سېرىق شەمشاد

ياپونىيىنىڭ ئاتاقلىق بۇددا دىنى رايونى بولغان كويا تېغىدا بىر پارچە سېرىق شەمشادزارلىق بار. ئۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 −40 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 3 مېتىر كېلىدۇ. سېرىق شەمشاد ھازىرقى زامانغىچە ئامان قالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دەرەخ شەكلى بېجىرىم، تۇرقى ئىنتايىن كېلىشكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان بەش چوڭ دەرەخنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سېرىق شەمشاد
تارقالغان رايونلار ياپونىيە ، جۇڭگو شەندۇڭ ، جياڭشى ، جياڭسۇ ، شاڭخەي ، جېجياڭ ، خۇبېي
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قارىغاي شەمشاد تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى سېرىق شەمشاد ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 金松
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى شەمشاد ئائىلىسى
تۈرى سېرىق شەمشاد

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    سېرىق شەمشاد يەنە كۈنلۈكسىمان شەمشاد، ياپونىيە سېرىق شەمشادى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى ئىككى تال ھەقىقىي يوپۇرماق قوشۇلۇپ شەكىللەندۈرگەن تار-ئۇزۇن يىپسىمان يوپۇرماق، ئۇ ياپىلاق ھەم قېلىن، قېنىق يېشىل ھەم پارقىراق كېلىدۇ؛ يەنە بىرخىلى سارغۇچ قوڭۇررەڭلىك تەڭگىچىسىمان كىچىك يوپۇرماق. ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق-ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە بولۇپ، شارچە مېۋىسى تۇخۇمسىمان ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك، ئۆكتەبىردە پىشىدۇ، ئۇرۇقىدا تار قانىتى بولىدۇ .

سېرىق شەمشاد ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىغا ئۇدۇل قىلىپ تىكىپ ئۆستۈرۈشكە ياكى گۈلزارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا يالغۇز تىكىپ ئۆستۈرۈپ، گۈلزارلىقتىكى مەركىزىي دەرەخ قىلىشقا ماس كېلىدۇ. ھويلا باغچىسىغا 3 ~5 تۈپنى بىر يەرگە توپ تىكىپ ئۆستۈرسە ئىنتايىن كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

 مەملىكىتىمىزنىڭ خاڭجۇ، شاڭخەي، چىڭداۋ، نەنجىڭ، لۇشەن، ۋۇخەن قاتارلىق جايلىرىنىڭ ھەممىسىدە تىكىپ ئۆستۈرۈلمەكتە، ئۇ دۇنياغا تونۇلغان مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#