سەرتان نەھرى

سەرتان نەھرى

بۇ ئېرىق − ئۆستەڭلەردە ياشايدىغان بىر خىل سۇ جانىۋارى بولۇپ، بېشى چايانغا ئوخشايدۇ، جاراھەت پۈتتۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش، غىزا بولۇش، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، سەمرىتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، مەستلىكنى كېسىش، زەھەر قايتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

دورا نامى سەرتان نەھرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 河蟹

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ئېرىق − ئۆستەڭلەردە ياشايدىغان بىر خىل سۇ جانىۋارى بولۇپ، بېشى چايانغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جانىۋار «سۇ چايىنى» دېيىلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى چىشىسى بولۇپ، بۇنىڭ بەلگىسى شۇكى، ئۇنىڭ بەدىنىگە يىڭنىنى سانجىپ كۆرسە، ئەگەر ئاق سۇ چىقسا، چىشى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سۇ چىقمىسا، ئەركىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ چوڭ ئۆستەڭ ۋە سۈيى تاتلىق دەريالاردا بولغىنى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

جاراھەت پۈتتۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش، غىزا بولۇش، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، سەمرىتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، مەستلىكنى كېسىش، زەھەر قايتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش.

ھەر خىل جاراھەت، باھ ئاجىزلىقى، ئورۇقلاش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۆپ ئۇسساش، مەستلىك، يۇقىرى قىزىتما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. سەرتان نەھرىدىن ئىككى ياكى ئۈچ دانە ئېلىپ قول − پۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاپ، يۇيۇپ، ئارپا ئۇنى بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، سىل ۋە ئىسسىقتىن بولغان قۇرۇق يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، ئەزالاردىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىدۇ، ئىسسىقچان ۋە ئورۇق كىشىلەرنى سەمرىتىدۇ.

2. سەرتان نەھرىنى كەرەپشە، ئارپىبەدىيان بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، قاينىتىلغان سۈيىدىن 90 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بېرىلسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى ئېزىدۇ، سۈيدۈكنى ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.

3.سەرتان نەھرىنى تاغ رەيھىنى بىلەن ئېزىپ چايان چاققان كىشىلەرگە بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.

4. سەرتان نەھرىنى ئاق ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، سىيەلمەسلىك كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، سۈيدۈك يولىدىكى ئۇششاق تاشلارنى چۈشۈرىدۇ.

5.سەرتان نەھرىنى ئېشەك سۈتى بىلەن ئىچسە ئۆمۈچۈك، چايان ۋە باشقا زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.

6. سەرتان نەھرىنىڭ ئېزىپ چىقىرىلغان شىرنىسىدىن 20 گىرامنى غار − غار قىلسا، گال بوغۇلۇپ قېلىش ۋە گال ئاغرىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

7. سەرتان نەھرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن كۈلىنى زىمات قىلسا ئەمچەك راكىغا پايدا قىلىدۇ. 8. سەرتان نەھرىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ چاپسا، ئاق داغ ۋە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئىششىقلارغا پايدا قىلىدۇ، جاراھەتنى قۇرۇتىدۇ.

9. سەرتان نەھرىنىڭ كۈلىنى زەيتۇن يېغى، سىركە، جاۋاشىر، يۇلغۇن يېلىمى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ مەلھەم قىلىپ، غالجىر ئىت چىشلىگەن يەرگە چاپسا پايدا قىلىدۇ، ئەگەر كېسەل بىرئاز كونىراپ قالغان بولسا، ئىككى قوشۇق مىقداردا ئىچىلىدۇ.

كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كۈلى ۋە خېمىرىدىن 12 ~1 گىرام بېرىلىدۇ.

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

گىلى مەختۇم.

سەدەپ قۇلۇلىسى.

ئېلىمىزنىڭ دەريالىرىدىن چىقىدۇ.

بۇنىڭ پۇت − قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ، ئىچىنى تازىلاپ، ئاندىن كېيىن سۆگەت ياغىچىنىڭ كۈلى ۋە تۇز بىلەن ئوبدان يۇيۇلىدۇ، ئاندىن كېيىن سۇ تەگمىگەن ساپال كوزىغا سېلىپ ئېغىزىنى ئوبدان بېكىتىپ، بۇغداي كېپىكى، لەيلىقازاق ۋە تۇز بىلەن لاي قىلىپ كوزا ئېغىزى چاپلىنىپ قۇرۇتۇلىدۇ، ئاندىن ئوت سېلىنغان تونۇرنىڭ ئوتىنى تارتىۋېلىپ، كوزىنى ئوتتۇرىسىدا قويۇپ، تونۇر دۈملەپ قويۇلىدۇ، ئاخشامدا قويساق ئەتىگەندە، ئەتىگەندە قويساق ئاخشامدا ئېلىپ ئىشلىتىمىز.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#