سېمىزئوت ئۇرۇقى

سېمىزئوت ئۇرۇقى

سېمىزئوت ئۇرۇقى بولسا سېمىزئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك سېمىز ئوتنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. ئۇرۇقى ناھايىتى ئۇششاق، رەڭگى قارا، تەمسىز، پۇرىقى ئاجىز بولىدۇ. قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى سېمىزئوت ئۇرۇقى
ئىنگلىزچە purslane Seed
باشقا نامى بەزۇل، بەقلەتولھۇمقا(ئە)، تۇخمى خىرپە، خىرفەكى(پ)، بىج(ئو).
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马齿苋子
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېمىزئوت ئۇرۇقىسېمىزئوت ئۇرۇقى بولسا   سېمىزئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك سېمىز ئوتنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. ئۇرۇقى ناھايىتى ئۇششاق، رەڭگى قارا، تەمسىز، پۇرىقى ئاجىز بولىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشەش، سەپرا ۋە قاننىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، چىراينى پارقىرىتىش، قان تازىلاش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، قان توختىتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا، سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، تولا يېسە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى 1:4 نىسبەتلىك قويۇقلۇقنىڭ تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچىسى ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىلەرنىمۇ تورمۇزلايدۇ.

ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نۇر ئادرېنالىن (Noradrenalin) ۋە كۆپ مىقداردا كالىي تۇزى كالىي نىترات، كالىي خلور، كالتسىي سۇلفات قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا دوپامىن (Dopamine)، ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، گليۇتامىك كىسلاتا، ئاسپاراگنىك كىسلاتا، ئالانىن، قومۇش شېكىرى، ئۈزۈم شېكىرى، مېۋە قەنتى قاتارلىقلار بار. ھەربىر 100 گرام يىگىلى بولىدىغان قىسمى تەركىبىدە ئىككىدە ئۈچ گرام ئاقسىل ماددىسى، 0.5 گرام ماي، 3 گرام شېكەر،0.7 گرام يىرىك تالا،85 مىللىگرام كالتسىي، 65 مىللىگرام فوسفور، بىردە بەش مىللىگرام تۆمۈر، 2.32 مىللىگرام كارۇتىن، 23 مىللىگرام ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار. ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئالكولوئىد، كومارىن خىلىدىكىلەر فلاۋونلار، يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلۇكوزىد، ئانىتراكوينۇن گلۇكوزىدى قاتارلىقلار بار.

1. قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام، شوخلادىن 15 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشكە شىپا بولىدۇ. 2. تەمرى ھىندى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، زىخ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن10گرامدىن ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ. 3. سېمىزئوت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىدە ئاق سەندەلنى سۈرۈپ باشقا چاپسا، باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى، باش ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۆپ ئۇسساش، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن بولغان كېسەللىكلەر، سۈيدۈك كۆيدۈرۈپ كېلىش، سىزلام، مېڭە پەردە ياللۇغى (سەرسام)، قىزىتما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى

3 ~ 5 گرامغىچە.

ساقلاش

ياز ۋە كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن پۇتۈن قۇرۇتۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ ساقلايمىز.

تۈزەتكۈچىسى

بادىيان، ھەسەل، پىننە، كەرەپشە، يالپۇز.

ئورۇنباسارى

ئىسپىغۇل، سېمىزئوت، ئاق قەنت.

قۇرسى كاكىنەچ، شەربىتى بۇزۇرى، داۋائى مىشكى، مۇفەررىھى بارىد. بەنە دىقۇلبەزۇرى، قۇرسى سەرتان.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#