جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق جىلغىسى

جىلغا تۆپىسىدىكى پەيسىمان قۇم بارخانلىرى

بۇ جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 نەچچە مىڭ مېتىر بولۇپ ، بۈگۈنگىچە مەملىكەت ئىچىدە بايقالغان ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق جىلغىسى ھېسابلىنىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق جىلغىسى
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 نەچچە مىڭ مېتىر
خەنزۇچە ئىسمى 中国最长的沙谷

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىلغا ئىچىدىن بايقالغان ياۋا تۆگە ئىزلىرى بۇ جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 نەچچە مىڭ مېتىر بولۇپ ، بۈگۈنگىچە مەملىكەت ئىچىدە بايقالغان ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق جىلغىسى ھېسابلىنىدۇ .

 جىلغا ئىچىنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىرىشچان بولۇپ ، قۇم –شېغىل چۆكمىلىرى خىلمۇخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن . ئالتۇنتاغنىڭ يامغۇر پەسلىدە ئېقىن سۈيىنىڭ يالىشىدىن پەيدا بولغان پەسىل خاراكتېرلىك ئەگرى-بۈگرى دەريا يولى (قانال) دىن بىرى بار ئىكەن ، جىلغا ئىچىدە ئوخشىمىغان تۈردىكى ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى بار ئىكەن ، جىلغا تۆپىسىدە يەنە جاھاندا تەڭداشسىز پەيسىمان قۇم بارخانلىرى بار ئىكەن . جىلغىنىڭ ئىككى يېنىدا تۈۋرۈكسىمان تاشلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن ، قۇم، قورام تاش ، شېغىل قاتارلىق كۆپ خىل تاش قاتلاملىرى بۇ خىلمۇخىل تۈۋرۈكسىمان تاش مەنزىرىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن ، ئەڭ ئېگىز يېرى 50 نەچچە مېتىر بولۇپ ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن .

    ئىگىلىنىشىچە ، جىلغا ئىچىدىن نۇرغۇن ياۋا تۆگە ۋە جەرەن ئىزلىرى بايقالغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن جىلغا ئىچىدە ياۋا تۆگە توپى بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن ، بۇنداق توپ پۈتۈن لوپنۇر ياۋا تۆگە تەبىئىي قوغداش رايونىدىمۇ نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدىكەن .

جىلغىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تۈۋرۈكسىمان تاش مەنزىرىسى2013-يىلى 11-ئىيۇن ، داڭلىق ئېكسپېدىتسىيەچى ۋۇ شىگۇاڭ ۋە بىر قانچە ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى ھەۋەسكارى چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىن 300 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لوپنۇر رايونىدا بىر قۇملۇق جىلغىسىنى بايقىدى .

 شۇ كۈنى ، ئېكسپېدىتسىيەچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ ، ئۆلكە تاشيولى 235-لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ ، لوپنۇرنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە يېتىپ بېرىپ ، ئالتۇنتاغ ئېتىكىنى بويلاپ شەرققە مېڭىپ جىلغىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلگەن .[0]

   


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#