سېغىنىش كۆلى
سېغىنىش كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراشەھەر ئويمانلىقىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 6180 مو، كۆلنىڭ يەر مەيدانى 4180 مو، تەبىئىي شەكىللەنگەن كىچىك كۆل.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېغىنىش كۆلىسېغىنىش كۆلى شىنجاڭ قاراشەھەر ئويمانلىقى دەنزىل يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى كونا سانائەت 3-تۈەنى (ئەسلىدىكى بىڭتۇەن سانائەت 1 شىسى 3-تۇەنى) تۇەن شىتابىغا ئۇدۇلىغا جايلاشقان، قاراشەھەر ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 32 كىلومېتىر، كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(كونا 314-دۆلەت يولى)ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، يول يۈزى كەڭ، تۈز، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق.
سېغىنىش كۆلى تەبىئىي شەكىللەنگەن كىچىك كۆل، ئومۇمىي كۆلىمى 6180 مو، كۆلنىڭ يەر مەيدانى 4180 مو، سۇ، قومۇشلۇق كۆلىمى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ، ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ھەممە يەر يېشىل، ھاياتى كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان. كۆل ئىچىدە بېلىقلار ئەركىن-ئازادە ئۈزۈپ يۇرىدۇ، ياۋا ئۆردەك كۆل بويىغا توپلىشىۋالغان، كۈز پەسلىدە سۇ ئىچىدىكى قومۇش، قىرغاقتىكى توغراق، مەجنۇنتال بىر پارچە ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، كۆك ئاسمان،سۈزۈك سۇ؛ مەنزىرىسى يېقىملىق، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي.
سېغىنىش كۆلىسېغىنىش كۆلى رېستوراندا ھەر خىل ئـوۋ گۆشلىرى— ياۋا ئۆردەك، ياۋا توشقان، ياۋا يېكەن توخۇسى ۋە ھەر خىل يېڭى بېلىق قورۇمىسى چىقىرىلىدۇ. كۆلدە سەيلە كېمىسى، سۇ موتسىكلىتى / كاتېر، سوۋېت ئىتتىپاقى سالى، ھايۋانات كېمىسى تەييارلانغان بۇلۇپ، سېغىنىش كۆلى مەنزىرىسىدىن بەھىر ئېلىشقا قولايلىق يارىتىلغان. مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەت ساھىلدا كۈنلۈك، قۇملۇق ئورۇندۇقى، چېدىر تەييارلانغان. بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا ھەر خىل بېلىق بار، بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارلار بېلىق تۇتۇش ئارزۇسىنى قاندۇرالايدۇ. كىچىك تىپتىكى ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بار، ياۋا غاز، ئاققۇ، ھەر خىل ياۋا ئۆردەك بار. مەنزىرە رايونىدا بىليارت، تەسىس قىلىنغان، باغدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، خۇش پۇرايدۇ، دەم ئېلىش ئۆيىدە، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بىزەلگەن بۇلۇپ كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.