باغئېرىق يېزىسى

باغئېرىق يېزىسى

باغئېرىق يېزىسى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى 4.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە چەرچەن دەرياسى، غەربتە يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى توغراقلىق يېزىسى، شىمالىي سوغاقبۇلاق تەرەققىيات رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، كۆلىمى 48 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى باغئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 48 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴格艾日克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى
نوپۇسى 3765 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باغئېرىق يېزىسىباغئېرىق يېزىسى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى 4.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە چەرچەن دەرياسى، غەربتە يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى توغراقلىق يېزىسى، شىمالىي سوغاقبۇلاق تەرەققىيات رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، كۆلىمى 48 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ قارىمىقىدا قىرانئېرىق كەنتى، كۆتەمە ئېرىق كەنتى، باغ ئېرىق كەنتى، ئاچمائېرىق كەنتى، جاندا تېرىم كەنتى، چىگىقاش كەنتى قاتارلىق ئالتە مەمۇرىي كەنت بار، 21 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، دەيزۇ قاتارلىق ئالتە مىللەت بار، يېزا بويىچە جەمئىي دېھقان 732 ئائىلىلىك، 3765 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت 3606 ئادەم، %83.3 نى ئىگەللىگەن؛ خەنزۇ 352 ئادەم، %16.7 ىنى ئىگەللىگەن. 

باغئېرىق يېزىسىباغئېرىق يېزىسى تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىك يېزىسى، ناھىيە تەۋەسىدە چەرچەن دەرياسى 2-سۇ بۆلگۈچ تۈگۈنى ئاچمائېرىق كەنتى ۋە جاندا تېرىم كەنتىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئاز كەم 30 مىڭ مو تەبىئىي ئوتلاق بار. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يېرى 11659 مو، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، قوناق، پاختا قاتارلىقلار بار. 2003-يىلى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 6500 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 810 مىڭ توننا. كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 4350 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 400 كىلوگرام، ئومۇمىي ھوسۇلى 1740 توننا. كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 2758 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق يەرگە تېرىلغان 135 مىڭ مو ئېڭىز 2623 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 995 توننا. باشقا زىرائەت 332 مىڭ مو، تېرىقچىلىق ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 1268 مىڭ يۈەن. پۈتۈن يېزا ئىھاتە ئورمان 3252 مو، 3076 مو ئىقتىسادىي ئورمان، بۇنىڭ ئىچىدە چىلان 2832 مو، ئۆرۈك 144 مو، شاپتۇل 100 مىڭ مو، مايسا يېتىشتۈرۈش 48 مو، باغۋەنلىك ئومۇمىي كىرىم 167 مىڭ يۈەن بولغان.

پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويۇپ، يىللىق پەن-تېخنىكا مەخسۇس خىراجىتىنى  9500 يۈەن، كادىرلار ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى تەربىيەلەش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ٪96، %83 مەمۇرىي كەنتنى پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش. 2003-يىلى، يېزا پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى 731 كە يەتكەن، دېھقانلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى 140 ئائىلىلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسى نەتىجىلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 85 تىن يۇقىرى بولغان، «ئىككى ئاساسەن خىزمىتى» نى ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تۆت خىل نىسبەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆلچىمىنى ياخشىلاش. داۋالاش-سەھىيە شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشلاندى، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز ماشىنىسى بار، ئېلېكترو كاردىئوگرامما قاتارلىق ئىلغار داۋالاش ئەسلىھەلىرى سەپلەندى، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ، بالىلارنىڭ ئىككى سىستېما باشقۇرۇش نىسبىتى %90.1 يۇقىرى بولغان، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈگەن. 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#