانقى باش كاتىپلار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى

ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىباتلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى
باشقا نامى ب د ت باش كاتىپى
ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش كاتىپ بان كىمون
خەنزۇچە ئاتىلىشى 联合国秘书长
خىزمەت تارمىقى ب د ت كاتىباتلار باشقارمىسى
ھازىرقى باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتلىس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىباتلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەۋسىيە قىلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات يىغىنىدا بېكىتىلىدىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ھېسابلىنىدۇ. كاتىباتلار باشقارمىسىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش كاتىپى ب د ت غا سىمۋوللۇق قىلىدۇ. ئۆز سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايدىكى تونۇشنى ھەل قىلىدۇ.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەۋسىيە قىلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات يىغىنىدا بېكىتىلىدۇ.

1. قىتئەلەر نۆۋەتلىشىش 

2. ئىقتىدارلىقلارنى ئىشلىتىش 

3. خەۋپسىزلىككە ئەزا دۆلەتلەر بىردەك ماقۇللاش 

4. كىچىك دۆلەتلەرنى ئالدىن ئويلىشىش 

ئىزاھات: قانۇنغا كىرگۈزۈلمىگەن ئورتاق پرىنسىپ خەۋپسىزلىككە ئەزا بەش دۆلەتتىن سايلاشقا بولمايدۇ. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ، كاتىباتلار باشقارمىسىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

شەرتى ناھايىتى مۇرەككەپ، سىياسىيون بولۇشى ھەمدە ئۇزۇن يىللىق سىياسىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى، خەلقئارادا نوپۇزى بولۇشى كېرەك. 

1.تىراي گىۋ خالىۋدان لىي (Trygve Halvdan Lie )

دۆلەت تەۋەلىكى: نورۋېگىيە؛ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى:  1946-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1952-يىلى11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە. 

 ئۇ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغان ۋاقىتتا ب د ت نىڭ بىناسىنىڭ سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشى، 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى، چاۋشيەن ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. ئۇ باش كاتىپ بولغان كۈندىن باشلاپلا ب د ت نىڭ ئامېرىكا، سوۋېت قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن، ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. جۇڭگو ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگوغا تەيۋەننىڭ ئەمەس، چوڭ قۇرۇقلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇنىڭ چاۋشيەنگە  ب د ت نىڭ قوشۇن چىقىرىشىغا قوشۇلغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى، بولمىسا ب د ت دىن چېكىنىپ چىقىپ ئايرىم بىر ب د ت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

2.داگ ھاممار (Dag Hjalmar ) 

دۆلەت تەۋەلىكى: شىۋېتسىيە؛ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1953-يىلى 4-ئاينىڭ 10 كۈنىدىن 1961-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنىگىچە. 

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغان. داگ ھاممار سىياسىيغا ناھايىتى ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىيونلار ئىچىدىكى سىياسىيون دەپ نام ئالغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى قۇرغان، <ۋاكسىنا ھەرىكىتى>نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ  ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى، ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان دۆلەتلەرنى قوللىغان. ب د ت دەسلەپتە قۇرۇلغاندا 54دۆلەت بار بولۇپ، ئۇ كاتىپ بولغان ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ سانى 90 نەچچىگە يەتكەن. مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن  دۆلەتلەرنى قوللىغانلىقى ئۇچۇن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان. 1961-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى گانگودا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتىشىدا ئايروپىلان پارتلاپ كېتىپ قازا قىلغان. (ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇنى ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى دەپ قارايدۇ، ب د ت قىسىملىرى نەق مەيدانغا بېرىشتىن بۇرۇن ، ئامېرىكا ئارمىيەسى نەق مەيداننى تازلىۋەتكەچكە ب د ت بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە  ئامالسىز قالغان. ئامېرىكا  بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ يەرلىك قوراللىق كۈچلەرنى قىرىۋەتكەن). 

3.ئۇ زەنىت (U Thant ) 

دۆلەت تەۋەلىكى: بىرما، ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1961-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 

ئۇ زەنىت ئوخشاشلا ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان ھەمدە ب د ت ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان. 

4.كۇرت ۋالدخىم (Kurt Waldheim )،

دۆلەت تەۋەلىكى: ئاۋسترىيە. ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1972-يىلىدىن1981-يىلىغىچە. 

ئۇ باش كاتىپ بولغان مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى ئورنى ئەسلىگە كەلگەن. 1981-يىلى يەنە بىر قېتىم باش كاتىپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان، بىراق  جۇڭگو رەت قىلغان. 

5.جاۋېئىر كۇللار(Javier Perez de Cuellar ) 

دۆلەت تەۋەلىكى: پېرۇ؛ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1982-يىلىدىن1991-يىلىغىچە.

 ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغان. جاۋېئىر باش كاتىپ بولغان مەزگىلدە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى ئەمەس، بەلكى لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكىسى  بولۇشىغا كۈچىگەن ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  ئىران-ئىراق ئۇرۇشى، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى، كامبودژا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزەشتە زور رول ئوينىغان. ئۇ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، پېرۇغا قايتىپ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان.

6.بوتروس گالىي(Boutros Boutros-Ghali ) 

دۆلەت تەۋەلىكى:  مىسىر؛ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1992-يىلىدىن 19996-يىلىغىچە. 

گالى باش كاتىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ب د ت دا ئىسلاھات ئىلىپ بارغان،بىر قىسىم ئادەملەرنى قىسقارتقان.بىر قىسىم ئورگانلارنى بىكار قىلغان، يېڭىدىن بىر قىسىم ئورگانلارنى تەسىس قىلغان.ئۇنىڭ بىر قاتار ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسىدە ب د ت نىڭ چىقىمى ،خىزمەت ئازىيىپ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1990-يىلى دۆلەتلەرنىڭ سانى 180دىن ئاشقان بولۇپ، ب د ت دەسلەپتە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 54تىن ئۇچ ھەسسە كۆپەيگەن. شۇنداق بولغاچقا گالى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتنى  كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، دۇنيا ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ياپونىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىنى قوللىغان. بىراق بەش دۆلەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى پەش قىلىپ رەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئەراپات بىلەن لابىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئىمزالىشىغا، پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا  ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدىن باشقا گالى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە قول تىقىشى، ب د ت نىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي  تۇرۇپ ھەر قايسى رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئىلىپ بېرىشىنى ئەيىبلىگەن. ھەم ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارارىنى خالىغانچە رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، ئۇ يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش ياكى ئەزا دۆلەتنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئوچۇق-ئاشكارا «گالى ئۆزىنى بىلمەي قاپتۇ، ئۇ كاتىپلا خالاس، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىز دېگەننى قىلسىلا بولدى» دېگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گالىنىڭ داۋاملىق  ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.شۇنىڭ بىلەن گالى بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن.

7.كوفى ئاننان(Kofi Atta Annan )، 

دۆلەت تەۋەلىكى: گانا؛ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 1996-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە. 

ئاننان ب د ت دىكى تۇنجى ب د ت نىڭ ئىچىدىن چىققان باش كاتىپ ( ئىلگىرىدىكى باش كاتىپ يا بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يا مەلۇم دۆلەتنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى). ئاننان ئەسلىدە گانادىكى قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇپ ،ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىققان. 60-يىللاردىن باشلاپلا ب د ت دا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. نۇرغۇنلىغان قېتىم تىنىچلىق ساقلاش قىسمى بىلەن ئۇرۇش-توقۇنۇش بولغان يەرگە بارغان. 2001-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

8. بان كىېون 

دۆلەت تەۋەلىكى: كورىيە. ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى: 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.

ئۇكرائىنا، سۇرىيە قاتارلىق جايلاردىكى توقۇنۇشنى توسۇش، ئىران ۋە چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#