ئەينۇلا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئەينۇلا (مېۋىنىڭ تۈرى)
  2. ئەينۇلا (خام دورا)
مېۋىنىڭ تۈرى

ئەينۇلا

ئەينۇلا

ئەينۇلا (Prunus salicina Lindl.)، ئازغان ئائىلىسى ئالۇچا ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، يەنە باشقا جياچىڭزى، ئالۇچا، تاغ ئەينۇلىسى قاتارلىق ناملىرى بار. مېۋىسى 7-8-ئايلاردا پىشىدۇ. سىرتىقى شەكلى سىلىق، چىرايلىق، تەمى تاتلىق، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئەينۇلا
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلمەكتە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئالۇچا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 李子
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى ئالۇچا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەينۇلائەينۇلا (ئۆزگەرگەن تۈر) يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ، ئېگىلىكى 9-12 مېتىر؛ دەرەخ تاجىسى كەڭ كېلىدۇ، دەرەخ قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ قوڭۇر، ئېگىز-پەسلىكى ئوخشاش ئەمەس؛ قېرى شېخى بىنەپشە قوڭۇر ياكى قىزىل قوڭۇر رەڭ، تۈكسىز، تاقىر؛

كىچىك شاخلىرى ساغۇچ قىزىل، تۈكسىز، تاقىر؛ قىشلىق بىخ تۇخۇمسىمان، قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ، بىر دانە قاسراقلىرى كاھىشسىمان تىزىلغان بولىدۇ، ئادەتتە تۈكى يوق، گىرۋەكلىرى ناھايىتى شالاڭ تۈكلۈك بولىدۇ.  

يۇپۇرمىقى 

يوپۇرمىقى سوقىچاق تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنچاق ئېللىپسسىمان، سوقىچاق تۇخۇمسىمان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 6-8 (-12) سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3-5 سانتىمېتىر، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، قۇيرۇق ئۇچى ئۇچلۇق ياكى كالتە، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك.

چېچىكى 

گۈل چېچىكى ئادەتتە ئۈچ تال بولۇپ ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ دىئامىتىرى 1.5-2.2 سانتىمىتىر؛ گۈل كاسا نەيچىسى قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى سوقىچاق تۇخۇمسىمان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 5 مىللىمېتىر، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق ياكى يۇمىلاق، شالاڭ چىشلىرى بار، گۈل كاسىسى سىرتقى تۈكى يوق، ئىچىدىكى كاسا نەيچىسى تۈۋىدە شالاڭ تۈكلۈك بولىدۇ؛ گۈل تاجى ياپراقچىلىرىنىڭ رەڭگى ئاق، سوقىچاق تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئالدى ئۇچى يىمىرىدىغان، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، روشەن بەلباغ بىنەپشە رەڭلىك تومۇرى بولىدۇ، قىسقا پەنجىلىك ئۆسىدۇ، گۈل چىنىسى كانايسىمان؛ ئاتىلىقى كۆپ سانلىق، گۈل يىپى ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، گۈل بەرگى قىسقا؛ ئانىلىقى 1 تال، تۈۋرۈك بېشى تەخسىسىمان، ئاتىلىقى ئانىلىقىغا قارىغاندا سەل ئۇزۇن بولىدۇ. 

مېۋىسى 

ئەينۇلامېۋىسى يۇمىلاق، تۇخۇم شەكىللىك ياكى كونۇسسىمان شەكىلدە، دىئامىتىرى 3.5-6 سانتىمېتىر، ئۆستۈردىغان سورتلىرىنىڭ 7 سانتىمىتىر، سېرىق رەڭلىك ياكى قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، بەزىدە يېشىل ياكى سۆسۈن رەڭلىكلىرىمۇ بار، مېۋە تۈۋى ساپاقلىق، تۆپە تەرپى سەل ئۇچلۇقراق، تۈۋى قىسمىدا تىك ئېرىقچە بار؛ ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق. چېچەكلەش مەزگىلى 4-ئاي، مېۋە بېرىش مەزگىلى 7-8-ئايلار.

ئەينۇلائەينۇلىنىڭ كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تۇپراق يەر قەۋىتى بىر قەدەر چوڭقۇر، مۇئەييەن ئۈنۈمدارلىقى بولسا قانداقلىكى تۇپراق بولىدۇ. ھاۋا ۋە تۇپراقنىڭ نەملىكىگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى، تۇپراق قەۋىتى، توپا قاتلىمى چوڭقۇر ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى تۆۋەنرەك بولغان جايلاردا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپق كېلىدۇ. 

تاغ باغرىدىكى چاتقاللىقلاردا، تاغلىق، شالاڭ ئورمانلىق ياكى سۇ بويى قاتارلىقلاردا ئۆسىتۈرۈشكە مۇۋاپىق.

جۇڭگونىڭ لياۋنىڭ، جىلىن، شەنشى، گەنسۇ، سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، جىياڭسۇ، جېجىياڭ، جياڭشى، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.  

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 400-2600 مېتىر. جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىنىڭ مۇھىم بولغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىرى.

 

ئەينۇلاتۈكلۈك ساپاقلىق ئالۇچا (ئۆزگەرگەن تۈر)

Prunus salicina L. var. pubipes (Koehne) Bailey

بۇ خىل تۈردىكى ئەينۇلىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى شاخلىرى كىچىك، يوپۇرماقلىرى ئاستى ۋە يوپۇرماق ساپىقى ۋە گۈل ساپىقى ۋە گۈل كاسا نەيچىسى ئاساسىي قىسىملار زىچ يۇمران تۈكچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ.

گەنسۇ، سىچۈەن ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردا چاتقاللىق ئارىسىدا ياكى ئورمان بويىدا ئۆسىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600-1800 مېتىر.

ئەينۇلائەينۇلىنى ھۆل پېتى بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقىمۇ، قۇرۇتۇپ قاق قىلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھەر خىل قىزىتما، يۇقىرى قان بېسىم ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، نەزلە، يۆتەل، سەپرادىن بولغان تەپ ھەزىم ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

دورىلىق قىممىتى 

غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتنى پۇشۇرۇش، سۈرۈش، قان سەپرا خىلىتنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش،قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#