قۇلاق ياللۇغى

قۇلاق ياللۇغى

قۇلاق ياللۇغى — قۇلاق قىسمىدا بولىدىغان ياللۇغ بولۇپ، مېدىتسىنادا ئادەتتە تاشقى قۇلاق ياللۇغى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تاشقى قۇلاق بولسا قۇلاق ۋە قۇلاق يولىنى كۆرسىتىدۇ .. ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بولسا ئوتتۇرا قۇلاق بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ بارلىق ياكى قىسمەن ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەيرىي خاس خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش بالىلاردا ئاسان يۈز بېرىدۇ، يىرىڭسىز ۋە يىرىڭلىق ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى قۇلاق ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ياكى يۇقۇملىنىش، چاقا-مۇدۇرلارنىڭ چىقىشى
تەۋە بۆلۈم قۇلاق - بۇرۇن - كېكىردەك بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى قۇلاق چىڭقىلىپ قادىلىپ باش قوشۇلۇپ ئاغرىش، ئېغىرلىق سېزىلىش، ئىششىش، ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 耳炎
كېسەللىك ئورنى قۇلاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇلاق ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ياكى يۇقۇملىنىش، چاقا-مۇدۇرلارنىڭ چىقىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: قۇلاق چىڭقىلىپ قادىلىپ باش قوشۇلۇپ ئاغرىش، ئېغىرلىق سېزىلىش، ئىششىش، ئاغرىش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، بابۇنە، زىغىر 30 گىرامدىن، كۈنجۈت يېغى 100 گىرام، ئاق موم 50 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: موم ۋە كۈنجۈت يېغىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ كۈنجۈت يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە مونى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ئەتراپىغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

قۇلاق ياللۇغىتەركىبى: سۇزاپ سۈيى 420 گىرام، قىزىل قىچا، ئاق قىچا، ئاقىرقەرھا ئۈچ گىرامدىن، كۈنجۈت يېغى، زەيتۇن يېغى 270 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇزاپ سۈيىگە چىلاپ، كۈنجۈت ۋە زەيتۇن ياغلىرىنى قۇيۇپ، سۈيى پارغا ئايلىنىپ بولغۇچە قاينىتىپ رەۋغەن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: پىياز سۈيى 100 گىرام، سىركە 50 گىرام، سوقۇلغان ئەنزىرۇت 10 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#