تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش

تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىش

بۇ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن تاشقى جىنسىي ئەزالار تېرىلىرىنىڭ قىچىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ كېسەللىك ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ھىككە تۇلفەرج» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش
كېسەللىك سەۋەبى زىيادە سېزىمچانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى تاشقى جىنسىي ئەزالار قىچىشىدۇ
خەنزۇچە نامى 外阴搔痒
كېسەللىك ئورنى تاشقى جىنسى ئەزا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. خىلىتىسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىپ، يەرلىك ئورۇندىكى سەزگۈچى نېرۋىلار ۋە ھۈجەيرە توقۇلمىلارنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئورۇندا ھاسىل بولغان ماددا ئالمىشىشنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى تۈپەيلىدىن تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 2. سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سەپرا خىلىتى ئېشىپ كەتكەندە يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىغا كۆپلەپ يىغىلىپ نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، تاشقى جىنسىي ئ−ەزا ق−ىچىشىشن−ى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3.قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت تاشقى جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلغاندا توقۇلما ۋە قان تومۇرلار ئارىسىدىكى ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، بىر قىسىم ماددا ئالمىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرى تولۇق چىقىپ كېتەلمەي، يەرلىك ئورۇندا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. 4. ھەسساسىيەت (زىيادە سېزىمچانلىق) سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر خىل دورا، رېزىنكە، سۈنئىي تالالىق كىيىم-كېچەكلەر، ئۆتكۈر غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە تازىلىق بۇيۇملىرىنىڭ ۋاسىتىلىق ياكى بىۋاسىتە غىدىقلىشى ياكى رېئاكسىيە قىلىشى سەۋەبىدىن تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 5.باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 1) تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى ۋە ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىملىق جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاق خۇننىڭ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلىشى ياكى بالىياتقۇدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىققان ئاق خۇننىڭ غىدىقلىشى ھەمدە سۈيدۈك ئاقمىسى، چوڭ تەرەت ئاقمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىمۇ تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 2) ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر يەنى دىئابېت كېسىلى، دىئابېت كېسىلىگە تەسۋىسىمان جاراسىملق جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشى، يەرقان كېسىلى، مەددە قۇرت كېسىلى، كەم قانلىق قاتارلىقلارمۇ تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تاشقى جىنسىي ئەزالار قىچىشىدۇ، قىچىشىش كۆپىنچە دىلچىق، كىچىك جىنسىي لەۋ، چوڭ جىنسىي لەۋلەردە بولىدۇ، ھەتتا مەقئەتكە بارىدۇ، دائىم تۇتقاقلىق قوزغىلىدۇ. كېيىن تاتىلاش نەتىجىسىدە ئۈستۈنكى تېرە زەخىملىنىپ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشمۇ كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت قىچىشىش نەتىجىسىدە تاشقى جىنسىي ئەزالار قېلىنلاپ يىرىكلىشىپ، تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئالامەتلىرىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ. ئۇخلاش، ئارام ئېلىشقا تەسىر يەتكەنلىكتىن، ئومۇمىي بەدەنلىك مىزاج بۇزۇلۇشتىن ھەمدە دائىم قىچىشىشتىن بىمارلارنىڭ روھىي كەيپىياتىدا جىددىيلىك يۈز بېرىپ، بەزى ئەسەبىي ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ئىلگىرى تامچە قۇرتلۇق ۋە ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىملىق جىنسىي يول ياللۇغى، سۈيدۈك ئاقمىسى، دىئابېت كېسىلى، مەددە قۇرت كېسىلى … قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ ھەمدە تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش، تۇتقاقلىق قوزغىلىش، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. جاراسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىرىدا ئاق خۇننى تەكشۈرگەندە جاراسىم تېپىلىدۇ.

ھۈجەيرە، توقۇلمىلار ئۆسۈپ يوغىناش باسقۇچىدىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىدە چىدىغۇسىز قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. لېكىن تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىنىڭ بۇ باسقۇچىدا قىچىشىشتىن باشقا يەنە ئۈستۈنكى تېرە توقۇلمىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ يوغىنايدۇ، مۈڭگۈزلىشىدۇ، تېرە ئاستى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردا سۇلۇق ئىششىق ۋە ياللۇغ بولۇپ ئېلاستىكلىق، تالالىق توقۇلمىلار پەيدىنپەي يوقىلىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىشتا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2. زىيادە سېزىمچانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىپ سەۋەبچى ئامىل يوقىتىلىدۇ. 3. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئەسلىدىكى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4. قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، تەڭشەش، ھۆللۈك يەتكۈزۈش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش، سېزىمنى تۆۋەنلىتىش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، ھۆللۈك يەتكۈزۈش، سوۋۇتۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ياسىمەن گۈلى، لىمون سۈيىدىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئىچكى تەرەپتىن لىمون شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ ئالما شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ نوقۇئى تەمرى ھىندى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى بىنەپشە كۈنىگە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 50 مىلىلىتىردىن؛ ئەرقى گۈل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 80 ~ 50 مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سېمىز ئوت ئۇرۇقى، پاقىيوپۇرمىقىنىڭ ئۇرۇقى، قاپاق مېغىزى، خەشخاش پوستى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 كۈنگىچە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان خىلىتىنىڭ قىيامىنى سۇيۇلدۇرۇش، ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. كاسىنە ئۇرۇقى، ئەينۇلا، قارا ئۆرۈك، شاتۇت، چىلان، بېھى، تەمرى ھىندى، قىزىلگۈل، بىنەپشە، نېلۇپەر، ئىتئۈزۈمى قاتارلىقلاردىن تاللاپ قايناتما ياكى شەربەت تەييارلاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن، سەندەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن، ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، تەڭشەش، ھۆللۈك يەتكۈزۈش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش، سېزىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 5 گرامدىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى مۇسەپپى خۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 50 مىللىلىتىر تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. گىل ئەرمىنى، كەت ھىندى، كافۇر قاتارلىق دورىلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، گۈل مېيى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. تاتلىق بادام يېغى، بابۇنە يېغى ھەر بىرىدىن 15 مىللىلىتىردىن، موم، ھۆل كاسىنە سۈيىدىن 40 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، ياغلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ياغدا مومنى ئېرىتىپ، كاسىنە سۈيى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. قاپاق ئۇرۇقى يېغى، تاتلىق بادام يېغى، گۈل يېغى قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ ياكى ھەرقايسىسىنى يەككە ھالەتتە ئېلىپ، يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ. ياكى تۆۋەنكى مەلھىمى كافۇر چېپىلىدۇ. مەلھىمى كافۇر تەركىبى: قەشقەر ئۇپىسى 10 گرام، ئاق سەندەل 5 گرام، گۈل يېغى 25 مىللىلىتىر، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىر دانە، موم مۇۋاپىق مىقداردا. دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، مومنى گۈل يېغىدا ئېرىتىپ، ئاق سەندەلنى ئىكەكلەپ، دورىلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم ئىشلىتىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: كەپتەر گۆشى، توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى، مائۇلئۇسۇل، ئۈگرە، شورپا، سامساق، سەۋزە، بېدە، كەرەپشە، پالەك، چامغۇر، بادام، كۆك ئۈزۈم، چىلان، ئەينۇلا، قارا ئۆرۈك … قاتارلىقلار. 3. كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە تازىلىق بۇيۇملىرى، نورمالسىز روھىي كەيپىيات، زىيادە ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقنىڭ تەسىرى، سۈنئىي تالالىق ئىچ كىيىملەرنى كىيىش، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان دورا ۋە تۇغۇت چەكلەش بۇيۇمى قاتارلىقلاردىن يىراق بولۇش لازىم. 4. سىرتقى جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال تۇتۇش، ئارام ئېلىش بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، كىيىنىش ئادىتىنى ياخشىلاش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1262

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#