زۇ دى

غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىلى (مىلادىيە 313-يىلى) يۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدارى زۇ دى (266-321-يىللار)  فەيياڭ رايونى چيۇشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى لەيشۇي ناھىيەسى) دىن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى زۇ دى
باشقا نامى 祖生、祖车骑
تۇغۇلغان ۋاقتى 266-يىل
ياشىغان دەۋر غەربىي جىن سۇلالىسى
خەنزۇچە ئىسمى 祖逖
يۇرتى خېبېي ئۆلكىسى لەيشۇي ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 321-يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىلى (مىلادىيە 313-يىلى) يۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدارى زۇ دى  (266-321-يىللار) لەشكەر تارتىپ دەريادىن ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ھون قاتارلىق مىللەت − ئۇلۇسلار ئىشغال قىلىۋالغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. كېمە دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، ئۇ پالاقنى چېكىپ تۇرۇپ: «ئەگەر زۇدى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تازىلىيالمايدىكەن، ھەرگىز دەريانىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە قايتمايدۇ!» دەپ قەسەم قىلغان. ئۇ ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. كېيىنكىلەر «ئۈزۈپ بارىمىز شامالدا دەريانى، پالاق چېكىپ قەسەم بىلەن يېرىپ دەريا دولقۇنىنى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۇنى ياد ئېتىدۇ.

غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىلى  (مىلادىيە 313-يىلى) يۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدارى زۇ دى (266-321-يىللار)  فەيياڭ رايونى چيۇشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى لەيشۇي ناھىيەسى) دىن. ئۇنىڭ دادىسى زۇ ۋۇ بۇرۇن شاڭگو ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغان. زۇ دى كىچىك چاغلىرىدا ئوچۇق مىجەزلىك، ئادالەتپەرۋەر بولۇپ، دائىم رەخت، ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يوقسۇل كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن. ياش چاغلىرىدا بۈيۈك ئىشلارغا بەل باغلاپ، ھەر كۈنى سەھەردە خوراز چىللىغاندا، ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىچۋازلىقنى مەشىق قىلغان. «خوراز چىللىغاننى ئاڭلاپلا قىلىچۋازلىق» قىلىش دېگەن ئىبارە شۇنىڭدىن كەلگەن. 

غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، غەربكە كۆچكەن ھونلار ئىچىدىكى كاسى، سىيانپى ۋە دى قاتارلىق مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن لەشكەر تارتىپ، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان، شىمالدىكى خەلقلەر بالايىئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جەنۇبقا كۆچكەندە، زۇ دىمۇ ئۆزىگە يېقىن ئۇرۇقتىكى نەچچە يۈز ئائىلىنى باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا پاناھلانغان. زۇ دى جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى) نى ئىدارە قىلىۋاتقان غەربىي جىن سۇلالىسى ۋەزىرى سىما رۇي (كېيىن تەختكە ئولتۇرۇپ جىن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يۈەندى بولغان) نىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى شىمالدىكى قولدىن كەتكەن يۇرتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئەۋەتىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، سىما رۇي ئۇنىڭغا يۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىنى ھەم جەسۇر سانغۇن دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، ئۇنىڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىغا بېرىپ جازا يۈرۈشى قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن. مىلادىيە 313-يىلى، زۇ دى ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن 100 نەچچە ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ خۇەييىنگە بېرىپ، پائال تۈردە لەشكەر ئېلىپ، قورال-ياراغ ياساپ، 2000 كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىگەن. 316-يىلى رەسمىي لەشكەر تارتىپ شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئاتلانغان.

شۇ چاغدا، ھونلاردىن بولغان ليۇ سۇڭ، ليۇ ياۋلار گۇەنجۇڭ، خېدۇڭنى، كاسلاردىن بولغان شى لې خېبېينى بۆلۈپ بېسىۋالغانىدى. زۇ دى يۇجۇ رايونىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، پەنت ئىشلىتىپ جۇنيى(ھازىرقى كەيفېڭ) نى ئېلىپ، شى لېينىڭ سەر خىل ئاتلىق لەشكىرىدىن بىرقانچە ئون مىڭنى تارمار قىلغان. ئىككى يىلدىن كۆپرەك جازا ئۇرۇشى قىلىش ئارقىلىق، زۇ دى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالغان.

زۇ دى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى مۇستەھكەملەش، كۈچ توپلاپ داۋاملىق شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن، يۇجۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئاققۇن پۇقرالارنى لەشكەرلىككە ئېلىپ، دېھقانچىلىق، پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىپ، ئۆلگەن-قازا قىلغانلارنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىپ، نەزىر-چىراغلىرىنى قىلىپ، خېنەن خەلقىنى خاتىرجەم بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. لېكىن، شەرقىي جىن ئوردىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشى كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە، پادىشاھ جىن يۇەندى نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن زۇ دىدىن گۇمانلىنىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنى توسقان. 321-يىلى، زۇ دى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خاپىلىقتىن ئاغرىپ قېلىپ، قوشۇن ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#