كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى

كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى

كەلگۈسىدىكى قاتناش قواللىرىنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ، سەنئىي ھەمراھ بىلەن ئورۇن بەلگىلەش-يول باشلاش سىسېتمىسى ھەر خىل قاتناش قوراللىرىدا ئىشلىتىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ۋە بىخەتەرلىكى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى
خەنزۇچە نامى 未来的交通工具

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرىپەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار بىزگە كەلگۈسىدىكى خىيالىي قاتناش خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىۋاتىدۇ.

بىرىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش قواللىرىنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ، سەنئىي ھەمراھ بىلەن ئورۇن بەلگىلەش-يول باشلاش سىسېتمىسى ھەر خىل قاتناش قوراللىرىدا ئىشلىتىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ۋە بىخەتەرلىكى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچى، كەلگۈسىدە قاتناش قوراللىرىنىڭ مېڭىش سۈرئىتى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ھەتتا ئون نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، چىداملىقى يۇقىرى بولغان بىرىكمە ماتېرىياللار بىلەن ئاپتوموبىل گەۋدىسى ياكى ماشىنا گەۋدىسى ياسىلىدۇ، يۇقىرى تېمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چاقچۇقلاردىن گېنېراتور ياسىلىدۇ.

ئۈچىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش ئەھۋالىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ. مەسىلەن، پۈتۈنلەي كومپىيۇتېر بىلەن كونترول قىلىنىدىغان سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋادا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاپتوموبىلنى يەر يۈزىدىكى يولدا ھەيدىگىلى بولىدۇ؛ پويىزلارنىڭ سۈرئىتى ئاۋازنىڭ سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. كەلگۈسىدە يەنە ئالاھىدە سەپلەنگەن ۋاكۇئوملۇق تونىللاردا ماڭىدىغان پويىزلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى ئاۋازنىڭ سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. كەلگۈسىدە يەنە ئالاھىدە سەپلەنگەن ۋاكۇئوملۇق تونىللاردا ماڭىدىغان سوپېر ئۆتكۈزۈشچان ماگىنىتلىق سۇسپېنزىيلىك يېڭى تىپتىكى پويىزلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 1000 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئايروپىلانلار قوش گەۋدىلىك بولۇپ، 2000 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرالايدۇ، سۈرئىتى تېز، مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تۆتىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى يەنە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىدا يولغا تۈز ھالەتتىكى لىفت ياتقۇزۇلىدۇ. ئۇ توختىماستىن ئالدىغا مېڭىپ تۇرىدۇ. لىفتقا دەسسەپ تۇرسىلا كىشىلەرنى بارماقچى بولغان يېرىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. 

بەشىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرىغا ئومۇميۈزلۈك تازىلانغان ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ. مۇھىتنى قايتا بۇلغىمايدۇ، مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيىسى، يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#