غۇنچە ئۈزۈم دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. غۇنچە ئۈزۈم (ئۆسۈملۈك)
  2. غۇنچە ئۈزۈم ()
ئۆسۈملۈك

غۇنچە ئۈزۈم

غۇنچە ئۈزۈم

غۇنچە ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان ، پىچان ، قۇمۇل رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، دانىسى كىچىك يۇمىلاق ، قۇرۇتقاندا كاۋاۋىچىن رەڭدە بولىدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى غۇنچە ئۈزۈم
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى ئۈزۈم ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 索索葡萄
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى ئۈزۈم ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇپۇرمىقى 

غۇنچە ئۈزۈمغۇنچە ئۈزۈم   بولسا  ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، ئۈزۈمگە ئۇرۇقداش پىلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ،ئۈزۈمنىڭ تىلى ئىنچىكە ، يوپۇرمىقى كىچىك ، رەڭگى سېرىق يېشىل ، بوغۇم ئارلىقى قىسقا ، پىلىكى بىر مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالقانسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇس شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆسىدۇ. 

مېۋىسى

غۇنچە ئۈزۈممېۋىسى سەل ياپىلاقراق ھەم كىچىك ، پوستى رەڭگى توق قىزىل ( جىگەررەڭ ) ، قېلىن ، ئېتى نېپىز ، شىرنىسى ئاز ، پۇراقسىز ھەم ئۇرۇقسىز كېلىدۇ ، غۇنچە ئۈزۈمنىڭ رەڭگى دەسلەپ يېشىل بولۇپ ، كۈزلۈكى قارا قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ . دانىسى كىچىك يۇمىلاق ، قۇرۇتقاندا كاۋاۋىچىن رەڭدە بولىدۇ . 

ئۇزۇقلۇق قىممىتى 

غۇنچە ئۈزۈمغۇنچە ئۈزۈم تەركىبىدە گلوكوزا، مېۋە قەنتى، ساخاراروزا، ئالما كىسلاتاسى، يوپۇرماق كىسلاتاسـى، ئۈزۈم كىـسـلاتاسـى، گـلـوـكوزىد، ئاقسىل، Fe، P، Ca، كاروتـىـن، ۋىـتـامـىـنلاردىـن ۋىـتـامـىـن C، ۋىتامـىـن B2، ۋىـتـامـىـنPP، ئۇنىـڭدىـن باشـقا Procyanidol ، Oenin Malridin ، Delphinidin ،Cyanidin. ئۇرۇقىدا ماي، Catechol، موزا كىسلاتاسى Phosphatidic acid قاتارلىقلار بار.

دورىلىق قىممىتى 

غۇنچە ئۈزۈمغۇنچە ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ، بولۇپمۇ بالىلارغا قىزىل چىققاندا ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچكۈزسە قىزىل سىرتقا چىقىدۇ .

ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، بەدەننى تازىلاپ، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزۈش؛ سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، جىگەرنى ئاسراش.

غۇنچە ئۈزۈمنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلار قىزىتمىسى، سىزلام، ھامىلە تەۋرەپ، بىئارام قىلىشقا مەنپەئەتلىك.

غۇنچە ئۈزۈمدىن 20 گرام، يۇمغاقسۈت يىلتىزىدىن 10 گرام ئېىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى قىزىل چىقىپ، سىرتقا تەپمىگەنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

غۇنچە ئۈزۈم 15 گرام، كاكىنەچ، سېمىز ئوت 10 گرام، ئىتئۈزۈمى 5 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىزلامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

غۇنچە ئۈزۈم، چىلان، ئارپىبەدىيان، كاسىنە، زىرىق 20 گرامدىن ئېلىپ شېكەر قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#