ھەرە چېقىۋېلىش

ھەرە چېقىۋېلىشتىن يەرلىك ئورۇندا قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىش، ھەتتا بەزىلىرىدە ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن باش قېيىش، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھەرە چېقىۋېلىش
تونۇش نامى feng zhe shang
كېسەللىك ئورنى تىرە
خەنزۇچە نامى 蜂蛰伤
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرە چېقىۋېلىشھەرە چېقىۋېلىشتىن بولىدۇ.

ھەرە چېقىۋېلىشھەرە چاققان ئورۇن قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىيدۇ. ئەگەر كۆزنى چاققان بولسا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن باش قېيىش، قىزىتما، دەم سىقىش ۋە يەلتاشما چىقىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھەرە چېقىشتىن ھاياتقا خەۋپ يېتىش ئانچە كۆپ ئەمەس. لېكىن ھەرە تىلنى چېقىۋالسا ياكى ھەرە زەھىرىگە زىيادە سېزىمچان كىشى بولسا ئۆلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

زھەر قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

ھەرە چېقىۋېلىشئالدى بىلەن ھەرە چاققان جاينى سىقىپ قەپقالغان نەشتىرى چىقىۋېتىلىدۇ. ھەرە زەھىرى كىسلاتا خۇسۇسىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شولتا خۇسۇسىيەتلىك دورىلارنى ئىشلىتىپ زەھەر قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىلىدۇ.

ھارارەت پەسەيتىش مەقسىتىدە مەلۇم مىقداردا يۇمغاقسۈتنى ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. مۇز بىلەن شىياف تەييارلاپ ئارقى يولدىن كىرگۈزۈلىدۇ.

يەرلىك ئورۇندىكى ھارارەتنى تۆۋەنلىتىپ ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە: ھەمىشىباھار گۈلىنىڭ سىقىلغان سۈيى، ئاق لەيلى، سېمىزئوت، ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچلەرنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ يانچىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىلىدۇ ياكى تۆۋەندىكى چارىلەرنىڭ بىرەرسىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

1. لاتىنى سىركە بىلەن ھۆللەپ، مۇز ئۈستىدە قويۇپ سوۋۇتۇپ يەرلىك ئورۇنغا قويۇش.

2. كافۇر، ئارپا ئۇنى، سوقۇلغان كۈنجۈتلەردىن بىرىنى سىركە بىلەن چېپىش.

3. ھۆل يۇمغاقسۈت سۈيىنى كافۇر ياكى سىركە بىلەن چېپىش.

4. ھەرە ئۇۋۇتۇپ زەھەر قايتۇرۇش مەقسىتىدە: ئالمىنىڭ سۈيى، سىركەنجىۋىل، ئاچچىق ئانار سۈيى، تەرخەمەك سۈيى، ھۆل كاسىنىنىڭ سۈيى، ئوسۇڭنىڭ سۈيى، يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈلىدۇ.

5. زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە لوغانزىيا 1×2×5~7 نى ئەرقى شوخلا ياكى ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=935

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#