شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى

جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سېستېمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سېستېمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区公共安全视频信息系统管理办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 190-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 190-نومۇرلۇق پەرمانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سېستىمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 15-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۇنى ئېلان قىلدىم. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2014-يىلى 1-ماي

1-ماددا بۇ چارە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سېستىمىسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جامائەت مۇلازىمىتى قىلىش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سېستىمىسىنى پىلانلاش، ئورنىتىش، ئىشلىتىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سېستىمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ جامائەت سىن سېستىمىسى دەپ ئېلىندى) سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان رايوندا ئۇچۇر خاتىرىلەيدىغان سىن سېستىمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا جامائەت سىن سېستىمىسىنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش ئۆلچەم بولۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، قانۇنلۇق پايدىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا، پۇقرالار، شەخسلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنى جامائەت سىن سېستىمىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جامائەت سىن سېستىمىسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى جەمئىيەت باشقۇرۇش-ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىشانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ جامائەت سىن سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، جامائەت سىن سېستىمىسىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، مالىيە، مائارىپ، قاتناش-تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار جامائەت سىن سېستىمىسىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

توك بىلەن تەمىنلەش، تېلېگراف قاتارلىق ئورۇنلار جامائەت سىن سېستېمىسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش كاپالىتى قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى لازىم.

6-ماددا تۆۋەندىكى سورۇن، رايونلارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزى، مۇھىم يول بۆلىكى، مۇھىم جايلىرىغا يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش، ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەت سىن سېستىمىسى ئورنىتىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئاسراشقا مەسئۇل بولىدۇ:

1) مەيدان، باغچا؛

2) پىيادىلەر كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يەر ئاستى پىيادىلەر يولى، تونېل؛

3) شەھەر يولى (كوچا يولى)، مەركىزىي شەھەر-بازار؛

4) قانۇن-نىزام، قائىدىلەرگە بەلگىلەنگەن باشقا مۇھىم سورۇن، رايونلار.

7-ماددا تۆۋەندىكى ئورۇن، سورۇن، رايونلارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرى، ئاساسلىق يول ياكى مۇھىم جايلىرىغا شۇ ئورۇن مەبلەغ سېلىش، شارائىتى يار بەرگەن رايونلار مالىيەدىن ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق جامائەت سىن سېستىمىسى ئورنىتىلىدۇ، شۇ ئورۇن باشقۇرىدۇ، ئىشلىتىدۇ ۋە ئاسرايدۇ:

1) يۇقۇملۇق باكتېرىيە، زەھەرنى تەجرىبە قىلىدىغان، ساقلايدىغان ئورۇنلار، پۇقراۋى پارتلىتىش بۇيۇملىرى ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئاكتىپ بۇيۇملار، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئاسان ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان ياكى ساتىدىغان سورۇنلار؛

2) دۆلەت ئورگىنى ۋە رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىتخانا، تېلېگراف، پوچتا قاتارلىق ئورۇنلار؛

3) يەسلى، مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، مۇزېي، خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمە سارىيى ۋە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورنى؛

4) دۆلەت خەزىنىسى، شۇنداقلا پۇل، ئاكسىيە ۋە ۋېكسىلنى مەركەزلىك ساقلايدىغان سورۇن، ۋېسكىل، پۇلنى قاراۋۇللۇق ئاستىدا توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى يۈرۈشتۈرۈش، ساقلاش سورۇنى؛

5) سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش، ماي (گاز) قاچىلاش پونكىتى؛

6) ئايرودۇرۇم، چوڭ قاتناش بېكىتى قاتارلىق مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرى، شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى؛

7) چوڭ سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئەشيا زاپاس ساقلاش مەركىزى، مېھمانخانا، مېھمانساراي، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنى، تورخانا ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، ئولتۇراق رايونى؛

8) توسما، سۇ ئامبىرى، سۈنئىي كۆل، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، نۇقتىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش-كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش رايونلىرى ۋە مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرى؛

9) قانۇن-نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا سورۇن، رايونلار.

8-ماددا تۆۋەندىكى شەخسلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان سورۇن، رايونلارغا جامائەت سىن سېستىمىسىنى ئورنىتىش مەنئى قىلىنىدۇ:

1) مېھمانخانا ۋە مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق ئۆيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئايرىمخانىسى؛

2) ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى، ئاممىۋى مۇنچا، ئاممىۋى ھاجەتخانا، كىيىم سىناش ئۆيى، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى، ئېمىتىش ئۆيى؛

3) پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئاكسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇئامىلىدارلار ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان مەشغۇلات ئورنى؛

4) سايلام ساندۇقى، پاش قىلىش ساندۇقى، بېلەت تاشلاش نۇقتىسى قاتارلىق شەخسنىڭ ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشىنى ياكى ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدىغان رايونلار؛

5) شەخسلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان باشقا سورۇن، رايونلار.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇشۇ چارىنىڭ 6-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دائىرىگە جامائەت سىن سېستىمىسىنى خالىغانچە تەسىس قىلىشىغا، ئورنىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

9-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنلۇق، بىخەتەر ۋە ئۆلچەملىك بولۇش تەلىپى بويىچە، جامائەت سىن سېستىمىسى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، سىن ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

10-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جامائەت سىن سېستىمىسىنى قۇرۇش ھەم ئۇنى تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا لايىھەلەش، بىر ۋاقىتتا قۇرۇش، بىر ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جامائەت سىن سېستىمىسى مەھسۇلاتلىرىنى تاللىشى كېرەك.

11-ماددا جامائەت سىن سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە ئالدىنى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئورۇنغا ھاۋالە قىلىش كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەش، قۇرۇش كېرەك.

جامائەت سىن سېستىمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى پۈتكەندە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.

12-ماددا جامائەت سىن سېستىمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە شۇ جايدىكى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؛ بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى پۈتۈپ بولغانلىرىنى بۇ چارە يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

ئوبيېكتىپ شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن جامائەت سىن سېستىمىسىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىۋېتىشكە توغرا كەلگەندە، ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

13-ماددا ئۆي سىرتى ئېلانى ئورناتقاندا، كۆتۈرمە تۇرۇبا يولى تارتقاندا، كۆچەت تىككەندە ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى ئورناتقاندا، جامائەت سىن سېستىمىسىنىڭ سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى توسۇپ قويماسلىق كېرەك.

14-ماددا جامائەت سىن سېستىمىسىنى ئورناتقۇچى، ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:

1) ئاسراش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

2) نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئىش ئورنى ماھارىتى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش؛

3) سىنغا ئېلىش خادىمى، چىقىرىش خادىمى، چىقىرىش ۋاقتى، چىقىرىلغان ماتېرىيالنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە نىشانى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تىزىملاش؛

4)جامائەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ئۇچۇرلارنى بايقاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛

5) ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ساقلىنىش مۇددىتى 30 كۈندىن كەم بولماسلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان مۇھىم ئۇچۇر ماتېرىياللارنىڭ ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ۋاقتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىق.

15-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

1) جامائەت سىن سېستىمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش؛

2) ساقلاش سۈرۈكى ئىچىدىكى جامائەت سىن سېستىمىسىنىڭ ئەسلىدىكى خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش، يوشۇرۇش، بۇزۇۋېتىش؛

3) جامائەت سىن سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى خالىغانچە كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، باشقىلارغا بېرىش، تارقىتىش؛

4) ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ جامائەت سىن سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشىنى رەت قىلىش، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش؛

5) جامائەت سىن سېستىمىسىنى ئوغرىلاش ياكى قەستەن بۇزۇۋېتىش، زىيانغا ئۇچرىتىش؛

6) جامائەت سىن سېستىمىسىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

16-ماددا شۇ دەرىجىلىك ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇشۇ چارىنىڭ 6-، 7-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن جامائەت سىن سېستىمىسىنى ئىشلەتسە ياكى بۇ سىستېمىنى بېكىتىلگەن سىن سېستىمىسىغا ئۇلىسا بولىدۇ؛ تاسادىپىي ۋەقەنى تەكشۈرىدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان باشقۇرغۇچى تارماق جامائەت سىن سېستىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى كۆرسە، كۆپەيتسە ياكى چىقارسا بولىدۇ.

ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر جامائەت سىن سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر ماتېرىياللارنى كۆرمەكچى، كۆپەيتمەكچى، چىقارماقچى بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

17-ماددا جامائەت سىن سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆپەيتىش ياكى چىقىرىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

1) خىزمەت كىنىشكىسى، كىملىكىنى كۆرسىتىش كېرەك؛

2) ئۆز ئورنىنىڭ ئىسپات ھۆججىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى كۆرسىتىش كېرەك؛

3) نەق مەيداندىكى خادىم ئىككىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك؛

4) مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جامائەت سىن سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش، چىقىرىشتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

18-ماددا بۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە قۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە قۇرمىغان بولسا، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

19-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 8-ماددىسى، 12-ماددىسى، 13-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەرگە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

20-ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 14-ماددىسى، 15-ماددىسى، 17-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم 200 يۈەندىن يۇقىرى 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

21-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمشلار ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

22-ماددا ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، نەپسانىيەتچىلىك قىلسا، شۇ تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

23-ماددا بۇ چارە 2014-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#