لىن چياۋجژ

ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر كەشپىياتى يوق، بىراق ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى ئايال ئاكادېمىكى؛ ئۇ ھېچقانداق خەلقئارا مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن، بىراق ئۇنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەر ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق، لېكىن مىڭلىغان تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار ئۇنى ئاپا، موما. . . دەپ ئاتايدۇ؛ ئۇ مەشھۇر ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لىن چياۋجژ  (1901 −1983) دۇر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى لىن چياۋجژ
باشقا نامى 丽咪,三姑
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1983-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
چەتئەلچە نامى Lim KT,Lin Chao-chin
خەنزۇچە ئىسمى 林巧稚
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
كەسپى دوختۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىن چياۋجژ فۇجيەننىڭ شيامېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1921-يىلى يازدا، ئۇ شاڭخەي گە بېرىپ، بېيجىڭ شېخې تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، شۇ كۈنى ھاۋا دىمىق بولغاچقا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قىز ساۋاقدىشى توساتتىن ھوشىدىن كېتىدۇ، لىن چياۋجژ جاۋابىنى يېزىپ بولالمىغان ئىمتىھان قەغىزىنى تاشلاپ قويۇپ، قىز ساۋاقدىشىنى يېقىندىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. قائىدە بويىچە ئىمتىھان سوئالىغا تولۇق جاۋاب بەرمىگەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنمايتتى، لېكىن ئىمتىھان ئالغۇچى مۇشۇ ۋەقەدىن ئۇنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تەمكىن تۇرىدىغان، ئۆزىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزىدىغان روھىنى بايقايدۇ، بۇ دەل دوختۇرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك كەسپىي ئەخلاق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆھبەتلىشىش داۋامىدىكى راۋان ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى ۋە تولۇق جاۋاب يېزىلمىغان ئىمتىھان قەغىزىدىن ئىپادىلەنگەن پۇختا ئاساس بىلىمى سەۋەبىدىن، ئۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ.

شېخې تېببىي ئىنستىتۇتىنى ئامېرىكا دىنىي جەمئىيىتى قۇرغان بولۇپ، ئۇ ھەم تېببىي ئىنستىتۇت، ھەم دوختۇرخانا ئىدى، ئوقۇش تۈزۈمى سەككىز يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قويۇلاتتى. لىن چياۋجژ بۇ يەردە قېتىرقىنىپ سەككىز يىل ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن تېببىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

شېخې دوختۇرخانىسىدا ئاياللار پەرۋىش ۋە سېستىرالىق خىزمىتى بىلەنلا شۇغۇللىنالايتتى، لىن چياۋجژ تۇنجى ئايال دوختۇر بولۇپلا قالماستىن، كېيىن يەنە تۇنجى ئايال مۇدىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كۈن بويى باشقىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزى ئائىلىلىك بولالمايدۇ، ئۆزىنىڭ بارلىق مۇھەببىتىنى مېدىتسىناغا، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بوۋاقلارغا بېغىشلايدۇ. لىن چياۋجژ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، داۋالاش 1-سېپىدە ئالەمدىن ئۆتكۈچە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، ئۆزىدىن كېچىپ باشقىلارنى كۆزلەشتەك داۋالاش ئىستىلى تېبابەت ساھەسىگە تارىلىپ، تېببىي ساھەدىكى ئايال قەھرىمان دەپ تەرىپلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#