جاڭ خېڭ

جاڭ خېڭ مىلادىيە 78-يىلى خېنەننىڭ نەنياڭدىكى شىئې (بۈگۈنكى خېنەننىڭ نەنجاۋ ناھىيەسى) دا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ خېڭ
خەنزۇچە ئىسمى 张衡
باشقا نامى 张平子
كەسپى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى، كىتاب يېزىپ تەلىمات يارىتىش
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 78-يىلى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 139-يىلى
مىللىتى خەنزۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1800 نەچچە يىل ئىلگىرى، ياۋروپالىقلار يەر تەۋرەشنى تەڭرىنىڭ ئىنسانلارنى جازالىشى دەپ قارايدىغان چاغلىرىدا، جۇڭگونىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ خېڭ (78 −139) ئىسىملىك كىشى ئاستانە لوياڭدا يەر تەۋرەشنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان «سېيسموگراف» نى ياساپ چىققان، بۇ دۇنيا بويىچە يەر تەۋرەشنى ئۆلچەيدىغان تۇنجى ئەسۋاب. بۇ ئەسۋابتا ئاغزىغا مىس شار چىشلەپ تۇرغان سەككىز ئەجدىھا تۆۋەن تەرەپتىكى ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان سەككىز پاقىغا قاراپ تۇرىدۇ، قايسى يۆنىلىشتە يەر تەۋرىسە، شۇ تەرەپتىكى مىس شار پاقىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. مىلادىيە 138-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇ ئەسۋاب 1000 چاقىرىم يىراقلىقتىكى لۇڭشىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشنى خاتىرىلەيدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئەسۋابتىن پايدىلىنىپ يەر تەۋرەشنى خاتىرىلىشى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ يەر تەۋرەشنى بويسۇندۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 جاڭ خېڭ خېنەننىڭ نەنياڭدىكى شىئې (بۈگۈنكى خېنەننىڭ نەنجاۋ ناھىيەسى) دا تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، تۇرمۇشىنى يېقىنلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن قامدىغان. نامراتلىق جاڭ خېڭدا ئاددىي-ساددا ھەم قەيسەر پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەن، ئۇ كىچىكىدىنلا تىرىشىپ ئوقۇپ، كۆپلەپ كىتاب كۆرۈپ، كېيىن ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

جاڭ خېڭ دەسلەپكى يىللىرى ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەينى چاغدىكى ئالتە چوڭ رەسسامنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. 34 يېشىدا، قىزىقىشىنى تەبىئىي پەنگە يۆتكەپ، ناھايىتى تېزلا ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق ۋە ماتېماتىكىنى پىششىق ئۆگىنىپ، ئىلىم-پەن تارىخىدىكى نۇرغۇن بىرىنچىلەرنى ياراتقان.

جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئاسترونومىيەسىدە نۇرغۇن ئېقىملار بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى، ئاسمان شارى تەلىماتى ۋە كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى قاتارلىقلار بار، جاڭ خېڭ ئاسمان شارى تەلىماتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: ئاسمان يۇمىلاق بولۇپ، تۇخۇم پوستىغا ئوخشايدۇ؛ يەر شار شەكلىدە بولۇپ، تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا ئوخشايدۇ. ئاسمان چوڭ، يەر كىچىك بولۇپ، ئاسماننى ھاۋا تىرەپ تۇرىدۇ، يەر مۇئەللەقتە تۇرىدۇ، ئاسماننىڭ يېرىمى يەردە، يېرىمى يەرنىڭ تېگىدە بولىدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئاسمان شارىنىڭ پوستىغا جايلىشىپ، ئاسمان بىلەن بىللە ئايلىنىدۇ. جاڭ خېڭ بۇ قائىدىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيە ئەسۋابى − سۇ بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاسمان گلوبۇسىنى ياساپ چىققان. بۇ ئەسۋابنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يوغان كاۋاك مىس شارچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئويۇلغان. مىس شار سۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئايلىنىپ، بىر كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ، كەچ كىرگەندە، كىشىلەر ئەسۋابتىن يۇلتۇزلارنىڭ چىقىشى، غايىب بولۇشىنى كۆرەلەيدۇ، بۇ ئەمەلىي كۆزىتىلگەن ئاسمان جىسىملىرى بىلەن تامامەن بىردەك. بۇ، دۇنيا بويىچە ئالەم ھادىسىلىرىنى بىرقەدەر ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن تۇنجى ئەسۋاب.

جاڭ خېڭ يەنە دۇنيا بويىچە ھاۋا رايىنى ئۆلچەيدىغان تۇنجى ئەسۋابنى ياساپ چىقىدۇ، بۇ «شامال ئۆلچىگۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ياۋروپادا 12-ئەسىردە ياسالغان شامال ئۆلچىگۈچتىن 1000 يىلدىن ئارتۇق ئىلگىرى. ئۇ ماتېماتىكىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئۇتۇقلارنى قازانغان، ئۇنىڭ ھېسابلاپ چىققان چەمبەر تۇراقلىقى 16.3 دىن كۆپرەك ئىدى، بۇ بەك توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن ھىندىستان، ئەرەب ماتېماتىكلىرى ھېسابلاپ چىققان ئوخشاش نەتىجىدىن تەخمىنەن 500 يىل ئىلگىرى تۇرىدۇ.

جاڭ خېڭ يەنە ئاينىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇپ يورۇقلۇق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاي تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى تۇنجى قېتىم توغرا ئىزاھلىغان. ئۇ قۇياشنىڭ ئالەمدىكى ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، قىشتا كۈن قىسقا، تۈن ئۇزۇن بولۇش ۋە يازدا كۈن ئۇزۇن، تۈن قىسقا بولۇش قائىدىسىنى چۈشەندۈرگەن ھەم ئەينى چاغلاردىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرى ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، «رەسەتنامە» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتابتا ئەينى چاغدا لوياڭدا تۇرۇپ كۆزەتكەن 2500 يۇلتۇز خاتىرىلەنگەن ۋە ئېلىمىزدىكى مۇكەممەل يۇلتۇزلار خەرىتىسىنى تۇنجى قېتىم سىزىپ چىققان، بۇ نەتىجە يېقىنقى زاماندىكى ئاسترونوملارنىڭ كۆزەتكىنى بىلەن خېلىلا ئوخشىشىدۇ. ئۇ ھېسابلاپ چىققان يەر شارى نىڭ قۇياشنى ئايلىنىش يىلىنىڭ سان قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#