قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك يۈننەندىكى شىشۇاڭبەننا غا تارقالغان، شياڭگاڭدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېگىزلىكى 8 ~ 15 مېتىر، دىئامېتىرى 4 ~ 10 سانتىمېتىر، ئۇچ تەرىپى ئۇزۇن، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، تۈۋى زور، بۇغۇم ئارلىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 36-46 سانتىمېتىر، يېشىل، سۇس سېرىق رەڭلىك تىك يوللۇق سىزىقچىلار بار.

ئۇيغۇرچە نامى قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك
تارقالغان رايونلار يۈننەن، ھىندىستان، بېرما، تايلاند ۋە ھىندونېزىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى باشاقلىقلار ئائىلىسى
لاتىنچە نامى Gigantochloa nigrociliata (Buse) Kerz
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑毛巨竹
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى چوڭ بامبۇك ئۇرۇقدىشى
ئەترىتى باشاقلىقلار ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇكئېگىزلىكى 8 ~ 15 مېتىر، دىئامېتىرى 4 ~ 10 سانتىمېتىر، ئۇچ تەرىپى ئۇزۇن، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، تۈۋى زور، بۇغۇم ئارلىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 36-46 سانتىمېتىر، يېشىل، سۇس سېرىق رەڭلىك تىك يوللۇق سىزىقچىلار بار، يۇمران چاغلىرىدا قوڭۇر رەڭلىك كىچىك قاتتىق تۈكى بولىدۇ، بولۇپمۇ قارماق ئاساسىي قىسمىدىكى بوغۇم ئارىلىقى تېخىمۇ شۇنداق.

بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستى ھالقىسىمان ئانچە كۆتۈرۈلمىگەن، قارماق ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋە تۆۋەندىكى ھەر قايسى بۆلەكتىكى بوغۇم ۋە قارماقلىرىدا كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك تىۋىت ئۆسكەن بولىدۇ.

بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستى بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ، قېلىن (خۇرۇمسىمان)، ئۇزۇنلىقى 18 ~ 22 سانتىمېتىر، دۈمبە تەرىپى بېغىررەڭ كېيىن قارا سىزىقلىق بولىدۇ، ھەم چۈشۈپ كېتىدىغان زىچ قارا قوڭۇر ئۇششاق تىكەنلىك تۈك بىلەن قاپلانغان، غىلىپى ئۇچى كېسىك پاراللېل شەكىللىك، بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستى ئېللىپس شەكىللىك، ھەتتا يۇمىلاقراق، گىرۋىكىدە بەزىدە بىر ياكى ئىككى تال ئۇزارغان تۈكى بولىدۇ، بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستى تىل ئېگىزلىكى تەخمىنەن 4 مىللىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكىدە چىشسىمان يېرىق بولىدۇ، بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستى سىرتىغا ئۆرۈلگەن، تار تۇخۇمسىماندىن تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولىدۇ، ئالدى ئۇچى ئىچىگە يۆگەلگەن، ئاساسىي قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە سىرتقا سوزۇلغان بىر تار بەلۋاغلىق بامبۇك نوتىسىنىڭ پوستى قۇلاق بىلەن تۇتىشىدۇ، شاخلىرى ھەمىشە 9-ياكى 10-بوغۇمىدىن باشلاپ شاخلايدۇ، كۆپ شاخلىق غۇژمەك ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 2 ~ 3 مېتىر، ئاساسىي شېخى تومراق ھەم ئۇزۇن كېلىدۇ.

ئاخىرقى بوغۇمدىكى كىچىك شاخلىرى تەخمىنەن 10 يوپۇرماقلىق بولىدۇ، دائىم قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك يوپۇرماق غىلىپى كېيىن، سۆسۈن قارا رەڭلىك سىزىقلارغا ئۆزگىرىدۇ، ئارقا تەرىپىنى كىچىك ئاق رەڭلىك ئىنىچكە يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، يوپۇرماق قۇلىقى دائىم كەمتۈك بولىدۇ، يوپۇرماق تىلى پارافىل كېسىك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر، يوپۇرماق ياپراقچىلېرى تېمىنسىمان، ھەتتا تار تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 19 ~ 36 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5.3 سانتىمېتىر، ئاستىنقى يۈزى تۈكسىز، 9 ~ 10 جۈپ تومۇرى بار، كىچىك توغرا تومۇرى روشەن. گۈل بوغۇم ئارىلىق ئۇزۇنلىقى 6.2 سانتىمېتىر، غۇژمەك ئۆسىدۇ، دەسلەپتە يۇمشاق تۈكچىسى بولىدۇ، كېيىنچە تۈكسىز ھالەتكە ئايلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1-1.2 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3.2 مىللىمېتىر، يىڭ 2 ياكى 3 تال ، تۇخۇمسىمان، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق، گىرۋىكىدە قارا تۈكچىلەر ئۆسكەن، كۆپ تومۇرغا ئىگە.

تاشقى گۈل چىنىسى تېمىنە شەكىللىك، ئالدى ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن كىچىك ئۇچلۇق، ئۈستۈنكى گىرۋىكىنى تالا تۆكچىلىرى قاپلىغان، ئىچكى گۈل چىنىسى سەل قىسقا بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى گۈل چىنىسى، تار شەكىللىك، ئالدى ئۇچى دىقماق، ئاستىدىكى كىچىك گۈلىنىڭ ئىككى ئومۇرتقىسى بولىدۇ، ئۈستىدىكى كىچىك گۈلىنىڭ دۈمبە قىسمى يۇمىلاق توم، چاڭدان گۈل سىرتىغا سوزۇلۇپ چىقالايدۇ، ئۇچلۇق ئۇچى بار، گۈل يىپى تۇرۇبىسى دەسلەپتە توم ھەم قىسقا، كېيىن سوزۇلۇپ پەردە سۈپەت ئىنچىكە تۇربىغا ئايلانغان ئۇرۇقدان ئىنچىكە ئۇزۇن تۇخۇم شەكلىدە، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان، پۈتۈن تېنى ئىنچىكە يۇڭلار بىلەن قاپلانغان، چاڭدىنى بىر تال، ئىنچىكە، ئانىلىق تۇمشۇقى بىر خىللا، پەي شەكىللىك. مېۋىسى كۆرۈلۈپ باقمىغان.

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇكبامبۇك ۋە بامبۇك يېرىندىسى يۇمشاق خاراكتېرلىك، ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا دائىم بامبۇك يېرىندىسى ئىشلىتىلىدۇ، ھەر خىل بامبۇكتىن توقۇلغان بويۇملار ياسىلىدۇ، پۈتۈن بامبۇكنى دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە قۇرۇلۇش ماتىريالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. يەنە بامبۇكنىڭ سېرىق سىزىقى بولغاچقا، ئۇ مۇئەييەن تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە.

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك يۈننەندىكى شىشۇاڭبەننا غا تارقالغان، شياڭگاڭدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 500 ~ 800 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىسسىق بەلباغ پەسىللىك يامغۇر ئورمان رايونى، دەريا بويى ياكى ئېرىق بويىدا ئۆسىدۇ. ھىندىستان، بېرما، تايلاند ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق رايۇنلارغا تارقالغان. ئۈلگە ئەۋرىشكىسى ھىندونېزىيە نىڭ جاۋادىن كېسىپ ئېلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#