ئانار ئۇرۇقى

ئانار ئۇرۇقى

ئانار ئۇرۇقى بولسا ئانار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ئانار كۆچىتىنىڭ كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا يېغىۋېلىنىپ، ئانار دانىلىرىنى ئايرىپ ئېلىپ سىقىپ سۈيى چىقىرىۋېلىنىپ، ئۇرۇقىنى ئايرىپ ئېلىپ، قۇرۇتۇلغان قىسمى بولۇپ، بۇ ئۇرۇق «ئانار ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.چىشنىڭ تۈۋىنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئانار ئۇرۇقى
ئىنگلىزچە Pomegranate Seed
خەنزۇچە نامى 石榴子
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانار ئۇرۇقىبۇ ئانار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئانار كۆچىتىنىڭ كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا يېغىۋېلىنىپ، ئانار دانىلىرىنى ئايرىپ ئېلىپ سىقىپ سۈيى چىقىرىۋېلىنىپ، ئۇرۇقىنى ئايرىپ ئېلىپ، قۇرۇتۇلغان قىسمى بولۇپ، بۇ ئۇرۇق «ئانار ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقى قىرلىق، ئۇرۇق پوستى سۇس سېرىق رەڭلىك ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك، قاتتىق كېلىدۇ، ئۇرۇق مېغىزى سۈتتەك ئاق، تەمى ئاچچىق، ئازراق پۇراقلىق بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، تولغاق، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

قورۇش، تۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى، قاننى توختىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، ھەزىمنى ياخشىلاش، چىشنىڭ تۈۋىنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

ئەكىس تەسىرى

قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئانار ئۇرۇقى يېغى ئوكۇلىنى تۇخۇمدېنى ئېلىۋېتىلگەن ياش چىشى چاشقان ياكى بالا چاشقانغا ئوكۇل قىلسا، ھورمونغا ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خىمىيىلىك تەركىبى

ئانار ئۇرۇقى تەركىبىدە ئانار كىسلاتاسى ۋە ماي قاتارلىقلار بار.

ئانار ئۇرۇقى1. ئانار ئۇرۇقى، تاباشىر، قېتىقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئانار پوستى بىلەن تاباشىرنى سوقۇپ قېتىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. پىننەدىن 10 گرام، ئانار ئۇرۇقىدىن 8 گرام، قاقىلەدىن 5 گرام، لاچىندانەدىن 5 گرام، قەلەمپۇردىن 3 گرام، قائىدە بويىچە سوقۇپ، تالقانلاپ، تاسقاپ چايلىق قىلىپ ئىچسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. ئانار ئۇرۇقىنى قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ تالقان تەييارلاپ، كۈندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان ئاجىزلىقى، تولغاق، چىش بوشاپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

6 ~4  گرامغىچە.

ساقلاش

ئانارپىشقاندىن كىيىن ئۇرىقىنى يىغىۋىلىپ،قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

سۈت، بادام مېغىزى

ئورۇنباسارى

زىخ

شەربىتى ئەنجىباھار، مەجۇنى ئاقاقىيا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=455

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=455

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#