ساننىي دىئول

ساننىي دىئول
ساننىي دېئول 1957-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ھىندىستان نىڭ پەنجاپ شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى ئاجەي سىڭ دىئول، بوللىۋود كىنو چولپىنى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساننىي دىئول
باشقا نامى ئاجەي سىڭ دىئول
يۇرتى پەنجاپ شىتاتى
كەسپى ئارتىس
مۇكاپات-نەتىجىلىرى فىلىمفەر مۇكاپاتى ۋە دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 桑尼·戴尔
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1957-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
ۋەكىللىك ئەسىرى «ئات كۆندۈرگۈچنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى»، «ئۈچ كىشىلىك ئەترەت»، «ئارجۇن»، «قانلىق قىساس»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساننىي دىئولبوللىۋود كىنو چولپىنى ساننىي دېئول 1957-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى ئاجەي سىڭ دىئول. ئۇ پىشقەدەم ئارتىس دارمېندرانىڭ ئوغلى، ئۇنىڭ ئىنىسى بوبى دېئولمۇ ئارتىس. ئۇنىڭ بىر ئىنىسى ۋە ئىككى  سىڭلىسى بار. ساننىي دېئولنىڭ ئۆگەي ئانىسى ھېما مالىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ساننىي دىئولنىڭ يەنە دادا بىر ئانا باشقا ئىككى سىڭلىسى بار.

ساننىي دىئولساننىي دىئول 1983-يىلى كىنو «ئات كۆندۈرگۈچنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى»بىلەن ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان، بۇ كىنو بىلەن ئۇ ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ 80-، 90-يىللاردا ئۇ «ئۈچ كىشىلىك ئەترەت»، «ئارجۇن»، «قانلىق قىساس»، «قىساس»، «يالغۇزلۇق»، «قاراڭغۇ دۇنيا»، «ئارجۇن پاندىت» «ھىندىستانلىق»، «ئۈزۈلمەس رىشتە» قاتارلىق  نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىگەن.

ساننىي دىئول 1983-يىلى ئامرىتا سىڭ بىلەن فىلىم «ئات كۆندۈرگۈچىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى» دە رول ئالغان، بۇ فىلىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككىلا ئارتىسنىڭ كەسپىنى باشلاپ بەرگەن.

ئۇ 1985-يىلى كىنو «ئارجۇن»دا قوش رول ئالغان ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىم ئارتىسى ئوبرازىنى تىكلىگەن.

1986-يىلى ئۇ دادىسى بىلەن «سۇلتانلىق»تا رول ئالغان.

80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە بىرقانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك فىلىمدە رول ئالغان.

1990-يىلى ئۇ «Ghayal»دا بوكسچى ئاجەي مېھرا رولىنى ئالغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىمدىكى ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ فىلىمفەر مۇكاپاتى ۋە دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1991-يىلى سانىي دىئولنىڭ بەش فىلىمى قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن پەقەت بىرسىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

1992-يىلى بولسا پەقەت بىر فىلىمى قويۇلغان.

1993-يىلى ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى يېڭى ئارتىس شاھرۇھخان بىلەن فىلىم «قورقۇنچ»تا رول ئالغان، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇ «مۇۋەپپەقىيەت»، «ئەزىمەتنىڭ قىساس ئېلىشى»، «چېگرا» قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىگەن.

1999-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم «مۇھەببەتلىشىش»تە فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋە رېژىسسورلۇقنى سىناپ باققان. لېكىن فىلىم ياخشى باھاغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بېلەت كىرىمى جەھەتتە مەغلۇب بولغان.

2001-يىلى ساننىي دېئول«قارشىلىق: بىر مۇھەببەت ھېكايىسى»دە مۇسۇلمان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان سىك دىنى مۇخلىسى يىگىتنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم شۇ مەزگىلدە تارىختىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى فىلىم، 21-ئەسر كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بوللىۋود فىلىمى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا ساننىي دىئول ئاساسلىق ۋەتەنپەرلىك تېمىسىنى سۆزلەنگەن فىلىملەردە رول ئېلىپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

2010-يىللىرىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن ساننىي دېئولنىڭ فىلىملىرى ياكى بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ياكى ياخشى باھا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بېلەت كىرىمى جەھەتتە زىيان تارتقان. ئۇ بۇ يىللاردا يەنە كارتون فىلىمگە ئاۋاز بەرگەن.

ساننىي دېئول ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى تاراتقۇلاردىن نېرى تۇتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى دىمپىل كاپادىيا بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، كېيىنچە پوجا دېئول بىلەن توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغان. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى كاران ۋە راجىۋ ئىككىلىسى ئارتىس بولۇشقا قىزىقىدۇ، بوللىۋودقا كىرىشكە تەييارلىق قىلماقتا. 

ساننىي دېئولساننىي دېئول «ئات كۆندۈرگۈچنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى»، «ئۈچ كىشىلىك ئەترەت»، «ئارجۇن»، «قانلىق قىساس»، «قىساس»، «يالغۇزلۇق»، «قاراڭغۇ دۇنيا»، «ئارجۇن پاندىت»، «ھىندىستانلىق»، «ئۈزۈلمەس رىشتە»، «Ghayal»«مۇۋەپپەقىيەت»، «ئەزىمەتنىڭ قىساس ئېلىشى»، «چېگرا»، «قارشىلىق: بىر مۇھەببەت ھېكايىسى»قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان. 

1990-يىلى ساننىي دېئول «Ghayal»دا بوكسچى ئاجەي مېھرا رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم بىلەن فىلىمفەر مۇكاپاتى ۋە دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

پۇرچاق كىنو تورى

http://movie.douban.com/celebrity/1087208

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#