جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى» يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنىدا 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国防沙治沙法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 55-نۇمۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 55-نۇمۇرلۇق پەرمانى 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 

2001-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشتا بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

يەرنىڭ قۇملىشىشى كىلىمات ئۆزگىرىش ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى تۈپەيلىدىن تەبىئىي قۇملۇق كېڭىيىش ۋە قۇمسال تۇپراقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قۇمساڭ تۇپراق يالىڭاچلىنىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن يەرنىڭ قۇملىشىشى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق پائالىيىتى تۈپەيلىدىن تەبىئىي قۇملۇق كېڭىيىش ۋە قۇمساڭ  تۇپراقتىكى يىپىنچا ئۆسۈملۈك ھەم قاپلىمىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆچمە قۇم شەكىللىنىش ۋە قۇمساڭ تۇپراق يالىڭاچلىنىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن قۇملاشقان يەر قۇملىشىپ بولغان يەر ۋە روشەن قۇملىشىۋاتقان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت دائىرىسى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلىدۇ.

3-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1)بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، قەدەم-باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش، رايونلار بويىچە مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش بىلەن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش؛

(2) مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىش، مۇداپىئەلىنىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش؛

(3) يىپىنچا ئۆسۈملۈكنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەبىئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش؛

(4)ئېكولوگىيە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش؛

(5) ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش؛

(6) دۆلەت قوللاش بىلەن يەرلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت تەشكىللەش بىلەن جەمئىيەتتىكى ساھەلەر قاتنىشىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھۆددە ئېلىپ مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلىشىگە ئىلھام بېرىش؛

(7) قۇمدىن مۇداپىئەلەنگۈچى ۋە قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى لازىم.

قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى قوغدىشى ۋە ياخشىلىشى لازىم.

دۆلەت قۇملاشقان يەر بار جايدا ھۆكۈمەت مەمۇرىي رەھبىرىنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش نىشانى مەسئۇلىيىتى بويىچە سىناش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى دوكلات قىلىشى لازىم.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يەر باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ۋە گوۋۇيۈەن بېكىتكەن ئىش تەقسىماتى بويىچە، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشىگە تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

6-ماددا يەردىن پايدىلانغۇچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شۇ يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

قۇملاشقان يەردىن پايدىلانغۇچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇملاشقان شۇ يەرنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.

7-ماددا دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش خىزمىتىنى قوللايدۇ، ئىلمىي تەتقىقات تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تېخنىكىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش جەھەتتىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قوللايدۇ.

8-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ؛ ئېكولوگىيە سۈپىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلارنى كاتتا مۇكاپاتلاش لازىم.

9-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش بىلىملىرى جەھەتتىكى تەشۋىق-تەربىيىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، پۇقرالارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

2–باب قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى

10-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش بىر تۇتاش پىلانلىنىدۇ. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشتە، قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش بىلەن شۇغۇللىنىشتا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش شەرت.

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا يەر قۇملىشىشنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش، قۇملاشقان يەرنى تەدرىجىي ئازايتىشنىڭ ۋاقىت چېكى، قەدەم  باسقۇچى، تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئېنىق بەلگىلەش ھەم كونكرېت يولغا قويۇش لايىھىسىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بەش يىللىق پىلانى ۋە يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، يەر باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئالاقىدار تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

قۇملاشقان يەر بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش لازىم؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، قۇملاشقان يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، تىپى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەھۋالى، كىلىمات ۋە سۇ بايلىقى ئەھۋالى، قۇملىشىش دەرىجىسى قاتارلىق تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك، ئىقتىسادىي رولىغا قاراپ، قۇملاشقان يەرنى تۈرگە ئايرىپ مۇھاپىزەت قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.

يىرىك پىلان مەزگىلىدە تىزگىنلەش شارائىتى ھازىرلانمىغان ۋە ئېكولوگىيىنى قوغداش ئېھتىياجى بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولمايدىغان تۇتاش قۇملاشقان يەرنى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ پىلانلاپ، دائىرىلەپ مۇھاپىزەت قىلىش كېرەك. قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى مەملىكەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى ھەم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلىدۇ. 

13-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى؛ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىش ئورنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

3–باب يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە يەر قۇملىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ، ستاتىستىكا ۋە تەھلىل قىلىدۇ ھەم كۆزىتىش نەتىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەرنىڭ قۇملىشىشىنى كۆزىتىش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە، قۇملاشقان يەرنى كۆزىتىشى ھەم كۆزىتىش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورمانچىلىق تارمىقىغا ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى لازىم.

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەرنىڭ قۇملىشىشىنى كۆزىتىش جەريانىدا يەرنىڭ قۇملاشقانلىقىنى ياكى قۇملىشىشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بايقىغاندا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنى يەرنى قۇملاشتۇرىدىغان ھەرىكەتنى توسۇشقا ھەم قۇملاشقان يەرنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تىزگىنلەشكە بۇيرۇشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم-بوران ھاۋا رايىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن مەلۇمات بېرىش ئىشىنى تەشكىللىشى، قۇرغاقچىلىق ياكى قۇم-بوران ھاۋا رايى ئالامىتى سېزىلگەندە، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمىتى مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپەت ئەھۋالى مەلۇماتى ئېلان قىلىشى ھەم ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق) قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، قۇم-بوران زىيىنىدىن ساقلىنىش ياكى ئۇنى ئازايتىشقا تەشكىللىشى لازىم.

16-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن بەلگىلىك نىسبەتتە يەر ئاجرىتىپ، شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلۋېغى بىنا قىلىشى، كۆپ يىللىق چاتقال ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشى لازىم. ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش جەھەتتىكى تۇتۇش نىسبىتى، ساقلىنىش نىسبىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە كونكرېت ۋەزىپىسىنى بېكىتىدۇ ھەم بۆلەكلەر بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

پەرۋىش  قىلىش، يېڭىلاش يۈزىسىدىن كېسىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلۋېغىدا دەرەخ كېسىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ. بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلۋېغىدا پەرۋىش قىلىش، يېڭىلاش يۈزىسىدىن دەرەخ كېسىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاۋۋال ئىز باسما ئورمان تورى ۋە ئورمان بەلۋېغى  شەكىللەندۈرۈش شەرت.

دەل-دەرەخنى يېڭىلاش قىيىن بولغان جايدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلۋېغىدا دەرەخ  كېسىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

17-ماددا قۇملاشقان يەردىكى چاتقال، دورا ماتېرىيالى ۋە قۇم تۇراقلاشتۇرىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكنى كېسىش، كولاش مەنئى قىلىنىدۇ.

قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېپىنچا ئۆسۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىشى ھەم ئېھتىياجىغا قاراپ يېزا(بازار)، كەنتلەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈك باشقۇرۇش تەشكىلاتى قۇرۇشى، باشقۇرغۇچى قويۇشى لازىم.

قۇملاشقان يەر دائىرىسىدىكى يەر ھۆددە توختاملىرىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈك مۇھاپىزىتى جاۋابكارلىقىغا دائىر مەزمۇن بولۇشى لازىم.

18-ماددا ئوتلاق رايونىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق باشقۇرۇش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىشى، دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق)مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دېھقان، چارۋىچىلارنى ئوتلاق بەرپا قىلىشقا، چارۋا سىغىمچانلىقىنى تىزگىنلەشكە، چارۋا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشقا، چارۋىنى قوتاندا بېقىش ۋە ئوتلاقتا بېقىشقا، ئوتلاقتىكى چاشقان، ھاشارەت زىيىنىنى تۈگىتىشكە يېتەكلەپ ۋە تەشكىللەپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئوتلاق چېكىنىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

ئوتلاقلاردا چارۋا سىغىمچانلىقىنى ئوت-چۆپ مىقدارىغا قاراپ بېكىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق) مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى چارۋا سىغىمچانلىقىغا دائىر ئۆلچەم ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەم دەرىجىمۇ دەرىجە يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

19-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋادى ۋە رايون سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ۋادى ۋە رايون سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى  ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تۈزگەندە، پۈتكۈل ۋادى ۋە رايوندىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك مۇھاپىزىتىگە كېتەرلىك سۇ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇشى، يەر ئاستى سۈيى ۋە يۇقىرى ئېقىن سۇ بايلىقىنى زىيادە ئېچىپ پايدىلىنىش تۈپەيلىدىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكنىڭ  بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە يەرنىڭ قۇملىشىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. بۇ يىرىك پىلان ۋە پىلان تەستىقلانغاندىن كېيىن، قەتئىي شۇ بويىچە يولغا قويۇش شەرت.

قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشى، سۇ تېجەش تىپىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.

20-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇملۇق چېتى ۋە ئورمان يېرى، ئوتلاقتا تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى تەستىقلىشىغا بولمايدۇ؛ ئۆزلەشتۈرۈلگەن ھەم ئېكولوگىيىگە ناچار تەسىر كۆرسەتكەن يەرلەرنى پىلانلىق ھالدا تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

21-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىسىدە ئېچىش قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ئالدى بىلەن شۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ شۇ جاي ۋە ئالاقىدار رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىگە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىنى مۇھىت تەسىرى نۇقتىسىدىن باھالاپ، مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى قانۇن بويىچە سۇنۇش شەرت؛ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشكە ئائىت مەزمۇنلار بولۇشى لازىم.

22-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ.

قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىق كۆچۈرۈشى ھەم ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدىن كۆچۈپ چىقمىغان دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشى، تۇرمۇشىنى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى مەسئۇل تارمىقى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

4–باب قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش

23-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماق، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەشكىللەپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇق چېچىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، قۇملۇقنى دائىرىلەپ دەل-دەرەخ ۋە ئوت-چۆپ  يېتىلدۈرۈش، ئېكولوگىيىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ  قوللىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىشى لازىم.

24-ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمغا پايدىلىق قۇم تىزگىنلەش پائالىيىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئومۇمغا پايدىلىق قۇم تىزگىنلەشكە ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىشى ۋە تېخنىكا جەھەتتە ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

ئومۇمغا پايدىلىق قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تېخنىكا تەلىپى بويىچە قۇم تىزگىنلىشى لازىم، ئۆستۈرگەن دەل-دەرەخ  ۋە ئوت-چۆپنى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلسا ياكى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.

25-ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىۋاتقان پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلار ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلار تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىپ، تۇپراق سۈپىتىنى ياخشىلىشى شەرت؛ تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقەتەن قۇربى يەتمەيدىغانلىرى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تىزگىنلىسە بولىدۇ. ھاۋالە قىلىپ ياكى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەيدىغانلىرى كېلىشىم تۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم.

قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، تېخنىكا كېڭەيتىش ئورۇنلىرى يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلار ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلارنىڭ قۇم تىزگىنلىشىگە تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەردە ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، كۆچەت تىكىش ۋە ئوت-چۆپ تېرىش ياكى دائىرىلەپ يېتىلدۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىپ قۇم تىزگىنلەيدىغان يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلار ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

26-ماددا يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەشتە، ئالدى بىلەن يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى بارلار ياكى يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئېرىشىشى لازىم.

تىزگىنلەش باشلىنىشتىن بۇرۇن، تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تىزگىنلەش تۈرى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تىزگىنلەش ئىلتىماسى سۇنۇشى ھەم تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنىمۇ سۇنۇشى كېرەك:

(1) تىزگىنلىنىدىغان يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىسپات ھۆججىتى ۋە تىزگىنلەش كېلىشىمى؛

(2) قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تىزگىنلەش لايىھىسى؛

(3) تىزگىنلەشكە كېتەرلىك مەبلەغ ئىسپاتى.

27-ماددا بۇ قانۇننىڭ 26-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا دېيىلگەن تىزگىنلەش لايىھىسى تۆۋەندىكى  مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1)تىزگىنلەش دائىرىسىنىڭ چېكى؛

(2) باسقۇچقا بۆلۈپ تىزگىنلەش نىشانى ۋە تىزگىنلەش مۆھلىتى؛

(3) ئاساسلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرى؛

(4) شۇ جايدىكى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ مەنبەسى ۋە مىقدار كۆرسەتكۈچى؛

(5) تىزگىنلەنگەن يەردىن پايدىلىنىش ئورنى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى؛

(6)كىرگۈزۈش زۆرۈر بولغان باشقا ئىشلار.

28-ماددا تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تىزگىنلەش لايىھىسى بويىچە تىزگىنلىشى شەرت.

دۆلەت قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىگۈچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. تىزگىنلىگۈچى ئېرىشكەن قانۇنلۇق يەر ھوقۇقىغا تەۋە تىزگىنلەش دائىرىسىدە، تىزگىنلىگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تىزگىنلەش ياكى ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا تىزگىنلىگۈچى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارغا تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارماق تىزگىنلەشتە لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپات ھۆججىتى بېرىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان تىزگىنلىگۈچى داۋاملىق تىزگىنلىشى كېرەك.

30-ماددا قۇملاشقان يەر دائىرىسىدىكى تۆمۈريول، تاشيول،  دەريا ۋە ئۆستەڭ بويىنى، شەھەر-بازار، كەنت، زاۋۇت-كان ۋە سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى ئورۇنلار تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى  يولغا قويۇلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزگىنلەش مەسئۇلىيەتنامىسى چۈشۈرىدۇ، مەسئۇل ئورۇن ئورمان بىنا قىلىش ۋە ئوت-چۆپ تېرىشقا تەشكىللەيدۇ ياكى باشقا تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

31-ماددا قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جايدىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى قۇملاشقان يەرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەركەزلىك تىزگىنلەشكە تەشكىللىسە بولىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى سالغان مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچى تىزگىنلەش تۈرىنىڭ پېيىغا، دەسمايىسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلانسا بولىدۇ، باشقا شەكىللەر بىلەن تۆلەپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

5–باب كاپالەت تەدبىرلىرى   

32-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە قۇملاشقان يەر بار جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈر خام چوتى بويىچە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، يول، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تارماق  تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

33-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېتىبار سىياسىتى تۈزۈپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە قۇم تىزگىنلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش كۆلىمى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىگە قاراپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە مەبلەغ ياردىمى، مالىيە ئۆسۈم ياردىمى ۋە باج  كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى بېرىشى كېرەك.

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشكە مەبلەغ سالغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مەبلەغ سېلىش باسقۇچىدا تۈرلۈك باج  ئېلىنمايدۇ؛ مەلۇم مەنپەئەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئالاقىدار باج كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى كېمەيتىلسە بولىدۇ.

34-ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىۋاتقانلاردىن قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشى بىلەن، 70 يىل ئىچىدە يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. كونكرېت يىل چېكى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

كوللېكتىپ ئىلكىدىكى قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىۋاتقانلاردىن قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىرى يەر ئىگىدارى بىلەن يەر ھۆددە توختامى ئىمزالىشى كېرەك. كونكرېت ھۆددە مۆھلىتى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ باشقا ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتىنى توختاملاشقۇچىلار يەر ھۆددە توختامىدا قانۇن بويىچە پۈتۈشىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەر ھۆددە توختامىغا ئاساسەن، تىزگىنلىگۈچىگە يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بېرىپ، كوللېكتىپ ئىلكىدىكى قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىگۈچىنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

35-ماددا ئېكولوگىيىنى قوغداش ئالاھىدە ئېھتىياجى بىلەن تىزگىنلەنگەن يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ياكى قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ ئايرىلسا، ئۇنى تەستىقلىغان ئورگان تىزگىنلىگۈچىگە مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك. 

36-ماددا دۆلەت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش جەھەتتە نۇقتىلىق ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش تۈرلىرىنى تۇرغۇزىدۇ ھەم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، قۇملۇق رايون ئېنېرگىيىسى، قۇملۇق ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ئوتلاق چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملۇق بىنەم دېھقانچىلىقى جەھەتلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشكە مەبلەغ ياردىمى بېرىش، باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى بېرىدۇ.

37-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول  قويۇلمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە قانۇن بويىچە تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىشى كېرەك.

6–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

38-ماددا بۇ قانۇننىڭ 22-مادىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق )چارۋىچىلىق( مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

39-ماددا بۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلار ۋە دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلاردىن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانماي، يەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق)، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

40-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەرنىڭ قۇملىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ھەربىر گېكتارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

41-ماددا بۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىزگىنلەش لايىھىسى بويىچە تىزگىنلىمىگەنلەرنى ياكى بۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان بولسىمۇ تىزگىنلەشنى تەلەپ بويىچە داۋاملاشتۇرمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە تىزگىنلەشكە كېتىدىغان خىراجەتنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

42-ماددا بۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىزگىنلىگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ تىزگىنلەش دائىرىسىدە ئۆز مەيلىچە تىزگىنلەش ياكى ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەتلىك قۇم تىزگىنلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ تىزگىنلىگۈچىگە زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەيدۇ.

43-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سادىر قىلىنسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا خىزمەت ئورنى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

(1) بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرنىڭ قۇملاشقانلىقىنى ياكى قۇملىشىشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغانلار ياكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنى تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇمىغانلار؛

(2)بۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-، 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلۋېغىدا دەرەخ  كېسىشنى تەستىقلىغانلار؛

(3) بۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملۇق چېتى ۋە ئورمان يېرى، ئوتلاقتا تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى تەستىقلىغانلار؛

(4) بۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلار؛

(5) بۇ قانۇننىڭ 22- ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە تەستىقلاتماي تۇرۇپ تۆمۈريول، تاشيول ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار.

44-ماددا بۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەبلىغى تۇتۇپ قېلىنسا، ئىشلىتىۋېلىنسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

45-ماددا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

7–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

46-ماددا بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا دېيىلگەن ئالاقىدار قانۇنلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ-تۇپراق ساقلاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى» نى كۆرسىتىدۇ.

47-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/250416.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#