مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى
مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە-ئامېرىكا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1941-يىلى يۈز بەرگەن پيورل-خاربور پورتى ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا دېڭىز تىزگىنلەش ھوقۇقى ۋە ھاۋا تىزگىنلەش ھوقۇقىنى بىر مەھەل ئىگىلىۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىرلەشمە فلوتىنىڭ باش قوماندانى بولغان گېنېرال ياموموتوسىئوروكى قارا نىيىتى كۈچىيىپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى يەنە بىر دېڭىز ھاۋا بازىسى مىدۋېي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، ياردەمگە كەلگەن ئامېرىكا فلوتىنى، بولۇپمۇ ئاۋىئاماتكىسىنى ئالداپ يوقىتىشنى كۈچىنىڭ بارچە تەشەببۇس قىلدى.
ياپونىيە ئارمىيىسىدىن ئۇرۇشتا 3057 ئادەم قۇربان بولغان بۇنىڭ ئىچىدە 110 نەپەر ئايروپىلان خادىملىرى بار. ياپونىيەنىڭ تۆت دانە ئاۋىياماتكا، ئوكيان چارلاش پاراخوتى يەنى مىكۇكا ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن. 332 ھەربىي ئايرۇپىلان ھەم ھەربىي ئىشلار زاپاس تېلېفونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن ئۇرۇشتا 307 ئادەم قۇربان بولغا بۇنىڭ ئىچىدە 172 نەپەر ئايروپىلان خادىملىرى بار. ئامېرىكنىڭ «يۆكى شەھرى» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت ھەم ئېسمىنىس بىلەن فېرمان ۋولفرام ناملىق پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن. 98 ھەربىي ئايرۇپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياموموتو تۈزگەن مىدۋبي ئارىلى جەڭ پىلانى ياپونىيىنىڭ بىرلەشمە فلوتىنى ئۈچكە بۆلۈۋەتتى: بىرى، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ئالېئۇتىسيان تاقىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش، بۇنىڭدىكى مەقسەت رەقىبىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە قايمۇقتۇرۇش؛ يەنە بىرى، گېنېرال نەنيۈن قوماندانلىقىدىكى ئاۋىئاماتكا ئاساس قىلىنغان فلوت مىدۋبي ئارىلىنى بومباردىمان قىلىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشقا ياردەم بېرىش؛ ياموموتو ئاساسىي فلوتنى باشلاپ مىدۋېي ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياردەمگە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، لېكىن بۇ قېتىم ياموموتو چوتنى خاتا سوقتى. ئامېرىكا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي كودىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانىدى ھەم ياموموتونىڭ مۇددىئاسىنى بەش قولدەك بىلەتتى. ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى نىمتىز ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان بارلىق پاراخوتلارنى مىدۋېي ئارىلىغا يۆتكىدى ھەمدە ياپونىيە يەر ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ياموموتونىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى 1942 -يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز زەربە بەرمەكچى بولغان ياپونىيە فلوتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىدى. نەنيۈن فلوتىنىڭ تۆت ئاۋىئاماتكىسى پۈتۈنلەي غەرق بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر تىپلىق بىر كرېيسېرمۇ غەرق قىلىندى. ياپونىيە ئارمىيىسى 300 نەچچە ئايروپىلان چىقىم تارتتى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن 3500 ى ئۆلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىر ئاۋىئاماتكا ۋە بىر قوغلىغۇچى پاراخوت، 150 ئايروپىلان چىقىم تارتتى، شۇنىڭدەك 307 ئادىمى ئۆلدى.
مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە-ئامېرىكا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلىدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.