تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر

 يەنى تېرىلغۇ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، ھەرخىل زىرائەتلەر، دەل - دەرەخلەر، مېۋىلىك دەرەخلەر، گۈل - گىياھلار، تاماشا ئۆسۈملۈكلەر ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر، ئاشلىق زىرائىتى، ئىقتىسادىي زىرائەت، كۆكتات، يېشىل ئوغۇت زىرائىتى، يەم - خەشەك زىرائەتلىرىنى تېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تېرىپ (تىكىپ) ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىككى خىل مەنبەدىن كەلگەن: بىرى، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر يۆتكەپ تېرىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈككە ئايلاندۇرۇلغان؛ يەنە بىرى، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇلاش ياكى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان. 

شالنى مىسالغا ئالساق، ئۇ ياۋايى شالدىن يېتىشتۈرۈلگەن. ياۋايى شالنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن، كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يېتىشتۈرۈشى، جۈملىدىن شالغۇتلاشتۇرۇش، رادىئاتسىيىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى ئارقىلىق، ئاخىر سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان شالنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئېلىمىز 6000 يىلدىن كۆپرەك شال ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەن ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى دەريا جىلغىلىرىنىڭ ياقىلىرىدا ياۋايى شالنى يەنىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

كىشىلەرنىڭ ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان تونۇشى ھەرگىز بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، بەزىدە ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. پەمىدۇرنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئەسلىي يۇرتى پىرۇنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقى ئارىسى بولۇپ، دەسلەپتە كىشىلەر ئۇنى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈپ، ھېچكىم يېيىشكە پېتىنالمىغان. ⅥⅩ ئەسىرگە كەلگەندە، بىر كىشى ئۇنى ئەنگلىيىگە ئېلىپ بېرىپ ئايال پادىشاھ ئېلزابىتقا تەقدىم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياۋروپادا ھويلا-ئاراملاردا ياكى باغچىلەردە ئاندا-ساندا مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن. ⅧⅩ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن فرانسىيىلىك بر رەسسام پەمىدۇرنىڭ قىپقىزىل مېۋىسىنى كۆرۈپ، ئاغزىغا سېرىقسۇ كېلىپ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر تال يەپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ تاتلىق چۈچۈمەل، تەمىنىڭ ئېسىل ئىكەنلىكىنى سەزگەن. بۇ ئىش مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پەمىدۇرنى سۈنئىي ئۆستۈرۈش ياۋروپادا ئەۋج ئالغان.

بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالما، ياڭاق، كاۋچوك دەرىخى، قەھۋە قاتارلىقلارنىڭ ياۋايى تۈرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەسلىي چىققان جايلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان سورتلىرى پۈتۈنلەي كۆندۈرۈپ يېتىشتۈرۈش، ئۇلاش ياكى شالغۇتلاشتۇرۇش جەريانلىرى ئارقىلىق قولغان كەلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#