قاندىكى ماي يۇقىرىلاش

قاندىكى ماي يۇقىرىلاش

قاندىكى ماي يۇقىرىلاش ھەرخىل سەۋەبلەردىن قاندىكى خولېتسېرىن ۋە تېرى گلىتسېرىننىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ، كلىنىكىدا باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش، مۈڭگۈز پەردە ھالقىسى شەكىللىنىش، پۇت~قوللار قولىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

جۇڭيى تىبابىتى نامى قاندىكى ماي يۇقىرىلاش
تەۋە بۆلۈم ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
چەتئەلچە نامى hyperlipoidemia
خەنزۇچە نامى 高脂血症
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاندىكى ماي يۇقىرىلاش1. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتلار تەڭپۇڭلىقى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلىگەندە قان تەركىبىدىكى تېرى گېلىتسىدىن ماي كىسلاتاسى بىلەن گلىتسېرىدقا پارچىلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ماي كىسلاتاسى ئوكسىدلىنىپ، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە گەجسىمان بەلغەم خىلىتى ھاسىل بولغاندا بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت ئۆزىنىڭ قويۇقلۇقى، يېپىشقاقلىقى ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى سوغۇقلۇقى بىلەن قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بەدەننىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ تېرە گلىتسېرىدنىڭ ئىشلىنىشى ۋە بىرىكتۈرۈلۈشى كۈچىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرى گلىتسېرىن كۆپلەپ ئىشلىنىپ چىقىپ قان تەركىبىگە قوشۇلىدۇ، لېكىن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى ھەم ماددا ئالمىشىش سۇس بولغاچقا تېرى گلىتسېرىننىڭ پارچىلىنىشى مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ تېرى گلىتسېرىننىڭ تەمىنلىنىش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، قاندا تېرى گلىتسېرىننىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي قاندىكى باشقا ماي تەركىبلىرىمۇ يۇقىرىلاپ قاندا ماي يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى كەيپىيات جەھەتتىن ھۆل سوغۇق، قىيام جەھەتتىن نسىبەتەن قويۇق بولغاچقا، پۈتۈن بەدەننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمنلەش ئۈچۈن تېرى گلىتسېرىن كۆپلەپ بىرىكىپ ۋە ئىشلىنىپ چىقىپ قان ئېقىمىغا كىرىدۇ، لېكىن قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغاچقا ھەمدە ماددا ئالمىشىش سۇس بولغاچقا تېرى گلىتسېرىننىڭ پارچىلىنىشى تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە بەدەن ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمنلەش مەقسىتىدە تېرى گلىتسېرىن داۋاملىق بىرىكىپ، بىرلىك مىقدارى يۇقىرىلاپ قاندا ماي يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سەۋدا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى بىلەن قان تومۇرلارنى تارايتىپ ھەمدە قىيام جەھەتتىكى قويۇقلۇقى بىلەن قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ كېتىدۇ، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تىرى گلىتسېرىن كۆپلەپ بىرىكىپ ۋە ئىشلىنىپ چىقىپ قان ئېقىمىغا كىرىدۇ. لېكىن قاننىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى ھەمدە ماددا ئالمىشى سۇس بولغاچقا تېرى گلىتسېرىننىڭ پارچىلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش بىلەن بىرگە بەدەن ئېنېرگىيىسىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە داۋاملىق تېرى گلىتسېرىننىڭ قاندىكى بىرلىك مىقدارى يۇقىرىلاپ قاندا ماي يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. قەنت سىيىش كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قەنت سىيىش كېسەللىكى ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى يېتىشمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىك بىلەن ماي ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ تېرى گلىتسېرىدنىڭ پارچىلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، قاندىكى تېرى گلىتسېرىدنىڭ مىقداىر يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولمىغاندا ئاقسىل سىيىش كۆرۈلگەچكە بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى تېزلىشىش بىلەن بىرگە جىگەردىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلنى بىرىكتۈرۈش مەركىزىمۇ غىدىقلىنىپ كۆپلەپ ماي ئاقسىلى بىرىكتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاندىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تەركىبىدە ماي مىقدارى يۇقىرى بولغان ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن بەدەندىكى ماي ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ ماي بىلەن تەمىنلىنىش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ تەدرىجىي قاندا ماي يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. تۇرمۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تاماقتىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىش، ھاراق ئىچىش، ھەرىكەتنى ئاز قىلىش قاتارلىقلار سەەبىدىن بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيىنىڭ مىقدارى كۆپ، سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ مىقدارى ئاز بولۇش سەۋەبىدىن ماي بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، قاندا ماي يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. ئېرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

9. روھىي ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇزاق ۋاقىت پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىغا يولۇققانلاردا بەدەندىكى ماي ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، تەدرىجىي قاندا ماي يۇقىرىلاش كېلىپ چىقىدۇ.

10. بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۇغۇت چەكلەش دورىلىرى، بەزى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ۋە ئىممۇنىتنى تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قاندىكى ماي يۇقىرىلاش1. باش ئاغرىيدۇ، كۆز تورلىشىدۇ، پۇت~قوللار قولىشىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ، تەپەككۇر سۇسلىشىدۇ، پۇت-~قوللار ئېغىرلىشىپ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئىش خۇشياقمايدىغان، تىرىككەك بولۇپ قالىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بەزىلەردە بوغۇملار قىزىرىپ ئىششىيدۇ.

2. سېرىق رەڭلىك ئۆسمە شەكىللىنىدۇ؛ تېرە نېپىز ئورۇنلاردا يەنى ئۈستۈنكى قاپاقتا چوڭ~كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇنغان سېرىق رەڭلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، باسقاندا ئاغرىمايدۇ، ماددىسى يۇمشاق بولىدۇ. كۆپىنچە مايلارنىڭ ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.

3. مۈڭگۈز پەردە ھالقىسى شەكىللىنىدۇ؛ كۆز قارىچۇقىنىڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت نېپىز پەردىدە ماينىڭ ئولتۇرۇشۇپ قېلىشىدىن مۈڭگۈز پەردە ھالقىسى شەكىللىنىدۇ. كۆرۈش ئىقتىدارىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، مېڭە قان تومۇر قېتىش، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قاندىكى ماي يۇقىرىلاش1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، پۇت~قوللار قولىشىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش، مۈڭگۈز پەردە ھالقىسى شەكىللىنىش، سېرىق رەڭلىك ئۆسمە شەكىللىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قاندىكى ماينى تەكشۈرگەندە قاندىكى ئومۇمىي خولېستېرىن، تېرى گلىتسېرىد، تۆۋەن زىچلىقتىكى ماي ئاقسىل يۇقىرىلايدۇ. يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىل تۆۋەنلەيدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. قان تومۇرنى كېڭەيتىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان تەركىبىدىكى ماينى ئېرىتىش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

قاندىكى ماي يۇقىرىلاشگەجسىمان بەلغەم خىلىتى ۋە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتنىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلاردىن قارا ھېلىلە، بىستىپايەج، ھېلىلە كابىلە، سېرىق ھېلىلە، كاسىنە ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15-10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5-3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلاردىن ئەفسەنتىن، سېرىق ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، قارا ھېلىلە، بىستىپايەج، كەرەپشە ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15-10كۈن بېرىپ ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5-3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

قان تومۇرنى كېڭەيتىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان تەركىبىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە: تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ: مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ئەفسەنتىن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، رەۋەن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى خىيارشەنبەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن، داۋائى لوك كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىرىدن، ئىتتىرىفىل بەدىيان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك 40 قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

مەتبۇخى ئەفتىمۇن نۇسخىسى:

ئەفتىمۇن، سانا، سېرىق ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، قىزىلگۈل 20 گرامدىن، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىن 60 گرامدىن، تۇربۇت، بادىرەنجى بۇيا، گاۋزىبان، ئامىلە، ئۈستىقۇددۇس، بىستىپايەج،نېلۇپەر، كاسىنە ئۇرۇقى، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سېرىقئوت ئۇرۇقى، شاھتەررە، بىنەپشە 10 گرامدىن، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 30 گرام، بادام يېغى 10 مىللىلىتىر، چىلان، ئاچچىقتاۋۇز 15 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

مەتبۇخى ھېلىلە نۇسخىسى:

سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، بەلىلە پوستى، ئامىلە، ئىتئۈزۈم، چۆبچىن، سەرسىبىل، ئەفتىمۇن، شاھتەررە، خىيارشەنبەر 30 گرامدىن، سانا 45 گرام، ئۈستقۇددۇس، كەرەپشە ئۇرۇقى 18 گرامدىن، زەرچۇۋە، بىنەپشە، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، بابۇنە گۈلى، بەدىيان، سەۋزە ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى، شۇمشا، كاسىەن ئۇرۇقى، نېلۇپەر 15گرامدىن، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر، ئەنجۇر مونىكى، چىلان، ئەينۇلا 90 گرامدىن، تەرەنجىبىن 100 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

مەتبۇخى خىيارشەنبەر نۇسخىسى: سېرىق ھېلىلە پوستى، ھېلىلە كابىلى پوستى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە، تۇربۇت، بىستىپايەج، ئەفتىمۇن، پەرەنجىمىشكى، گاۋزىبان، ئۈستىقۇددۇس، بەدىيان، قىزىلگۈل، پىرسىياۋشان، بىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە ئۇرۇقى، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى، سانا 30 گرامدىن، شاھتەررە، چىلان 50 گرام، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 100 گرامدىن، بادام يېغى 40 مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

رەۋەن شەربىتى نۇسخىسى: رەۋەن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 30 گرامدىن، ئارپىبەدىيان، رۇم بەدىيان، ئىگىر، ئىزخىر، كەرەپشە ئۇرۇقى، غاپەس 10 گرامدىن، سۇمبۇل، دارچىن، ئوردان، ئوغرىتىكەن 15 گرامدىن، مەستىكى 20 گرام، قوناق ساقىلى 40 گرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئەفسەنتىن شەربىتى نۇسخىسى: ئەفسەنتىن، غارىقۇن 24 گرامدىن، قىزىلگۈل 48 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 240 گرام، بەدىيان يىلتىزى 120 گرام، مەستىكى، يالپۇز، ئىزخىر، زەپەر، رۇم بەدىيان، سۇمبۇل، ئاسارۇن، سازەج ھىندى 10 گرام، پىننە 140 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 20 گرام، شېكەر بىر كىلوگرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

گاۋزىبان ھىندى، ئۈستىقۇددۇس 25 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 30 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 120 گرام، ناۋات 70 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، قائىدە بويىچە سۇفۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

گاۋزىبان، بادىرەنجى بۇيا، ئۈستىقۇددۇس، زىخ، شاھتەررە، سەرسبىل، رۇم بەدىيان، قارا ھېلىلە، چۆبچىن، يەرلىك شوخلا، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرامدىن، چىلان، تەمرى ھىندى، ھېلىلە كابىلى، ئەينۇلا، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە پوستى 30گرامدىن، تۇربۇت، پىستىپايەج 10 گرامدىن، خىيارشەنبەر 45 گرام، ئەفتىمۇن، سانا 12 گرامدىن، سىركە 200 مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەۋرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى ئەۋرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ئىتتىرىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كۆپ ئۇخلاشتىن، پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىدىن، ھورۇنلۇقتىن، ھاراق ئىچىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەرنى ئېغىر ھەرىكەت قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلىنىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، زىيادە مايلىق، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن: سېمىز كالا گۆشى، سېمىز قوي گۆشى، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، قايماق، سېرىق ماي، تۇخۇم سېرىقى، بولكا، تورت، قۇيماق، باقالى، قوي مېيى، كالا مېيى، ھاراق، ئاق شېكەر، مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان، مايسىز غىزالار تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. مەسىلەن: كۈندىلىك تامىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا پىياز ئىستېمال قىلىنىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى دانە ئالما يەپ بېرىلىدۇ، سوقا چىلان، شاپتۇل قېقى، يۇمغاقسۈتنى سۇغا چىلاپ سۈيى ئىچىشكە بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق مىقداردا ئورۇق گۆش، ئۆسۈملۈك مېيى، پۇرچاق يېمەكلىكلىرى، يېڭى كۆكتات، يېڭى مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=870

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#