ئۇيغۇرچە نامى كۆلباي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1360 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 库勒拜乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قابا ناھىيەسى
نوپۇسى 12 مىڭ
ئايرودروم قاناس ئايرودرومى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆلباي يېزىسىكۆلباي يېزىسى قابا ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا. 1958-يىلى قىزىل بايراق گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1971-يىلى شيۇجېڭجۇيىغا قارشى تۇرۇش گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1978-يىلى كۆلباي گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان، 1984-يىلى يېزا بۇلۇپ قۇرۇلغان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا يەتتە كىلومېتر يىراقلىقتا. كۆلىمى 1360 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. تەۋەسىدە تۇلۇقۇل گۆش كالىسى بازىسى بار. 

كۆلباي يېزىسىكۆلباي يېزىسىغا قاراشلىق جياڭ جۈلىك كەنتى، قارا بۇلاق كەنتى، تېرەكتىقۇلاق كەنتى، سارتاقتاي كەنتى، ئۈشتۆبە كەنتى، كۆتۈرمە كەنتى، تۆكلى بېيىت كەنتى، سارئوي كەنتى، قاراقوي كەنتى، بۇرلې تېرەك كەنتى، كۆك كېيىك كەنتى، بالتا كەنتى، توخېلا كەنتى، تۆمۈر قاراۋۇل كەنتى، تاسقالا كەنتى، جونتاستاق كەنتى، سارقىياق كەنتى، قار ئۆتكەل كەنتى، قايىڭدى ئارال كەنتى، شى تۆبە كەنتى، ئاقجار كەنتى، كۆلباي كەنتى، قارا ئۆتكەل كەنتى، قارا شىلىك كەنتى، تۈلكىلى كەنتى، قوسئارال كەنتى، كۆلباي ئاقچى كەنتى، ئاشا كەنتى قاتارلىق 27 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 

كۆلباي يېزىسىكۆلباي يېزىسى قابا ناھىيەسىنىڭ غەربىگە يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يېزا بويىچە 4099 ئائىلە، نوپۇسى 12 مىڭ، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %75نى ئىگىلەيدۇ. بىر يىلدا نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰11.7، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰5. 

كۆلباي يېزىسىكۆلباي يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 102 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق زىرائەت گازىر، تاۋۇز، بۇغداي، قوناق، مايلىق ئاپتاپپەرەس، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلار بار. بۇغداي 8000 مو، 16 مىڭ مو ياغلىق ئاپتاپپەرەس، سېرىق پۇرچاق 40 مىڭ مو، قوناق 10 مىڭ مو، گازىر 8000 مو.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#