ئەمىنىيە دەۋرى

ئەمىنىيە دەۋرى

شەرقىي جۇ سۇلالىسى قۇرۇلغان مەزگىل (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 770-يىلى) دىن تارتىپ چىن شىخۇاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى) گىچە بولغان 500 نەچچە يىل ئادەتتە ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476-يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئەمىنىيە دەۋرىدۇر.

نامى ئەمىنىيە دەۋرى
خەنزۇچە نامى 春秋时期

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەرقىي جۇ سۇلالىسى قۇرۇلغان مەزگىل (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 770-يىلى) دىن تارتىپ چىن شىخۇاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى) گىچە بولغان 500 نەچچە يىل ئادەتتە ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476-يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئەمىنىيە دەۋرىدۇر. بۇ دەۋر كۇڭزى تۈزگەن لۇ بەگلىكىنىڭ تارىخى − «ئەمىنىيە» ( «چۈنچيۇ» ) نىڭ دەۋرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش؛ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن چىن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگىچە بولغان دەۋر يېغىلىق دەۋرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە چىن، چى قاتارلىق يەتتە چوڭ بەگلىك ئوتتۇرىسىدا ئۇدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ تۇردى، ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرى جۇڭگو تارىخىدىكى داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ.

جۇپىڭۋاڭ پايتەختنى شەرققە كۆچۈرگەندىن كېيىن، جۇ سۇلالىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى. كۈچلۈك سۇيۇرغال بەگلىكلەر ئۈزۈلدۈرمەي قوشۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغاچقا، بەگلىكلەرنىڭ ھاكىمبەگلىك تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئەمىنىيە دەۋرىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چى خۇەنگۇڭ، جىن ۋېنگۇڭ، چىن مۇگۇڭ، چۇ جۇاڭۋاڭ ۋە سۇڭ شياڭگۇڭدىن ئىبارەت بەش ھاكىمبەگ مەيدانغا كەلدى. ئۇرۇش غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋېلىشىدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، قىسمەن رايونلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رايون پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە قوشۇلۇشنى كۈچەيتىپ، كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئاساس سالدى.

ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇرۇشقا قاتناشقان بەگلىكلەر ھاللىنىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچ ئۆتۈش ھەرىكىتى بارلىققا كەلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 546-يىلى 14 بەگلىك قاتناشقان «ئۇرۇش توختىتىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن، ئاساسلىق جەڭگاھ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ، جەنۇبتىكى چۇ، ۋۇ، يۆ بەگلىكلىرى ھاكىمبەگلىك تالىشىپ كۆپ قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلدى.

ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئۇرۇشنىڭ ئازىيىشى، تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە كالا بىلەن يەر ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى سەۋەبىدىن، ئىجتىمائىي ئىگىلىك خېلى تېز تەرەققىي قىلدى، كۆپلىگەن خۇسۇسىي يەرلەر ئېچىلدى، چاسا ئېتىز تۈزۈمى پەيدىنپەي يىمىرىلدى. ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، بىر قىسىم سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ بەگ بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ھوقۇق تارتىۋېلىش كۈرىشى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 453-يىلى خەن، جاۋ، ۋېي ئۈچ جەمەت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ كۈچلۈك بەگلىكنى قۇرغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، چىن، چۇ، چى، يەن، خەن، جاۋ، ۋېيدىن ئىبارەت يەتتە بەگلىكنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىدەك يېغىلىق دەۋرى ۋەزىيىتى رەسمىي شەكىللەندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#