قارادالا يېزىسى

قارادالا يېزىسى
قارادالا يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى تېكەس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قارادالا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 579 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ يېرىم قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀拉达拉乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى
نوپۇسى 23969 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارادالا يېزىسىقارادالا يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى تېكەس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 579 كۋادرات كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 21 كىلومېتىر، غەربتە تېكەس ھەربىي ئات فېرمىسى بىلەن تۇتاشقان، شەرق تەرىپى قاراتوقاي يېزىسى، جەنۇبتا ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتاشقان، شىمال تەرىپى توققۇز تارا ناھىيەسى بىلەن چېگىرالانغان.

قارادالا يېزىسى قارىمىقىدا 7 دېھقانچىلىق كەنتى، 6 چارۋىچىلىق كەنتى، چارۋىچىلىق رايونى ئاقتوغىل كەنتى 2001-يىلى ناھىيە بويىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر كەنت، 13 مەمۇرىي كەنت، 1 يېزىلىق كارخانا، جەمئىي 29 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

1950-يىلى، تېكەس ناھىيەسىدە  ھۆكۈمەت قۇرۇلغان چاغدا قارادالا يېزىسى 4-رايون بولغان.

1958-يىلى، «قىزىل بايراق» 5-خەلق گۇڭشېسى بولغان.

1978-يىلى، نامى قارادالا گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1984-يىلى، ھۆكۈمەت بىلەن گۇڭشېنى ئايرىپ تەسىس قىلغاندا، قارادالا يېزىسى بولغان.

قارادالا يېزىسىدا قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، دۇڭشياڭ قاتارلىق 11 ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان. جەمئىي 4372 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 23969 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2075 ئائىلىلىك، 11817 ئادەم، چارۋىچىلىق نوپۇسى 1016 ئائىلىلىك، 6342 ئادەم، غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 1236 ئائىلىلىك، 5810 ئادەم، قازاقلار 13039 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 54.4 نى، خەنزۇلار 6831 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %28.5 نى ئىگەللىگەن.

قارادالا يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۆپ تەرەپلىمە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

بىرىنچى، يول بويىدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە. تېكەس ناھىيەسىدىن  قارادالا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ يېزا ئىگىلىك رايونىغا پۈتۈن ناھىيە-يېزا تاشيولى سىڭدۈرۈلگەن.

ئىككىنچى، يايلاق چارۋىچىلىق ئەۋزەللىكى، يېزا بويىچە جەمئىي 450 مىڭ مو پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەبىئىي ئوتلاق بار. چارۋىچىلىق ئوتلاق كۆلىمى 758368 مو، بۇنىڭ ئىچىدە قىشلىق يايلاق 254058 مو، يازلىق يايلاق 265942 مو، ئەتىيازلىق يايلاق 182439 مو.

قارادالا يېزىسىئۈچىنچى، تېرىلغۇ يەر ئورمان بايلىق ئەۋزەللىكى. يېزا ئىگىلىك يەر بايلىقى مول، ئويمانلىق، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 37 مىڭ 700 مو، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق رايونىدىكى تېرىلغۇ يەر 37714 مو، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، يېزا بويىچە زىرائەت تېرىش ، ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەت بۇغداي، قوناق، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن ئاساسلىقى مايلىق دان، زىغىر، ئوسما يىلتىزى ۋە چۈچۈكبۇيا قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى. ئېتىز-ئېرىقنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى، ھازىرقى ئېتىز-ئېرىق ئورمان بەلۋىغىنىڭ كۆلىمى 6342 مو.

تۆتىنچى، مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ئەۋزەللىككە ئىگە. پۈتۈن يېزىسى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ كونترول رايونى، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى، يېزا بويىچە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە-چېۋە ئومۇمىي كۆلىمى 1642 مو.

بەشىنچى، يېزا ئىگىلىك رايونى چارۋىچىلىق ئەۋزەللىككە ئىگە. يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك رايونىدا ھەر يىلى بوردالغان قوي 6105 دانە، كالا 289 تۇياققا يىتىپ، يېزا ئىگىلىك رايونىدىكى كىچىك چارۋا 24587 تۇياققا (دانە)، چوڭ چارۋا 3836 تۇياققا يەتكەن، بۇلكەن كەنتىدىكى كالا بېقىش بازىسى نەسىللىك كالا باقمىچىلىق رايونى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان.

قارادالا يېزىسىدىكى قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى: مىس، ئالتۇن، ھاك تاش قاتارلىقلار بار. تېكەس دەرياسى يېزا ئىگىلىك رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېپەك ئالتۇن بايلىق مول، كانچىلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.

ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقلاردىن ئاساسلىقى: قارا تايغان بۇغا، ئېيىق، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، سوغىگۈل، قار لەيلىسى، ئەڭلىكئوت، چۈچۈكبۇيا، شەمشاد قاتارلىقلار بار.

قارادالا يېزىسىقارادالا يېزىسىدىكى ساياھەت نوقتىلىرىدىن داڭلىق قاراجون، قۇشتاي يايلىقى بار، بۇ جايلارنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق، ساياھەتچىلەرنىڭ يازلىق ساياھىتىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ياخشى جاي.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#