رودىن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رودىنھەيكەلتىراش رودىن(غۇد) فىرانسىيەلىك بولۇپ، ھەيكەلتىراشلىقنىڭ يېڭى كىلاسسىزمدىن رومانتىزمغا ئۆتۈش مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەكىلى. 1784-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، 1855-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پارىژدا ۋاپات بولغان.
رودىن بىر نامرات، خرىستىئان دىنى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .دادىسى ساقچى،ئانىسى بولسا نامرات ئائىلە ئايالى ئىدى. رودىن كىچىكىدىن سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ، باشقا دەرستە ناچار ئىدى .ئاچىسىنىڭ قوللىشى بىلەن دادىسى ئۇنىڭ پارىژ گۈزەل سەنئەت ھۈنەر - سەنئەت مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇشىغا قوشۇلىدۇ.
1831-يىلى رودىننىڭ «تاشپاقا بىلەن ئويناۋاتقان بالا» ناملىق ئەسىرى كۆرگەزمىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ 1835-يىلىدىن 1836-يىلىغىچە پارىژ زەپەر دەرۋازىسىنىڭ قاپارتما نەقىشىدىكى «1792-يىلىدىكى پىدائىيلار» نى ئىجاد قىلىدۇ،«1792-يىلىدىكى پىدائىيلار» كېيىن دۇنياغا داڭلىق بولغان «مارسېلېزا» فىرانسىيە خەلقىنىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش خاتىرە مۇنارى بولۇپلا قالماي، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە قىزغىنلىقى ئىپادىلەنگەن ئۆلمەس ئەسەردۇر. فىرانسىيە تارىخىدىكى ئىنقىلاب تەسۋىرلەنگەن بۇ ھەيكەلتىراشلىق ئەسىرىدە كىنايە شەكلى قوللىنىپ، ھەم رومانتىزملىق قايناق ھېسسىيات، ھەم كىلاسسىزملىق قىياپەت ئىپادىلەنگەن. رودىن ئىلگىرى داڭلىق يېڭى كىلاسسىزملىق رەسسام داۋېدنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم 1814-يىلىدىن 1872-يىلىغىچە سۈرگۈن قىلىنغان داۋېدقا ھەمراھ بولۇپ بىريۇسسېلىگە بارغان. رودىن ئىجاد قىلغان داۋېدنىڭ يېرىم ھەيكىلى ھازىر لۇۋېر سارىيىدا ساقلانماقتا.
1875 -يىلى ئىتالىيەگە ساياھەتكە بېرىپ،مىكېلانگىلو ئەسەرلىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېكىتكەن.«تۇچ دەۋرى»،« مۇتەپەككۇر »،« ۋىكتور ھيوگو »، « كالاي پىدائىيلىرى » ۋە « بالزاك »،«پىيادە ئادەم » قاتارلىق ئەسەرلىرى فرانسىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان.
رودىننىڭ ئەسەرلىرى ئاساسلىقى بىر يۇسسېل بىلەن پارىژدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ يۇرتى دىژوندا رودىن مۇزىيى قۇرۇلغان.
سەنئەت بىلەن سەنئەتكارنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى پايانسىزلىقتا بىر روھ كۆمۈلۈپ ياتقان بولىدۇ. بۇ روھ-سەنئەتكارنىڭ جېنى ۋە قېنى. سەنئەت ئەسىرنىڭ ھەممە نېمىسى.ئۇ دەل-چىن ھېسسىيات ۋە ئىلھام مەنبەسى تۇرمۇشتۇر. بۇ يەردىكى چىن ھېسسىيات روھتكى مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. قەلبتىن قەلىبكە بولغان ساپ تۇيغۇلارنى پەپىلەيدۇ ۋە ئاسرايدۇ.
رودىننىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن « بۇرنى يارلانغان ئەر » ( 1864 ) ، « برونزا دەۋرى » ( 1876 - يىلى ) ، « سان يوھاننىڭ نەسىھەتلىرى » ( 1878 ) ، « دوزاخ ئىشىكى » ( <1880-1917年> ) ، « ئادام » ( 1880 - يىلى ) ، « ھەۋۋا » ( 1881 - يىلى ) ، « كالاي پىدائىيلىرى » ( <1884-1> 886 - يىلى ) ، « سۆيۈش » ( 1886 ) ، « بالزاك » ( 1897 ) ، « ھيوگو » ( 1897 ) قاتارلىقلار بار.
1. سەنئەتكارنىڭ ئەخلاقى پەقەت ئەقىل، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ساداقەت،ئىرادىدىن ئىبارەت .
2. دۇنيادا ئەزەلدىن گۈزەللىك كەم ئەمەس، بەلكى گۈزەللىكنى بايقايدىغان كۆز كەم.
3. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ھېس قىلىش، مۇھەببەت ۋە نەپرەت،ئۈمىد،ئوقۇش،ھايات كەچۈرۈش. سەنئەتكار بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن، ئادەم بۇلۇش كېرەك.
4. سەنئەتكارنىڭ نەزىرىدە، ھەممىسى گۈزەلدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزى مەۋجۇداتلارنىڭ يادروسىنى كۆرەلەيدۇ؛ شەيئىلەرنىڭ سىرتىدىن ئىچىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى « چىن »لىقنى كۆرىدۇ. بۇ « چىن »لىق دەل « گۈزەللىك ».[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.