ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىبىز ئادەتتە ھىندىستان كىنوچىلىقى ۋە كىنو چولپانلىرىغا ئالاقىدار خەۋەر ۋە ماتېرىياللارنى كۆرگىنىمىزدە«Film Awards»،«Filmfare» مۇكاپاتى دېگەن نامنى كۆرگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردىكى «Film Awards» دەل ھىندىستان «كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى»دۇر. بۇ مۇكاپات «Filmfare» ژۇرنىلى تارقىتىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى «ئوسكار» مۇكاپاتى دېگەن نامى بار. بۇ مۇكاپات ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، 1953-يىلى رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىغان، ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 1987-، 1988-يىللىرى جەمئىيەت ئامانلىقى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈلمىگەن.
ئاساسلىق مۇكاپات
ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتى
ئەرڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر يانداش رول مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يانداش رول مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر سەلىبىي رول مۇكاپاتى (2007-يىلى تەسىس قىلىنغان)
ئەڭ مۇنەۋۋەر كومىدىيەلىك رول مۇكاپاتى (2007-يىلى تەسىس قىلىنغان)
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر يېڭى ئارتىس مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا رېژىسسورى مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشا تېكىستى ئىجادىيەتچىسى مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ناخشىچى مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ناخشىچى مۇكاپاتى
تېخنىكا مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر ھەرىكەت مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر سەنئەت يېتەكچىلىكى مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر دېكوراتسىيە لايىھەسى مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوپېراتورلۇق مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر كىرىشتۈرۈش مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل لايىھەسى مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر ھېكايە مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر سېنارىيە مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر دىيالوگ مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر مۇزىكا مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر كىيىم لايىھەسى مۇكاپاتى
«زۇلمەت» ناملىق فىلىم. بۇ فىلىمنى ياش راج كىنو شىركىتى ئىشلىگەن، سانجاي لىلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان، ئامىتاب باچچان، رانى مۇكارجى باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 2005-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇلغان. بۇ فىلىم جەمئىي 11 قېتىم مۇكاپاتلانغان.
«كېلىن يۆتكەش» ناملىق فىلىم. بۇ فىلىمنى بودېگا كىنو شىركىتى ئىشلىگەن. ئادىتيا چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان، شاھرۇھخان، كاجول باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇلغان. بۇ فىلىم جەمئىي 10 قېتىم مۇكاپاتلانغان.
«بوللىۋودتىكى ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت (يەنە بىر ئىسمى «ھىجران»)» ناملىق فىلىم. بۇ فىلىمگە سانجاي لىلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان. شاھرۇھخان، ئاشۋارىيا راي، مەدۇرى دىكسىت قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى قويۇلغان. بۇ فىلىم جەمئىي 10 قېتىم مۇكاپاتلانغان.
«مەدۇماتى» ناملىق فىلىم. بۇ فىلىم 1958-يىلى قويۇلغان. جەمئىي توققۇز قېتىم مۇكاپاتلانغان.
ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىنۇتان بەش قېتىم باش رول، بىر قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
جايا باچچان ئۈچ قېتىم باش رول، ئۈچ قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەدۇرى دىكسىت تۆت قېتىم باش رول، بىر قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
كاجول دېۋگان بەش قېتىم باش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدە مۇكاپات تۈرلىرى ئەنە شۇنداق ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق. ئۇلار سېنارىست، ناخشا تېكىستى ئىجادىيەتچىسىدىن تارتىپ، باش رولغىچە ھەممەيلەننىڭ تۆھپىسىنى لايىقىدا تارتۇقلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. كىنو بىر نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ھەقىقىي ئۇنىۋېرسال سەنئەت تۈرى بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھەممە تەرەپنىڭ تۆھپىسىنى تەڭ نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ھىندىستان كىنوچىلىقىدا بۇ نۇقتا يېرىم ئەسىردىن بۇيان ھەقىقىي تۈردە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. ھىندىستاندا «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىدىكى كىنو شىركەتلىرى ۋە ھىندىستاننىڭ باشقا كىنو شىركەتلىرى بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 دىن 1500 گىچە فىلىم ئىشلەيدۇ. سان جەھەتتە «ۋوللىۋود» بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ. نۇرغۇن ئارتىسلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە شان-شۆھرىتى «ۋوللىۋود» چولپانلىرىدىن ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. «بوللىۋود»نىڭ چولپانلىرى توي قىلسا، توي مۇراسىمىغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەرنىمۇ تەكلىپ قىلالايدۇ. ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىقتىن دارامىتىمۇ ئىقتىسادتا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھىندىستاندا يىلىغا شۇنچە كۆپ كىنو ئىشلەنسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئېھتىياجنى قامداپ بولالمايدۇ، ھىندىستاندا چەت ئەل كىنولىرىنىڭ قويۇلۇش نىسبىتى % 10 كىمۇ يەتمەيدۇ. ھىندىستان فىلىملىرى ھىندى خەلقىنىڭ ھۇزۇرلىنىش پىسخىكىسىغا ماس كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتىسلىرى ئىشلىگەن فىلىملەرنى كۆرۈش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قىز-يىگىتلەر مۇھەببىتى تەسۋىرلەنسىمۇ، بىر فىلىمدە ئالتە-يەردە يەردە ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا ئامىللىرى قىستۇرۇلسىمۇ، نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئوخشاش بىر تېما، ئوخشاش بىر مەزمۇن تەكرالانسىمۇ ھىندىستانلىقلار بۇنىڭدىن قەتئىي بىزارلىق ھېس قىلمايدۇ، ئەكسىچە فىلىمدە قانداق سەنئەت ئامىللىرىنىڭ قسىتۇرۇلغانلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىنو ناخشىچىلىرىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ.
بىر ماتېرىيالدىن كۆرسىتىلىشچە، ھىندىستان كىنو ناخشىچىلىرى ئاز دېگەندە بەش-ئالتە خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىكەن، ھاياتىدا نەچچە مىڭلاپ ناخشا ئېيتىدىكەن. كىنو ئارتىسلىرى ھەر ئېيىغا بىر ياكى بىر نەچچە فىلىمدە، ھاياتىدا ئىككى-ئۈچ يۈزلىگەن فىلىمدە رول ئالىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كىنو ئۈچۈنلا، سەنئەت ئۈچۈنلا تۇغۇلغان دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ھىندىستان فىلىملىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر فىلىمدە ھىندى خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە-يوسۇنلىرى، كىيىم-كېچەك، غىزالىنىش، تويلىشىش يوسۇنلىرى ھەرقاچان ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ. كىنو ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيەت، ئەنئەنىسىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە رايون ھىندىستانغا تەڭلىشەلىگەن ئەمەس. ھىندىستان بۇ جەھەتتە تولۇق ئۇتۇق قازانغان بىردىنبىر دۆلەت. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.