- سىيەك يېزىسى (كېرىيە ناھىيەسى)
- سىيەك يېزىسى (يوپۇرغا ناھىيەسى)
سىيەك يېزىسى
سىيەك يېزىسى كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 16 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزىنىڭ شىمال تەرىپىدە توغراغاز يېزىسى، شەرق تەرپىدە دېھقانچىلىق مەيدانى بار، جەنۇبىي تەرىپى شەنبەبازار بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىۋول يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىيەك يېزىسى كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 16 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزىنىڭ شىمال تەرىپىدە توغراغاز يېزىسى، شەرق تەرپىدە دېھقانچىلىق مەيدانى بار، جەنۇبىي تەرىپى شەنبەبازار بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىۋول يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 220.48 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كېرىيە دەرياسى تاشقىن تىنما تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي قىسىمىنىڭ يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. تۇپراقنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر، تۇپراق سۇغىرىلما تىنما تۇپراق بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1416.5 مېتىر كېلىدۇ.
يېزىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق ھەم قۇرغاق بۇلۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 210 كۈن ئەتراپىدا. ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.