ئاپېلسىن

ئاپېلسىن دەرىخىنىڭ شاخلىرى بىر قەدەر كۆپ، كەڭ ھەم سەل ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، ئازراق تىكىنى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئاپېلسىن
ئىنگلىزچە نامى orange
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى سۇزاپ ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 橘子
تارقالغان رايونلار خۇبېي، فۇجيەن، جېجىياڭ، جياڭشى، خۇنەن، سىچۇەن
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى سۇزاپ تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاپېلسىن ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپېلسىنىڭ دەرەخ شاخلىرى بىر قەدەر كۆپ، كەڭ ھەم سەل ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، ئازراق تىكىنى بار.

يۇپۇرمىقى

يەككە تەنلىك مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، قاناتسىمان يوپۇرماقلىرى ئادەتتە تار كېلىدۇ، يوپۇرماق ياپراقچىلىرى تېمىنسىمان، ئېللىپىس شەكىللىك ياكى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك، چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ، ئوتتۇرا تومۇرىنىڭ پېتىنقى ئېغىزى ئەتراپىدا ئاچىماق شاخ ھاسىل بۇلىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكى ئاز دېگەندە يېرىم قىسمىدا، ئادەتتە توم ياكى يۇمىلاق كەسكۈر چىشلىرى بار بۇلۇپ ناھايىتى ئاز، پۈتۈن گىرۋەكلىك. 

گۈلى

گۈلى يەككە ياكى 2 ~ 3 تال يوپۇرماق توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل بەرگى ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە  1.5 مېتىر، ئاتىلىقى 20، ئانىلىق بوينى ئىنچىكە ئۇزۇن، ئانىلىق تۇمشىقى باشاقسىمان. گۈللۈك يەككە گۈللۈك بۇلۇپ گۈل رېتى ئىككى خىل بولىدۇ. قىزىل ماندارىن، ۋېنجۇ تاتلىق ئاپېلسىنى قاتارلىقلار تاق گۈللۈك بولىدۇ. 

مېۋىسى

ئاپېلسىننىڭ مېۋە شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، ئادەتتە يۇملاق شار شەكىللىك بۇلىدۇ، مېۋە پوستى ناھايىتى نېپىز ھەم سىلىق، ياكى قېلىن ھەم قوپال، نوقۇت رەڭ، ئوچۇق قىزىل ياكى قېنىق قىزىل رەڭدە بۇلىدۇ، ناھايىتى ئاسان سويۇلىدۇ، خالتا دىۋارى نېپىز ياكى سەل قېلىن، يۇمشاق ياكى بەك ئەۋرىشىم، مېۋە ئېتى (گۆشى) ئاچچىق يا تاتلىق، ياكى باشقا ئالاھىدە پۇرىقى بار، ئۇرۇقى ئادەتتە تۇخۇم شەكلىدە، ئۈستى تار ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى يۇمىلاق، پەللە يوپۇرمىقى توق يېشىل، سۇس يېشىل ياكى ئارىلىق بار سۇس سېرىق رەڭدە، كۆپ تۆرەلمىلىك، چېچەكلەش مەزگىلى 4 ~ 5-ئايلار، مېۋىلەش ۋاقتى 10 ~ 12-ئايلاردا بۇلىدۇ.

تېمپىراتۇرا

يۇقىرى تېمپېراتۇرا  ئاپېلسىننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز، تېمپىراتۇرا ℃37 يۇقىرى بولغاندا، مېۋىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ۋە يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشى توختايدۇ. بەلگىلىك تېمپېراتۇرا دائىرىسى ئىچىدە مېۋىنىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلىدۇ. 

قۇياش نۇرى

چىداملىق، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان دەرەخ تۈرى بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مول ھوسۇل يەنىلا ياخشى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىگە ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ. ئادەتتە يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشكەن سائەت سانى 1200 ~ 1000 گىچە بولغان رايونلاردا نورمال ئۆسەلەيدۇ. مەسىلەن: كۈن نۇرى ياخشى، ئىسسىقلىق مىقدارى مول بولسا مېۋىسى ياخشى بۇلىدۇ.

نەملىك

ئادەتتە يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولغان تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتىروپىك بەلباغ رايونلىرىدا ئاپېلسىن

تېرىقچىلىقى ماس كېلىدۇ، لېكىن يىللىق يامغۇر مىقدارىنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، شۇڭا دائىم سۇغىرىش كېرەك. تۇپراقنىڭ نىسپىي سۇ تەركىبى %60 ~ %80 بولسا مۇۋاپىق، يامغۇر كۆپ ياغقانلىقتىن، تۇپراقنىڭ سۇ يىغىلىش ياكى يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرى بۇلۇش سەۋەبىدىن سۇ چىقىرىۋېتىش قولايسىز بۇلۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېۋىلىك باغدىكى ئاپېلسىنلارنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئۆلىدۇ. ئاپېلسىن مېۋىلىك دەرىخىنىڭ ھاۋانىڭ نىسپىي نەملىكى %75 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 

 جۇڭگودا ئاپېلسىن ئۆستۈرۈش رايونى ئاساسلىقى شىمالىي كەڭلىك 33 ~ 20 گىرادۇس ئوتتۇرىسىدا بۇلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700-1000 مېتىردىن تۆۋەن بۇلىدۇ. چىنلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، فۇنيۇشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى تاغلىق رايونلار، شەرقىي جەنۇبتا تەيۋەنگىچە، جەنۇبتا خەينەن ئارىلى، غەربىي جەنۇبتا شىزاڭنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن سوغۇققا چىداملىق رايونلار، جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن، خۇنەن، سىچۇەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى، چۇڭچىڭ ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلەر، ئۇنىڭدىن قالسا شاڭخەي، گۇيجۇ، يۈننەن، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر، شەنشى، خەينەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

تۇپراقنىڭ توپا قاتلىمى قېلىن، مۇنبەت، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. باغ يەر شەكلى يانتۇلۇقى 25 گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. يالىتىپ سۇغىرىش، سۇ ساقلاش ۋە قوشۇمچە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى تۇلۇق بولغان، قاتناش، سۇ مەنبەسى شارائىتى ياخشى جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.

ۋاقىت

يەر باشقۇرۇش؛ 

سۇيۇق ئوغۇت باشقۇرۇش؛

شەكلىگە كەلتۈرۈپ چاتاش

پىرىنسىپ؛ 

شەكلىنى تۈزەش؛

قىرقىش؛

كېسەل ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تۈۋى سېسىش كېسىلى؛

كانا تىپىدىكى قۇرتلار؛

قاسراقلىق قۇرت تۈرىدىكىلەر؛

كۆكپىت؛

يوپۇرماق پەرۋانىسى؛ 

ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز تۈرىدىكىلەر؛

1. تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛

2. قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىدۇ؛ 

3. ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ؛ 

4. ھۆسىن تۈزەيدۇ، گۈزەلەشتۈرىدۇ؛

5. يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ؛

6. راكقا قارشى تۇرىدۇ؛

7. قوشۇمچە كېسەل داۋالايدۇ؛[0]

كونتارىنىيە قۇرتى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#